15- ئەسىردە باشلانغان كلاسسىك مۇستەملىكىچىلىكتە ئاساسەن چەتئەل ئىشغالچى كۈچلىرى ئۇزاقتىكى دۆلەتلەرنى ئىشغال قىلىپ، ئۇلارنىڭ تاشقى سىياسىتى ۋە ئىقتىسادىنىڭ كونتروللۇقىنى قورال كۈچى بىلەن ئۆز قوللىرىغا ئالاتتى ھەمدە بۇ دۆلەتلەرنىڭ تەبئىي بايلىقلىرىنى تالان - تاراج قىلاتتى.
ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ ئافرىقا ۋە ئاسىيا قىتئەلىرىدە ئېلىپ بارغان سىياسىتىنى ئاساسەن كلاسسىك مۇستەملىكىچىلىك دەپ تەرىپلەش مۇمكىن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئاسىيا ۋە ئافرىقا قىتئەلىرىدە مۇستەملىكىچىلىككە قارشى باشلانغان ھەرىكەتلەر، كلاسسىك مۇستەملىكىچىلىكنىڭ يەر يۈزىدىن يوقىلىپ، يېڭى بىر مۇستەملىكىچىلىك شەكلىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولدى. غەرب دۆلەتلىرى ئافرىقا ۋە ئاسىيا دۆلەتلىرىدە مەبلەغ سېلىش ۋە ئىلغار تېخنىك قوراللىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق مەزكۇر قىتئەلەردىكى يېڭى مۇستەملىكىچى كۈچلەرگە ئايلاندى.
ئافرىقا قىتئەسىدىكى يېڭى مۇستەملىكىچى
يېڭى مۇستەملىكىچىلىك دەپ ئاتالغان بۇ مۇستەملىكىچىلىك شەكلى، ماھىيەت جەھەتتىن كونا مۇستەملىكىچىلىك بىلەن ئوخشاش بولۇپ، پەقەتلا چەت دۆلەتلەرنى ئىشغال قىلىش شەرتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئافرىقا ۋە ئاسىيا قىتئەسىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر شەكىل جەھەتتىن بولسىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىلىقىنى قوغداپ كەلمەكتە.
يېڭى مۇستەملىكىچىلىكتە، مۇستەملىكىچى كۈچلەر ئاجىز دۆلەتلەرنىڭ ئىقتسادىي مەنبەلىرىنىڭ، سىياسىي تۈزۈمىنىڭ كونتروللۇقىنى ئۆز قوللىرىغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ تەبئىي مەنبەلىرىنى ئىكسپىلاتاتسىيە قىلىدۇ.
غەربتىكى نۇرغۇن سىياسەتچىلەر ۋە سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر ئون يىل بۇرۇن ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىتىدە ھېچقانداق رولغا ئىگە بولمىغان خىتاينىڭ، نۆۋەتتە ئافرىقا دۆلەتلىرىگە مەبلەغ سېلىش، بۇ دۆلەتلەرنى خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان تاۋارلارنى ساتىدىغان بازارغا ئايلاندۇرۇۋىلىش، ئۇلارنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى بۇلاڭ-تالاش قىلىش ۋە ئىشچىلارنى خالىغانچە ئىكسپىلاتاتسىيە قىلىش، ئافرىقا خەلقىنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەلەپلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىش ئارقىلىق ئافرىقا قىتئەسىدىكى يېڭى مۇستەملىكىچى كۈچگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى بىرەر ئافرىقا دۆلىتىنى ئىشغال قىلىپ، بۇ دۆلەتلەردە ھەربىي بازا تۇرغۇزمىغان بولسىمۇ، ئافرىقىدىكى ئۆز خەلقىنى قاتتىق قول سىياسەت بىلەن باشقۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرگە مەبلەغ سېلىش، ئۇلارنىڭ ھەرقانداق سىياسىتىنى قوللاش ئارقىلىق تەبئىي بايلىقىلىرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئافرىقىدىكى يېڭى مۇستەملىكىچى كۈچ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا.
خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلەرگە كۆز يۇمۇشى ئۇنىڭغا قولايلىق ياراتقان
جاشىۋا ئايزىنمەن ۋە جاشىۋا كۇرلانتسىكنىڭ خىتاينىڭ ئافرىقا سىياسىتى ناملىق ماقالىسىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىدە سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي نوپۇزىنى بۇنداق تېز تىكلىشىدە ئۇنىڭ بولۇپمۇ باشقا دۆلەرلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق توغرىسىدىكى باياناتلىرى مۇھىم رول ئوينىغان. غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش ۋە ئىقتىسادىي ياردەم مەسىلىسىنى دېموكراتىك ئىسلاھات ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۈرمەت قىلىش شەرتىگە باغلىغانلىقى، ئافرىقىدىكى دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنى خىتاينىڭ قوينىغا ئېتىپ، ئۆز دۆلەتلىرىدە خىتايغا ھەرجەھەتتىن قولايلىق يارىتىپ بېرىشىگە سەۋەب بولغان.
نېگېرىيە، سۇدان ۋە ئانگولا قاتارلىق دۈلەتلەرنىڭ نېفىت مەنبەلىرىنى خىتاي شىركەتلىرىگە كەڭ ئىچىۋىتىشى ھەمدە زىمبابۇۋى ۋە زامبىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تېلېفون ئالاقە سىىستېمىسىنى خىتاي شىركەتلىرىگە تاپشۇرۇشى، خىتاينىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ سىياستىنىڭ بىر نەتىجىسدۇر.
لېكىن بەزى مۇتەخەسسسىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى بەزى رەھبەرلەرنىڭ خىتاينى قارشى ئالغانلىقى، بۇ قىتئەدىكى ئاددى پۇقرالارمۇ خىتاينى قارشى ئالىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس ئەلۋەتتە. شۇنىڭ ئۈچۈن گەرچە خىتاي نۆۋەتتە ئافرىقىدىكى تەسىرىنى كۈنسېرى كۈچەيتىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئافرىقىدىكى دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنى شەرتىسز قوللىشى ئۇزۇن مۇددەتتە بېيجىڭ ئۈچۈن ناھايىتى زىيانلىق نەتىجىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. (قانات)