غەرب دۆلەتلىرىدىكى نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر ئۇزۇندىن بېرى، خىتاينىڭ ئافرىقىدىكى پائالىيەتلىرىگە دىققەت قىلىپ، ئۇنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتاتتى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا بېيجىڭدا 48 ئافرىقا دۆلىتىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشى ۋە بۇ ئۇچرىشىش جەريانىدا خىتاي بىلەن ئافرىقا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان 2 مىليارد دوللارلىق ئىقتىسادىي كېلىشىم ھەمدە خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ مەزكۇر ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىنى 5 مىليارد دوللارلىق تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى شۇنداقلا خىتاي شىركەتلىرىنى ئافرىقا دۆلەتلىرىگە مەبلەغ سېلىشقا ئۈندەش ئۈچۈن بەش مىليارد دوللارلىق بىر فوند قۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىشى، غەرب دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ۋە مۇتەخەسسسىلىرىنىڭ دىققىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ خىتاي - ئافرىقا مۇناسىۋەتلىرىگە قارىتىلىشىغا سەۋەب بولدى.
خىتاينىڭ ئافرىقىدىكى تەسىرى
ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىچىدە ئافرىقا قىتئەسىدە ئەڭ كۆپ تەسىرگە ئىگە بولغان، بولۇپمۇ، فرانسىيىدىكى سىياسەتچىلەر ۋە سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، بىر نەچچە ئايدىن بېرى خىتاينىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىدە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىرىگە دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.
يانۋار ئېيىدا فرانسىيىلىك سىياسىي مۇلاھىزىچى جېن پىيەر توكوي لى موند گېزىتىدە ئۇزۇن بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئافرىقىدىكى كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى ئۈستىدە توختالغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئافرىقىدىكى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي پائالىيەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2000- يىلىدىن بېرى خىتاي بىلەن ئافرىقا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى تىجارەت ھەجمى بەش ھەسسە كۆپەيگەن بولۇپ 2008- يىلى 50 مىليارد دوللارغا يېتىشى مۇمكىن ئىكەن. شۇنداقلا 800 ئەتراپىدا خىتاي شىركىتى ھازىرغىچە 43 ئافرىقا دۆلىتىگە 5 مىليارد 500 مىليون دوللار مەبلەغ سالغان. بۇ خىتاينى ئامېرىكا ۋە فرانسىيىدىن كېيىن ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ تىجارى شىرىكىگە ئايلاندۇرغان.
جېئىن پىيەر توكوينىڭ ماقالىسىدە بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈن خىتاي قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنى پۈتۈن ئافرىقا دۆلەتلىرىدە ئۇچرىتىش مۇمكىن ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى، ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرلىكتە، سىياسىي مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەتتا ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تەسىرىدىن پايدىلىنىپ بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلرىغىمۇ ئارىلىشىشقا باشلىغان.
خىتاي ئافرىقىغا مەبلەغ سېلىشتا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزدە تۇتمىغان
گېرمانىيىدىكى خەلقئارا بىخەتەرلىك ئىنستىتۇتىنىڭ ئافرىقا مۇتەخەسسىسى دېئىنس تۇل، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى تەسىر دائىرىسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئاساسلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ھەتتا سۇدان ۋە زىمبابۇۋى قاتارلىق دۇنيا بويىچە كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ كۆپ دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىمۇ شەرتسىز قەرز بىلەن تەمىنلىشىنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئافرىقا دۆلەت رەھبەرلىرى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ غەربتىكى كەسىپداشلىرىغا ئوخشاش، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقىدىن ناھايىتىمۇ خۇرسەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە قاتارلىق ئۇقۇملارنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، دىكتاتورىلىق بىلەن ئىدارە قىلىنىۋاتقان كۆپلىگەن ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئافرىقىدا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تەسىرىنى كۈچەيتىش ھەرىكىتىنى قىزغىنلىق بىلەن قارشى ئالماقتا.
ئافرىقىدا خىتاي بىلەن ئەڭ يېقىن مۇناسىۋەتلەرگە ئىگە رەھبەرلەرنىڭ بېرى، دۆلىتىدە ئىرقىي كەمسىتىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئۈچۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان زىمبابۇۋىنىڭ پرېزىدېنتى روبەرت مۇگابىدۇر. بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقداشلىرىدىن بېرى سۇدان بولۇپ، بۇ دۆلەت خەلقئارا جامائەت تەرىپىدىن دارفۇر رايونىدا قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىشىغا رۇخسەت بېرىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلەنمەكتە.
دېمەك، خىتاينىڭ ئافرىقىدىكى تەسىرىنىڭ كۈچىيىشىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئافرىقىدىكى ئەڭ قانلىق ھاكىمىيەتلەرنىمۇ شەرتسىز قەرز بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنى قوللاپ- قۇۋۋەتلىشى، ئىنسانلىققا قارشى جىنايەت ئىشلىگەن دەپ دۇنيا جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىد قىلىنغان ۋە چەتكە قېقىلغان ھاكىمىيەتلەرنى باغرىغا بېسىشى مۇھىم رول ئوينىماقتا. (قانات)