خىتاي، 2008 خارتىيىسىگە قول قويغان كىشىلەرنى باستۇرۇش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن

سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئۈچۈن دەرھال تەدبىر ئېلىش، دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق خەلق ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان پارلامېنت قۇرۇپ چىقىش، ئەدلىيە ئورۇنلىرىنى مۇستەقىل قىلىش ۋە فېدېرال جۇمھۇرىيەت قۇرۇش ئارقىلىق مىللىي مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە 300 دىن ئارتۇق خىتاي زىيالىيسى تەرىپىدىن ئىمزالانغان 2008 خارتىيىسى خىتايدىكى تور بەتلەردە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، مەزكۇر چاقىرىققا قول قويغان خىتاي زىيالىيلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ بەزىلىرى سوراق قىلىنغان ، بەزىلىرى بولسا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺕ
2008.12.25
Bao-Tong-ependi-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺖ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﯧﻜﺮﯦﺘﺎﺭﻯ ﺟﺎﯞ ﺯﯨﻴﺎﯕﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﻛﺎﺗﯩﭙﻰ، 2008 ﻧﯩﺰﺍﻣﻨﺎﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﺎﯞ ﺗﻮﯓ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ.
RFA Photo

ئىستانسىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، ئەمدى بولسا خىتاي مەركىزى تەشۋىقات بۆلۈمى 2008 چاقىرىقنامىسىگە قول قويغان مەتبۇئات ساھەسىدە ئىشلەيدىغان كىشىلەرنى باستۇرۇش، مەزكۇر چاقىرىقنامىنى ئىمزالىغان خىتاي زىيالىيلىرى تەرىپىدىن يېزىلغان ماقالىلەرنى نەشر قىلماسلىق توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، بۇ كىشىلەرنىڭ باياناتلىرىنىڭ مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنىشىنى پۈتۈنلەي چەكلىگەن.

2008 خارتىيىسىنى ئىمزالىغان بېيجىڭدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىرى بولغان جاۋ گۋاڭچاڭ خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ خىتايدىكى مۇخبىرلارنى مۇشۇ مەسىلە ئارقىلىق ئۆزىنى دۆلەت ۋە پارتىيىگە بولغان ساداقىتىنى كۆرسىتىشكە مەجبۇرلاۋاتىدۇ، دېگەن. جاۋ گۋاڭچاڭنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 2008‏ - چاقىرىقنامىسىنى ئىمزالىغان خىتاي زىيالىيلىرىنى تۇتۇش، سوراققا تارتىش ، قورقۇتىش ۋە ئۇلارنىڭ باياناتلىرىنىڭ مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنىشىنى چەكلەش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ خىتاي زىيالىيسىنىڭ مەزكۇر چاقىرىقنامىنى ئىمزالىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلماقتا.

2008 خارتىيىسى دەسلەپتە 300 خىتاي زىيالىيسى، ئادۋوكاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى تەرىپىدىن ئىمزالانغان ئىدى. ئەمما مەزكۇر چاقىرىقنامىگە قول قويغانلارنىڭ سانى كۈنسېرى كۆپىيىپ، يېقىندا 500 كىشىدىن ئاشقان ئىدى.

لېكىن بەزى خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، 2008 خارتىيىسى ھەققىدە خىتاي مەتبۇئاتى ۋە خىتايدىكى تور بەتلەردە نۇرغۇنلىغان ماقالە ۋە مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت ئىچى - سىرتىدا قوللىغۇچىلىرى كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقان 2008 چاقىرىقنامىسى روھىنىڭ خەلق ئارىسىدا تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.

خىتاي زىيالىيلىرى، ئادۋوكاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، خىتاي ئاساسىي قانۇنىنى ئۆزگەرتىشكە ۋە كەڭ كۆلەملىك سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان 2008 خارتىيىسىنى ئېلان قىلىشى دۇنيا جامائەتچىلىكى ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.

چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى ۋە 77 خارتىيىسى دەپ ئاتالغان چاقىرىقنامىنىڭ لايىھىلىگۈچىسى ۋاتسلاۋ ھاۋەل يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى سابىق چېخوسلوۋاكىيە ھۆكۈمىتىدىن دەرس ئېلىشقا ۋە جاڭ جۇخۇا ۋە ليۇ شاۋبۇ قاتارلىق خىتاي زىيالىيلىرى تەرىپىدىن ئىمزالانغان ۋە خىتاي ئىچىدە تەسىرى كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان 2008 چاقىرىقنامىسىگە قۇلاق سېلىشقا چاقىرغان.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.