خىتاي-ئافرىقا مۇھاكىمىسى ۋە خۇ جىنتاۋ ئىپادىلىگەن سىياسىي بۇرۇلۇش
2006.11.06
"رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭدا 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خىتاي -ئافرىقا مۇھاكىمىسى ۋە خىتاي - ئافرىقا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشى باشلىنىپ 6 - نويابىر كۈنى ئاياغلاشقان. بۇ پائالىيەت ئاياغلىشىش ئالدىدا خۇ جىنتاۋ جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پرېزىدېنتلىرى بىلەن ئايرىم -ئايرىم ھالدا ئۇچرىشىپ ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق ئورنىتىپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزى بىلەن پىكىر ئىختىلاپى بولغان بېنىن، تاگو، ئېرىتىرىيە، زىمبابۇۋى، ۋە نىگىرىيلەردىكى ئۆكتىچىلەر بىلەنمۇ ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشۈپ، ئۆز - ئارا زور پايدا يەتكۈزىدىغان كېلىشىملەرنى تۈزگەن. خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي-ئافرىقا مۇھاكىمىسى ۋە خىتاي -ئافرىقا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشى ھەققىدە، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چەتئەللەرنىڭ ئىقتىسادىي نەزىرىيىسىنى تەتقىق قىلىش مەركىزىدىكى پروفېسسور شيا يېلىياڭ ئەپەندى بىلەن ئامېرىكا شەرق-غەرب ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىيشۇناس پروفېسسورى ياڭ لىيۈ ئەپەندى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا ئوبزور ئېلان قىلدى.
خۇ جىنتاۋ بۇ قېتىمقى يىغىن ئارقىلىق چوڭ بۇرۇلۇش ياسىدى
ئامېرىكا شەرق-غەرب ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىيشۇناس پروفېسسورى ياڭ لىيۈ ئەپەندىنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، بۇرۇن ماۋ زېدۇڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىنى "ئۈچىنچى دۇنيا" دەپ ئاتاپ، "ئۇلارغا ياردەم بېرىش" دېگەننى كۆپ تەكىتلىگەن، جۇ ئىنلەيمۇ ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ئۇدا 6 قېتىم زىيارەت قىلىپ ئالاقە باغلاشقا تىرىشقان بولسا، دېڭ ھوقۇق تۇتقاندىن كېيىن، ئۇ ئامېرىكا، ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە كۆپ ئەھمىيەت بەردى، ئەمما ئافرىقا دۆلەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلمىدى. ھازىر خۇ جىنتاۋ بۇ قېتىمقى يىغىن ئارقىلىق چوڭ بۇرۇلۇش ياسىدى، ئافرىقا دۆلەتلىرىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى. بۇ بىر چوڭ بۇرۇلۇش . پروفېسسور ياڭنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، خىتايدىكى بۇ قېتىمقى چوڭ بۇرۇلۇش ئاساسەن، بىرىنچىدىن، خىتاينىڭ بايلىق مەنبەلىرىگە بولغان ئېھتىياجى، ئافرىقىدا مول نېفىت، تۆمۈر، مىس بەدەن بايلىقلىرى بار. ئىككىنچىدىن، خىتاينىڭ ئىستراتېگىيە ئېھتىياجى. خىتاي دۇنيادا بىر چوڭ دۆلەت بولماقچى. ئافرىقىدا 50 نەچچە دۆلەت بار، جەنۇبىي ئافرىقا، مىسىر قاتارلىق خەلقئارادا تەسىرى كۈچلۈك دۆلەتلەرگە بىپەرۋالىق قىلسا بولمايدۇ. خىتاي ئۇلار بىلەن يېقىنلىشىشتا، ئامېرىكىغا تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، ئەلۋەتتە. ئۈچىنچىدىن، تەيۋەن مەسىلىسى. تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بار 24 دۆلەتنىڭ 9 ى ئافرىقىدا، خىتاي ھازىر تەيۋەننى قوللايدىغان دۆلەتلەرنى خىتاينى قوللايدىغان قىلىۋالماقچى.
