ياۋروپا مەتبۇئاتلىرى: خىتاي-ئافرىقا ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى ياۋروپاغا تەھدىت

0:00 / 0:00

شۋېتسىيىدە مەخسۇس كۆچمەنلەر ئۈچۈن چىقىرىلىدىغان "سېسام" گېزىتىنىڭ يېقىنقى سانىدا "خىتاي بىلەن ياۋروپا ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشتا مۇسابىقىگە چۈشتى" سەرلەۋھىلىك بىر مۇلاھىزە ماقالىسى ئىلان قىلىندى.

ماقالىدا ئافرىقىنىڭ مول نېفىت بايلقى ۋە قالاق ئىشلەپ چىقىرىش ھالىتىدىكى بازار ئېھتىياجىغا كۆز تىككەن خىتاي بىلەن ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ سودا مۇناسىۋىتىدە قوللانغان ئۇسۇللىرىنى تەھلىل قىلغان ئاپتور، خىتاينىڭ بۇ مۇسابىقىدە ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىش بەدىلىگە بۇ مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىقىۋاتقانلىقىنى يازىدۇ.

ئاپتور مۇنداق دەيدۇ: "خىتاي ھۆكۈمىتى ئافرىقىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقاندىن بۇيان ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرى كۈندىن-كۈنگە قويۇق بولماقتا، بۇ ھال ياۋروپانى بىئارام قىلىشقا باشلىدى. فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ بەرگەن مەلۇماتىدىن قارىغاندا خىتاي بىلەن ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتى بارغانسىرى كۈچىيىپ 2000 - يىلدىكىگە قارىغاندا 5 ھەسسە ئارتقان بولۇپ ھەر يىلى يىللىق سودا سوممىسى 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقۇرى بولغان.

ئاپتور ماقالىسىدا ئۆزى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردنى نەقىل قىلىپ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ھازىر ئافرىقا دۆلەتلىرىدە قۇرلۇش، سودا سېتىق، تېلېفون ، يېزا-ئىگىلىك، نېفىت ساھەلىرىدە كۈچلۈك ئاساسقا ئىگە بولۇپ ، ياۋروپا ئۈچۈن چوڭ خىرىس ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتى سودا جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ سىياسەتلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغانلىقىنى، ئۇلار مۇشۇ نويابىرنىڭ بېشىدىكى ھەپتىسىدىلا 48 ئافىرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىدە نەچچە مىليارد دوللارغا ئىگە بولغانلىقىنى يازىدۇ.

ئاپتورنىڭ ئەسكەرتىشچە، گېرمانىيىنىڭ باش مىنىستىرى ئەنجىلا مېركېل خانىم ياۋروپا بىلەن ئافرىقا دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ: ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن پەقەت خىتايلا سودا مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ قالماستىن بەلكى ياۋروپا دۆلەتلىرى تېخىمۇ كۆپ سودا مۇناسىۋىتى ئورنىتىش كېرەك، بىراق سودا مۇناسىۋىتىدە دىققەت قىلىدىغان بىر نوقتا ئافرىقىنىڭ مۇھىت مەسىلىسىدۇر. بۇنىڭغا قارىتا توغرا بىر ئۇسۇل تېپىش كېرەك. گېرمانىيە 2007 يىلى ياۋروپانىڭ رەئىس دۆلىتى بولغاندا ئافرىقا بىلەن بولىدىغان سودا مۇناسىۋىتى ھالقىلىق بىر باسقۇچقا كىرىدۇ، دەيدۇ.

ئاپتور ماقالىسىدا غەرب دۆلەتلىرى بىلەن خىتاينىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىدە تۇتقان مۇئامىلىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يازىدۇ:

مەيلى شىمالى ئامېرىكا دۆلەتلىرى بولسۇن، مەيلى ياۋروپا دۆلەتلىرى بولسۇن ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىدە دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇۋالىدۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا دېموكراتىيە ۋە كىشلىك ھوقۇق دېگەنلەر بىلەن ھېسابلاشمايدۇ، ئۇلار پەقەت سودا ۋە مەنپەئەتنىلا ئويلايدۇ، شۇڭا ئۇلار دائىم ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ بايلىقىلىرىنى كونترول قىلىپ تۇرغان چوڭ سودىگەرلەر بىلەن، كان بايلىقلىرىنى ئىگىلەپ تۇرغان مىلىتارىستلار بىلەن ۋە دۆلەت ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان مىللەتچى سىياسونلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىدۇ. ئۇلار ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن سودا مۇناسىۋىتى ئورناتقاندا ھېچقانداق شەرت قويمايدۇ، بۇ نۇرغۇنلىغان ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ كۆڭلىگە ياقىدۇ، ئۇلار خىتاينىڭ بۇ خىل تاشقى سىياسىتىنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە قوللايدۇ. گەرچە كىشلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر خىتاينىڭ بۇ خىل سىياسىتى ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا مەلۇم تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن دەپ قارىسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە بولىشىغا قارىماي پەقەت سودىدىكى پايدىلىنا ئويلىشى ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى كىشلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ ناچارلىشىشىغا تۈرتكە بولىشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا.