خىتاي قانۇن ئەمەلدارىنىڭ كابول سەپىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى

ياپونىيىلىك خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى ھىگاشى تارو «خىتايغا قاراڭ» تور بېتىدە 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى «خىتاي قانۇن ئەمەلدارىنىڭ كابۇل سەپىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر ماقالىنى ئاپتورتۆۋەندىكىدەك باشلايدۇ.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز قۇتلۇق
2012.09.28
hamid-karzay-zhou-yunkang-305.png جوۋيۇنكاڭ خەمىد كارزاي بىلەن بىللە
Photo: RFA


جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسى بيۇرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى جۇ يۈڭكاڭنىڭ تۇيۇقسىزلا ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابولدا پەيدا بولۇشى، نۇرغۇنلىغان مەتبۇئاتلارنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى. بۇ، ئافغانىستان بىلەن 1955 - يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان خىتاي دۆلىتىنىڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرىنىڭ 46 يىلدىن كېيىن تۇنجى قەدەمدە ئافغانىستاننى زىيارەت قىلىشى سەپىرى بولۇپ، 1966 - يىلى خىتاي ئەمەلدارى ليۇ شاۋچى ئافغانسىتاندا زىيارەتتە بولغان ئىدى. كانادا مەتبۇئاتلىرى«جۇڭگولۇقلار چامدانلارغا پۇللارنى قاچىلاپ كابۇلغا ئۇچماقتا» دېگەن سەرلەۋھىلىك ماقالىنى ئېلان قىلدى. ھىندىستان بولسا «خىتاي ئەمەلدارى كابۇلدا مەخپىي زىيارەتتە بولدى» دېگەن ئۇچۇرنى تارقاتتى. خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى جۇ يۈڭكاڭنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ سەپىرىنىڭ مەخپىي تۇتۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. جۇ يۈڭكاڭنىڭ كابۇلدىكى سەپىرىگە ھەممىدىن كۆپ قىزىقىۋاتقان دۆلەت ھىندىستان بولدى. 2002 - يىلىدىن باشلاپ 2007 - يىلىغا قەدەر خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى بولغان جۇ يۈڭكاڭ 1999 - يىلدىكى فالۇڭگۇڭچىلارنىڭ ھەرىكىتىنى باستۇرۇشقا ئۆزى بىۋاستە مەسئۇل بولۇپ. ئۈچ مىڭ نەپەر فالۇڭگۇڭ مۇرىتىنى ئۆلتۈردى. ئۇ 2009 - يىلى 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى يۈز بەرگەن «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» گە ئۆزى بىۋاستە قوماندانلىق قىلىپ ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۇەن ۋە خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مىڭ جيەنجۇ قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ بىر كېچىدىلا نامايىشچى ئۇيغۇر ياشلاردىن مىڭغا يېقىن كىشىنى ئۆلتۈردى، ھەربىي، ئىشلەپچىرىش - قۇرۇلۇش پولكلىرى يەنى بىڭتۇەننىڭ تۈرمىلىرىدە ئاز كەم ئۈچ مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۆلتۈردى. ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئىچكىي ئورگانلىرىنى ئېلىپ سېتىش سودىسىنىڭ خوجايىنىغا ئايلانغان جۇ يۈڭكاڭ بېيجىڭدىكى 301 - نۇمۇرلۇق ھەربىي دوختۇرخاننىىڭ ئىچكىي ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىنى ئىچكىي ئورگان بىلەن تەمىنلەشكە ئاساسەن ئۆزى مەسئۇل ئىدى. بۇ ۋەزىپىلەرنى 2002 - يىلىدىن 2007 - يىلغىچە بولغان جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى بولغان مەزگىللەردە ئۇ ئۆزى بىۋاستە ئورۇنلىغان.

ئاپتور ماقالىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق بايان قىلىدۇ:

9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كارزائىنىڭ باغچىسىدا تۆت سائەتلىك سۆھبەتتە بولغان جۇ يۈڭكاڭ ئاخبارات ساھەسىگە بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ مەزمۇنىنى ئاشكارىلاپ:

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىلىك ھەمكارلىق، رايون خاراكتېرلىك تېنچلىق ۋە تەرەققىيات توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستان خەلقىنىڭ ئۆزلىرى تاللىغان يولدا مېڭىشىغا ھۆرمەت قىلدىغانلىقىنى ۋە ئافغانىستاننىڭ قايتا قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. جۇ يۈڭكاڭنىڭ بۇ سۆزلىرى كونا گەپلەر بولۇپ، بۇ ئىشلار توغرىسىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئالىقاچان ھامىد كارزائى بىلەن، بۇ يىل 6 - ئايدا خىتايدا زىيارەتتە بولغان ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق يىغىنىغا مېھمان سۈپىتىدە قاتناشقاندا دېيىشىپ بولغان ئىشلار ئىدىغۇ؟! ھامىد كارزائى بۇ يىل 6 - ئايدا بېيجىڭغا كەلگەندە، ئاللىقاچان خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا تېررورلۇققا، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتا، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشىكلاتى»نى باستۇرۇشتا، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىگە ئىپادە بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئېلىپ بولغان بولغان تۇرسا. جۇ يۈڭكاڭنىڭ بۇ كونا خاماننى يەنە سورىشىنىڭ نىمە ھاجىتى؟

ئۇ ماقالىسىنى داۋاملاشتۇرپ مۇنداق بايان قىلىدۇ:

جۇ يۈڭكاڭنىڭ بۇ قېتىمقىي تۆت سائەتلىك سۆھبىتى ئاساسىلىقى، ئافغانىستان ۋە پاكىستاندىكى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق جەڭچىلىرىنىڭ چەتئەللىك جىھاد تەشكىلاتلىرىنىڭ تەركىپىگە قوشۇلۇپ، ئۇلارنىڭ دائىرىسىنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ تۈرك، ئۇيغۇر، ئۆزبەك،چىچەن، داغىستان، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي دۆلەتلەردىن ۋە شۇنداقلا گېرمانىيە ۋەتەنداشلىقىدىكى تۈركلەردىن كۆپلىگەن ياشلارنىڭ ئەزا بولۇپ كىرگەنلىكى، ھازىرقى ئافغانسىتان بىلەن پاكىستان ئارىسىدىكى قەبىلىلەر رايونىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان بۇ قوشۇنلارنىڭ تەخمىنەن يەتتە،سەككىز مىڭ ئەسكىرى بارلىقى، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى، مەقسىتى خىتاي ۋە رۇسىيە ئىكەنلىكى، بۇ تەشكىلاتلارنىڭ پات يېقىندا خىتايغا ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقى بارلىقى قاتارلىق مەسىلىلەردە رۇسىيە تەرەپ خىتاينى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئۈچۈن، جۇ يۈڭكاڭ ئالاقزادە بولۇپ، دەرھال ئافغانىستانغا زىيارەتكە باردى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۋەتتى.

ئاپتور ماقالىسىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرىدۇ:

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ گۈللەنگەن ئىقتىسادىغا تايىنىپ، ئەتراپتىكى نامرات دۆلەتلەرگە دوللار بېرىش بەدىلىگە شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇش ۋە توسۇشقا تىرىشماقتا. ئەمدىلىكتە خىتاينىڭ ئىقتىسادىدا قىزىل رەقەم كۆرۈلۈشكە باشلىدى. ھاكىمىيەت ئىچىدە ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى باشلىنىپ كەتتى. خىتاي دۆلىتى ئۆز ئىچىدىكى پارىخورلۇق، ئەمەل كۈرىشى بىلەن، ھېچقانداق دۆلەتنىڭ ھۇجۇمىسىزمۇ ئۆزىنى - ئۆزى ھالاك قىلىش گىردابىغا كېلىپ قالدى شۇنداقتىمۇ خىتاي دۆلىتى شەرقىي تۈركىستاننى قولدىن چىقىرىپ قويغۇسى يوق. ئۇنداقتا ئىقتىسادى كرىزىسقا يولۇققان، ھاكىمىيەت ئىچى زاۋاللىققا يولۇققان مۇشۇنداق بىر دۆلەت ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان شەرقىي تۈركىستاننى قاچانغىچە تۇتۇپ تۇرالايدۇ؟

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دوكتور تۇرمۇھۇممەت ھاشىم بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.