خىتاي ھۆكۈمىتى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن جىنايى ئىشلار توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىدى


2007.05.29

2007- يىلى 27- ماي كۈنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئەبۇ دابى شەھىرىدە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئوتتۇرىسىدا جىنايى مەسىلىلەر توغرىلىق ئىككى تەرەپ قانۇن كېلىشىمى ئىمزالاندى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى خىتاي بىلەن 3 كېلىشىم ئورناتقان

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەي شەھىرىدە چىقىدىغان "كۈنلۈك خەۋەرلەر" گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: كېلىشىمگە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قانۇن ئىشلىرى مەسئۇلى ياڭ يۆچيەن، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرىپىدىن ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ۋەكىلى ئابدۇرېھىم ئىۋەزلەر رىياسەتچىلىك قىلدى.

مەزكۇر گېزىتنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، ئابدۇرېھىم ئىۋەز كېلىشىمدىن كېيىنكى باياناتىدا مۇنداق دېدى:" دۆلىتىمىز خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا جىنايى مەسىلىلەر ھەققىدە قانۇن تەرەپتىن ھەمكارلىشىشقا ئىتتىپاقلاشتى. مەلۇمكى، بۇ دۆلىتىمىز بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئۈچىنچى چوڭ كېلىشىمدۇر. مۇندىن بۇرۇن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىككى چوڭ كېلىشىم ئىمزالانغان ئىدى. ئۇلارنىڭ بىرىنچىسى، جىنايەتچىلەرنى تاپشۇرۇش توغرىلىق، ئىككىنچىسى سودا ئىشلىرىدا ھەمكارلىشىش توغرىلىق ئىدى."

"ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ئىشلەيدىغان خىتاي سانى 100 مىڭغا يەتتى"

ئابدۇرېھىم ئىۋەز يەنە مۇنداق دېدى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى خىتاينىڭ ماللىرىنى ئىمپورت قىلىشتا ئوتتۇرا شەرقتىكى بىرىنچى چوڭ دۆلەتتۇر. بۇ ئەرەب قولتۇقىغا جايلاشقان دۆلەتلەرگە كەلگەن خىتاي ماللىرىنىڭ يۈزدە ئاتمىش پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۆتكەن تۆت يىلدىن بىرى خىتاي دۇبەيگە مال ئېكىسپورت قىلىشتا ياپوننىڭ ئورنىنى ئالدى. خىتاي دۆلىتى ياۋروپا ۋە ئاسىيا دۆلەتلىرىگە يۆتكەيدىغان بارلىق ماللىرىنى پەقەت دۇبەي ئارقىلىق يۆتكەيدۇ. ھازىر ھازىر ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ئىشلەيدىغان خىتاي ۋەتەنداشلىرىنىڭ سانى يۈز مىڭغا يەتتى. "

2007- يىلى 28- ماي كۈنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۆلەت تېلېۋىزورىغا بايانات بەرگەن ئوبزورچى مۇھەممەد سامى ئەپەندى مۇنداق دەپ سۆزلىدى:" ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىن كېلىدىغانلار خىتاينىڭ ئوخشاشمىغان ئۆلكە ۋە شەھەرلىرىدىن كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاساسلىقى 30 ياشنىڭ ئاستىدىكى خىتاي ياشلىرى بولۇپ، ئۇلار ئاز ۋاقىت ئىچىدە كۆپ پۇل تېپىش، ياخشى ھايات كەچۈرۈش نىيىتى بىلەن كەلگەن مۇھاجىرلاردۇر. ھازىر ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر مىڭدىن كۆپرەك سودا شىركىتى ئىشلىمەكتە. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا كۆلىمى 2006- يىلى 14 مىليارد 206 مىليونغا يەتكەن ئىدى. ھازىر ئۇنىڭدىنمۇ ئاشماقتا. "

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: "خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىيە ئالاقىسى باغلانغان يىگىرمە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە خىتاي دۆلىتى ئىنتايىن چوڭ ئىقتىسادىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەۋەسىدە ئىشلەيدىغان يۈز مىڭدىن كۆپرەك خىتاي مۇھاجىرلىرىنىڭ يۈزدە ئاتمىش پىرسەنتى دۇبەيدە ئىشلەيدۇ. ئۇلار بىناكارلىق، سودىگەرلىك، دېڭىز ئارقىلىق مال توشۇش قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللانماقتا. خىتايلارنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدەك كىچىك بىر دۆلەتكە بۇنداق كەڭ كۆلەملىك ئاققۇن قىلىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالماي قالمايدۇ. ھازىر خىتايلار بۇ مەملىكەتتە ھىندىلار بىلەن فىلىپپىنلىكلەردىن قالسا كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ قالدى."

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە چىقىدىغان"ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى خەۋەرلىرى"گېزىتىنىڭ 28- ماي سانىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن بولغان دىپلوماتىيە ئالاقىسى 1984- يىلى باشلانغان بولۇپ، 1985- يىلى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىقتىساد ۋە پەن - تېخنىكا ئىشلىرىدا ھەمكارلىشىش ھەققىدە تۇنجى كېلىشىم ئىمزالانغان ئىكەن.

شۇندىن بېرى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا كۆپلىگەن كېلىشىم ۋە ئىتتىپاقلار تۈزۈلۈپ كەلگەن. بۇلارنىڭ مەشھۇرلىرى 1993- يىلى قۇرۇلغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كومىتېتى بىلەن 1990- يىلى ئىمزالانغان ئاۋىئاتسىيە كېلىشىمىدۇر. 2005- يىلىدىن ئېتىبارەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن نېفىت سېتىۋېلىشنى باشلىغان. (ئۆمەرجان توختى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.