چارلوت كالىمبا خانىم : خىتايلار كونگونىڭ بايلىقلىرىنى خىتايغا ئەكىتىۋاتىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىگە سىڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ پەيدا بولۇشقا باشلىغان خىتاي شىركەتلىرى ۋە قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرى ئافىرىقىنىڭ بايلىق مەنبەلىرىنى ۋە خام ئەشىيا جۇغلانمىلىرىنى خالىغانچە ۋەيران قىلىپ، ئافرىقىلىقلارنىڭ نارازىلىقلىرىنى قوزغاشقا باشلىغان.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇن
2012-11-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئافرىقىدىكى خىتاي ئىشچلار
ئافرىقىدىكى خىتاي ئىشچلار
AFP Photo


چارلوت كالىمبا خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كونگو ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ بالدۇر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ۋە خىتاي كۆچمەنلىرى ئەڭ كۆپ كەلگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە خىتاي كۆچمەنلىرىنى كونگونىڭ ھەممە يەرلىرىدە ئۇچراتقىلى بولىدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

- خىتايلار كونگودا شۇنچىلىك ھوقۇقلۇق، ئۇ لار نېمە قىلىشنى خالىسا شۇنى قىلىدۇ. ئۇلار كان ئاچىدۇ، يەر تېرىيدۇ، قۇرۇلۇش سالىدۇ، قىسقىسى ئۇلار بىزنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىمىزنى خىتايغا توشۇيدۇ. بىزنىڭ ئۇلارغا گەپ قىلىش ھوقۇقىمىز يوق.

مۇخبىر:

- ھۆكۈمىتىڭلار ياكى سىياسەتچىڭلار ئۇلارنى توسۇمامدۇ ياكى ئۇلارغا قارشى بىرھەر ھەرىكەت قوللانمامدۇ؟

چارلوت كالىمبا خانىم:

- ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ ئارقىسدا، ئۇلارنى قوللايدۇ. شۇڭا خەلقنىڭ ئۇلارغا قارشى تۇرۇش ئىمكانى يوق، ئەگەر كىمكى قارشى چىقسا، شۇ تۈرمىگە كىرىدۇ، شۇنچىلىك ناھەقچىلىك.

مۇخبىر:

- سىزنىڭچە، كونگودا قانچىلىك خىتاي باردۇ؟

چارلوت كالىمبا خانىم:

- شۇنچىلىك، شۇنچىلىك كۆپ، كونگونىڭ ھەممە يەرلىرىدە خىتايلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

مۇخبىر:

- سىز كونگو خەلقى بىلەن خىتايلار ئارىسىدا زىددىيەت - توقۇنۇشلار بار، دەپ قارامسىز؟

چارلوت كالىمبا خانىم:

- ئەلبەتتە بار، بولۇپمۇ بىزدەك ياۋرۇپادا ياشاۋاتقانلىرىمىزنىڭ خىتايغا ئاچچىقىمىز بار.

مۇخبىر:

- سىز خىتاينى ياخشى كۆرەمسىز؟

چالوت كالىمبا خانىم:

- ياق، ياخشى كۆرمەيمەن، ئەلبەتتە ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇلارغا ئۆچمەنلىك قىلمايمەن، ئەمما ئۇلارنىڭ كونگودا قىلىۋاتقان قىلىقلىرىنى، ھەرىكەتلىرىنى ياخشى كۆرمەيمەن. ئۇلار كونگونىڭ بايلىقلىرىنى خىتايغا ئەكىتىۋاتىدۇ. ئۇلار ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن كونگو خەلقىگە ئىنسانىي مۇئامىلە قىلمايۋاتىدۇ.

مۇخبىر:

- سىز كونگو ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئىش بىرلىكى قىلىۋاتىدۇ، دەپ قارامسىز؟

چالوت كالىمبا خانىم:

- ئەلبەتتە، كونگو ھۆكۈمىتى بىلەن خىتايلارنىڭ ئىش بىرلىكى بار، شۇڭا كونگو خەلقى خىتايلارغا قارشى بىر ئىش قىلالمايدۇ. خىتايلار كونگو خەلقنىڭ ئۈستىدىن ھوقۇق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ.

كونگو - 1960يىلى مۇستەقىل بولغاندا سوتسىيالىزمغا مائىل سىياسەت يۈرگۈزۈپ خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بولسىمۇ، ئەمما شۇ يىلى يىل ئاخىرىدا يۈز بەرگەن سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن غەربكە مايىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇپ، سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىلىرى كونگودىن قوغلاپ چىقىرىلغان. خىتايمۇ ئامالسىز كونگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشكە مەجبۇر بولغان. - 1961يىلى كونگو تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. بۇنىڭغا چىدىمىغان خىتاي ھۆكۈمىتى - 1962يىلدىن باشلاپ كونگودىكى ئۆكتىچى كۈچلەرنى زور تۈركۈمدە قورال بىلەن تەمىنلەپ، مەشىق بازىلىرىنى قۇرۇپ، پارتىزانلىق ئۇرۇش تاكتىكىلىرىنى ئۆگەتكەن. - 1972يىلدىن باشلاپ كونگو ھۆكۈمىتى ئامېرىكا باشلىق غەرب ئەللىرى بىلەن سۆۋېت باشلىق سوتسىيالىسىتك ئەللەر ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭ ھالەتنى ساقلاش سىياسىتىنى قوللانغاندا، خىتاي بىلەن قايتا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. ھازىر كونگو خىتاينىڭ ئافرىقىدىكى ئەڭ چوڭ سودا شىرىكى ھېسابلىنىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت