خىتاينىڭ ئافرىقىدا مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرى بارغانچە ئېغىرلاشماقتا


2007.04.25

Ethiopia-oil-200.jpg
خىتاينىڭ نەفىت-گاس قەدىرىش شىركىتى، پارتىزانلار تەرىپىدىن، 2007 – يىلى 26 –ئاپرىل ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. AFP PHOTO/SIMON MAINA / April 26, 2007

سەيشەنبە كۈنى ئېفىئوپىيەگە جايلاشقان خىتاي باشقۇرۇشىدىكى بىر نېفىتلىك قۇراللىق قوزغىلاڭچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ 70 تىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن بولۇپ، خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ خىتاينىڭ ئافرىقىدىكى بايلىقلارغا ئېرىشىش يولىدا تۆلىگەن سىياسى ۋە باشقا بەدەللىرىنىڭ تىپىك مىسالى ئىكەن.

ۋەقە تەپسىلاتلىرى

خىتاينىڭ ئېفىئوپىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى مەزكۈر ھۇجۇمدا 9 خىتاي پۇقراسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى دەلىللىگەن.

سەيشەنبە كۈنى قوزغىلاڭچىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 65 ئېفىئوپىيەلىك ۋە 9 خىتاي ئىشچى ئۆلگەن بولۇپ، بۇ ھۇجۇمنىڭ مەقسىتى بولسا يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتقان خىتاينىڭ ئافرىقىدىكى شىركەتلىرىگە زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق بىرى ئىكەن.

ئېفىئوپىيەنىڭ شەرقى قىسمىدىكى ئوگدەن رايونىغا جايلاشقان مەزكۇر نېفىتلىك خىتاينىڭ چوڭ نېفىت شىركەتلىرىدىن بولغان خىتاي نېفىت-خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولۇپ، بۇ نېفىتلىككە قىلىنغان ھۇجۇمدا يەتتە خىتاي ئىشچى گۆرۈگە ئېلىنغان. بۇ ھۇجۇمنى سومالىنىڭ مىللي مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان " ئوگدەن مىللىي ئازادلىق فرونتى " ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قوزغىلاڭچىلارنىڭ باياناتىدا "بىز ھەرقانداق چەتئەل نېفىت شىركەتلىرىنىڭ ئېفىئوپىيە ھۆكۈمىتى بىلەن نېفىت توختامى تۈزمەسلىكىنى تەلەپ قىلىمىز" دېيىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر ۋەقەنى ئەيىبلىگەن ۋە ئېفىئوپىيە ھۆكۈمىتىدىن ئېفىئوپىيەدىكى خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئەمما كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئافرىقىدىن ئالدىغان مەنپەئەتلىرى كۆپەيگەنسىرى، بۇ خىل ۋەقە-ھادىسىلەردىن ساقلانماق ئىنتايىن قىيىن ئىكەن.

خەلىقئارا نىڭ ئىنكاسلىرى

ئامېرىكىدىكى خۇسۇسىي جاسۇسلۇق گۇرۇپپىسى ستراتفورنىڭ بۇ ۋەقەدىن كېيىن بەرگەن دوكلاتىدا، بۇ ۋەقەنىڭ خىتاينى ئافرىقىدىكى مەۋجۇتلۇقى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىشقا مەجبۇرلايدىغانلىقى تىلغا ئىلىنغان.

دەرۋەقە، ئافرىقا قىتئەسىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەلىرى يېقىندىن بېرى كