خىتاي 9 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى خۇپىيانە ھالدا ئىجرا قىلدى

خىتاي دائىرىلىرى بۇندىن بۇرۇن ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئالاقىدار ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 21 كىشى ئۈستىدىن سوت ئېچىپ 11 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن، ئەمما ئۇلارنىڭ جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنغان ‏- قىلىنمىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەن ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009-11-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﻪﺯﻛﯘﺯ ﺳﻮﺕ ﺩﯛﺷﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ، "5 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ"ﺩﻩ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺵ، ﺋﻮﺕ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﯞﻩ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﻪﻧﮕﻪﻥ 7 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻏﺎ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ، 6 ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ، ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﺴﯩﺰ ﻗﺎﻣﺎﻕ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﻪﺯﻛﯘﺯ ﺳﻮﺕ ﺩﯛﺷﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ، "5 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ"ﺩﻩ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺵ، ﺋﻮﺕ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﯞﻩ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﻪﻧﮕﻪﻥ 7 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻏﺎ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ، 6 ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ، ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﺴﯩﺰ ﻗﺎﻣﺎﻕ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ.
www.subaonet.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى بۈگۈنكى خەۋەرلىرىدە ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئالاقىدار دەپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان بۇ ئۇيغۇرلاردىن 9 نەپىرىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بۈگۈن "جۇڭگو خەۋەرلەر تورى" دا ئۈرۈمچى ۋەەقەسىگە دائىر ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلاردىن 9 نەپىرىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنغانلىقىغا دائىر خەۋەر تارقىتىلدى. ئەمما خەۋەردە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ 9 نەپەر ئۇيغۇرغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى زادى قايسى كۈن، قايسى جايدا ئىجرا قىلغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بولسا، بۇ كىشىلەرنىڭ چارشەنبە كۈنى ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات ئالغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كىشىلەر ئۆلتۈرۈلۈشتىن ئاۋالمۇ ئائىلىلىرىنىڭ ئۇلار بىلەن ئاخىرقى قېتىم يۈز كۆرۈشىۋېلىش تەلىپىگە قوشۇلمىغانلىقىنى بايان قىلدى.

9 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە دائىر خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، چەتئەللەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن قاتتىق ئەپسۇسلاندى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

ھازىر كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ئېچىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بويىچە تەربىيىلەش كۇرسىغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ خەۋەرنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرى بىلەن يىغىن ئېچىۋاتقاندا ئاڭلىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى بايان قىلدى.

يىغىنغا تۈركىيە ۋە بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋەكىللەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىدىن قاتتىق نەپرەتلەنگەنلىكىنى بايان قىلدى.

"جۇڭگو خەۋەرلەر تورى" نىڭ مەزكۇر خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە يەنە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە دائىر يەنە باشقا 10 دېلوغىمۇ قاراپ چىقىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ 10 دېلو بويىچە يەنە 20 كىشى ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە ئوت قويۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىدىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (11)
Share

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

9 ﺩﻩﭖ ﺋﯩﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯬﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﯴﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻗﯩﺮﻧﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯘﻧﻰ ﯪﻟﻼﻫ ﯴﺯﻯ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ. ﯻﻨﺸﺎﯪﻟﻼﻫ ﺑﯩﺰﻧﯩﯖﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﺴﺎﺱ ﯪﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ. ﯰﻟﯘﻍ ﯪﻟﻼﻫ ﯰ ﻗﯩﺮﻧﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﻳﻪﺭﯨﻨﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻳﺴﯩﺰ!!!!!!!

Nov 10, 2009 04:02 PM

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

Weten azat yolida qurban bolghan barliq qirindashlirmizning yatqan yiri jannat bolghay, amin, silermu bolghantinglar bizdek, bizmu bolimiz silerdek.

Nov 10, 2009 10:41 AM

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ﯪﻟﻼﻫ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻗﯩﺴﺎﺱ ﯪﻟﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻧﯩﺴﯩﭗ ﻗﯩﻞ !!!!ﯪﻟﻼﻫ ﺷﯧﻴﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺷﻪﻫﯩﺪﻟﯩﻚ ﻣﻪﺭﺗﯩﯟﯨﺴﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﯩﻞ......

Nov 10, 2009 09:52 AM

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﻳﯩﺮﯨﯖﻼ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ! ﯪﻟﻼﻫ ﯰ ﯪﻟﻪﻣﺪﻩ ﯬﺯﯨﺰ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ
ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﻪﺯﯨﻴﻪ ﺑﯩﻠﺪﯗﺭﯨﻤﻪﻥ

Nov 10, 2009 07:10 AM

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ﻧﻪﺱ ﺧﯩﺘﺘﺎﻳﻼﺭ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﯲﺯﯨﻨﯔ ﺑﯧﺸﯩﻨﯔ ﻳﻪﻳﺪﯗ. ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻛﯚﺭﻩﯕﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯧﺨﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﺎﺭ.

Nov 10, 2009 06:33 AM

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

تولۇق بەت