ئافرىقا ھازىر زۇلمەتلىك مۇستەملىكە نى ھېس قىلىشقا باشلىدى

0:00 / 0:00

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 1 ‏- ئاينىڭ 30 ‏- كۈنى كامىرون، لىبىرىيە، زامبىيە، نامىبىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، موزامبىك ۋە سۇداندىن ئىبارەت 8 ئافرىقا دۆلىتىگە قىلىدىغان زىيارىتىنى باشلىغان. بۇ خۇ جىنتاۋنىڭ بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقت ئىچىدە ئافرىقىنى يەنە بىر قېتىم زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىمقى ئافرىقا زىيارىتى خىتاينىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىش ۋە كۈندىن - كۈنگە چوڭىيىۋاتقان ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خۇ جىنتاۋغا خەت يېزىپ، دارفوردىكى پاجىئەگە ئەھمىيەت بېرىش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن

خۇ جىنتاۋنىڭ ئافرىقا زىيارىتى باشلىنىشتىن بۇرۇن، مەزكۇر خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، باش ئورگىنى نيۇيوركتا تۇرىدىغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خۇ جىنتاۋغا خەت يېزىپ 'خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم ئافرىقىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە ئەھمىيەت بېرىشى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ئۆزىنىڭ چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى لازىم' دەپ تەكىتلىگەن. شۇنداقلا يەنە، ئۆتكەن 4 يىل ئىچىدە دارفوردا يۈز بەرگەن قوزغىلاڭ بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ قوراللىق كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشتا 200 مىڭ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 2 مىليون 500 مىڭ ئادەمنىڭ ماكانسىز قالغانلىقىنى ۋە بۇنداق ۋەزىيەتنىڭ تېخىچە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ھازىرقى ۋەزىيەتتە، قارتوم ھۆكۈمىتىگە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىق ساقلاش قوشۇنلىرىنى قوبۇل قىلغۇزۇش لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن.

خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىمقى ئافرىقا زىيارىتى ‏‏- خىتاينىڭ يەر شارى ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىر قىسمى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى خۇ جىنتاۋنىڭ ئافرىقا زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ قېتىم ئافرىقا دۆلەتلىرىگە بېرىدىغان ياردەمنىڭ بىر ھەسسە ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى ۋە 33 دۆلەتنىڭ قەرزى بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىمقى ئافرىقا زىيارىتى خۇددى دىڭ شاۋپىڭ، جاڭ زېمىن دەۋرىدىكىگە ئوخشاش چوڭ دۆلەتلەر ئوتۇرىسىدىلا يولغا قويىدىغان 'چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيىسى' ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ دۇنيادىكى ھەممە دۆلەتكە قول سۇزىدىدىغان يەر شارى ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

خۇ جىنتاۋ بۇ قېتىم ئافرىقىدا، خىتاينىڭ 'يامان غەرەزلىك ئەمەس' لىكىنى قايتىدىن چۈشەندۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ

‏-‏- خىتاي، ئىقتىسادى يۇقىرى ئۆرلىگەنسىرى، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىرلىشىپ تاقابىل تۇرۇش ئېھتىماللىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، دۇنيادا يېتىم قالماسلىق ئۈچۈن ئافرىقىنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىلىرىغا قول سوزىۋاتىدۇ، ‏-‏-‏- دەپ مۇلاھىزە قىلىدۇ ئامېرىكىدىكى خىتايشۇناس پروفېسسور لى چېڭ ئەپەندى، ‏-‏-‏- چۈنكى خىتاينىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى ئەمدى ئافرىقا دۆلەتلىرى قاندۇرالىشى مۇمكىن. خىتاي ئۆزىمۇ بىر چوڭ دۆلەت بولۇپ باش كۆتۈرۈپ چىقماقچى. دىپلوماتىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئافرىقىنىڭ خىتاينىڭ بۇ ئېھتىياجىغىمۇ ياردىمى بولىدۇ. ئەمما ھازىر خىتاينىڭ مۇستەملىكسى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتقان دۆلەت خىتاينىڭ ئەتراپىدىكى قوشنا دۆلەتلەرلا ئەمەس، ئافرىقىمۇ ھازىر ئۆزلىرىنىڭ مۇستەملىكە بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى ھېس قىلماقتا. شۇڭلاشقا خۇ جىنتاۋ بۇ قېتىم ئافرىقىدا، خىتاينىڭ 'يامان غەرەزلىك ئەمەس' لىكىنى قايتىدىن چۈشەندۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ.

ياۋروپالىقلار ھازىر ئافرىقىدىن ئىبارەت بۇ ئۇنتۇلغان قۇرۇقلۇقنى قايتىدىن ئەسلەشكە باشلىدى

گېرمانىيە تەرەققىيات ۋە سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسى دىك مەسىنا ئەپەندىنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئىقتىسادى يېقىنقى 7 يىل ئىچىدە بىر ھەسسە ئاشتى. بۇ جەرياندا خىتاي دۇنيانىڭ ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى ناھايىتى كۆپ سەرپ قىلدى. ھازىر ئۇنىڭ ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجى بارغانسىرى ئېشىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا خىتاي يېقىنقى بىر نەچچە يىلىدن بۇيان ياۋروپالىقلار تەرىپىدىن بوش قالدۇرۇلغان ئافرىقىغا قولىنى سۇزۇشقا باشلىدى. ھازىر ئافرىقىنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز چىقىدىغانلىكى يېرىنىڭ ھەممىسىدە خىتاينىڭ ئىزى بار. ھازىر دۇنيادا خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى تەتقىق قىلمايدىغان دۆلەت بولمىسا كېرەك. ياۋروپالىقلارمۇ ئافرىقىدىن ئىبارەت بۇ ئۇنتۇلغان قۇرۇقلۇقنى قايتىدىن ئەسلەشكە باشلىدى.

ھازىر ئافرىقا خىتاي كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان مۇستەملىكىنى ھېس قىلىشقا باشلىدى

‏-‏خىتاينىڭ سۇدان بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى مىسالغا ئالساق، ‏- دەپ مۇلاھىزە قىلىدۇ گېرمانىيە تەرەققىيات ۋە سىياسەت تەتقىقات ئورنىڭ مۇتەخەسسىسى دىك مەسىنا ئەپەندى، ‏‏- خۇددى غەرب دۆلەتلىرىدە تەنقىدىدە ئېيتىلغاندەك، بۇ پەقەت ئىككى ھۆكۈمەتنىڭلا ھەمكارلىقى، بۇ ھەمكارلىقنىڭ خەلق ئىگىلىكىگە ھېچقانداق مەنپەئەتى يوق. خىتاينىڭ زىمبابۇۋى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمۇ دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ. خىتاي سودىدا پايدا ئېلىۋاتىدۇ، ئەمما يەرلىك دۆلەتنىڭ خەلق ئىگىلىكىگە زىيان سېلىۋاتىدۇ. خىتاي 'ياردەم بېرىمىز' دېگەنلىكى جايدا، مەيلى يول ياساش بولسۇن ياكى ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش بولسۇن ياكى سۇ ئامبىرى ياساش بولسۇن، ھەممىسىدە خىتايلار ئۆزى ئىشلەيدۇ، غەرب دۆلەتلىرىگە ئوخشاش ئافرىقىغا تېخنىكا ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپمۇ بەرمەيدۇ. ئافرىقىدا ھازىر ئىشلەۋاتقان خىتاي سانى 80 مىڭدىن ئاشتى. ئەمما يەرلىك خەلق ئىشسىز قالغان. گەرچە خىتاي 'باشقا دۆلەتنىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارىلاشمايمىز' دەۋاتسىمۇ، ئەمما خىتاي ھەمكارلاشقانلىكى جايدا ئىچكى ئۇرۇش پارتلىماقتا. كېنىيىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئىساق مۇھاجنىڭ 'خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئافرىقا بىلەن دوس بولۇشى ئافرىقىدىن خام ئەشيا ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، ئافرىقىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئاقسىتىپ قويۇشتىنلا ئىبارەتمىكەن؟ ئەمەلىيەتتە بۇ ئافرىقا ئۈچۈن قۇرغان توزاق' دېگىنىدىن قارىغاندا، ھازىر ئافرىقا خىتاي كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان قاراڭغۇ - زۇلمەتلىك مۇستەملىكىنى ھېس قىلىشقا باشلىغان. (ۋەلى)