بۇنىڭدا خىتاينىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەھمىيەت بېرىۋاتقىنى سىياسىي مەقسەت
بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چەتئەللەرنىڭ ئىقتىسادىي نەزىرىيىسىنى تەتقىق قىلىش مەركىزىدىكى پروفېسسور شيا يېلىياڭ ئەپەندىنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، ئافرىقىدا 50 نەچچە دۆلەت بار، بۇ قېتىمقى خىتاي-ئافرىقا مۇھاكىمىسىگە 48ى كەلدى. يىغىندا خىتاي تەرەپ ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق قەرزنى ئېلىپ تاشلىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەمما خىتاينىڭ دۆلەت پۇقرالىرى بۇنىڭغا "نام -ئابرۇي ئۈچۈن خەلقنىڭ پۇلىنى بىكارغا بېرىۋەتتى" دەپ قارشى تۇرۇۋاتىدۇ. بۇنىڭدا خىتاينىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەھمىيەت بېرىۋاتقىنى سىياسىي مەسىلە. ئافرىقىدا نىگېرىيە بىر مۇھىم دۆلەت، خىتاي ئەمدى ئۇنىڭغا تۆمۈر يول ياساپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ خىتايغا بولغان كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىگە بېقىندى قىلىۋالماقچى.
خىتاي ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بىلەن كارى يوق
ئامېرىكا شەرق-غەرب ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىيشۇناس پروفېسسورى ياڭ لىيۈ ئەپەندىنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، خىتاي بىلەن ئافرىقىنىڭ سودا مۇناسىۋىتى ئاران 25 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق سودا، بۇ سان گەرچە ئامېرىكا، ياۋرۇپالار بىلەن ئافرىقا ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىگە سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى كۆپ يىراقتا تۇرسىمۇ، ئەمما خىتاي كۆپىنچە ھالدا ئافرىقىدىكى 800 مىليون نوپۇسقا ۋە ئۇلارنىڭ ئىگىلىكىدىكى مول بايلىق مەنبەلىرىگە كۆز تىكمەكتە. خىتاي بۇ مەقسەت ئۈچۈن ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش دېگەن سىياسىتىنى ئانچە خالاپ كەتمەيدىغانلىقىدىن پايدىلانغان. چۈنكى خىتاينىڭ ئۇلاردىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بىلەن كارى يوق. بەلكى ئۇلار بىلەن ئاڭ -پىكىر جەھەتتە بىر.
خىتاينىڭ ئۆزىنى دۇنيادا چوڭ دۆلەت قىلىپ تىكلەش ئارزۇسىمۇ يوق ئەمەس
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەھەممەت توختى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي - ئافرىقا مۇناسىۋىتىدىكى بۇ چوڭ ئۆزگىرىشنى خىتاي ئەڭ بۇرۇن ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن ئۆزىنى ب د ت دا ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن پايدىلانغان ئىدى. ھازىر كۆپىنچە ھالدا تەيۋەننى يېتىم قالدۇرۇش ئۈچۈن ئافرىقىدىن پايدىلىنىۋاتىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا ئامېرىكىغا تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، خىتاينىڭ ئۆزىنى دۇنيادا چوڭ دۆلەت قىلىپ تىكلەش ئارزۇسىمۇ يوق ئەمەس، ئۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىش ياكى ئاشماسلىقى باشقا گەپ. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا خىتاينى ئافرىقىدا "ئىجابىي رول" ئويناشقا چاقىردى
- دۇنيا بانكىسى ئافرىقا دۆلەتلىرىگە قەرز بېرىش مەسىلىسىدە خىتاينىڭ بانكىلىرىنى ئەيىبلىدى
- ئامېرىكا خىتاينى سۇدانغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى
- زامبىيە پرېزىدېنت كاندىداتىنىڭ قىلغان سۆزى خىتاينىڭ ئافرىقا ستراتېگىيىسىدە جىددىي ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلماقتا
- خىتاي جەنۇبىي ئافرىقىغا ئېكىسپورت قىلىدىغان توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى قىسقارتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- ۋېن جياباۋ جەنۇبىي ئافرىقىنى زىيارەت قىلدى
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى: جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ مەسئۇلىيەتسىز قورال- ياراق ئېكسپورت قىلغۇچى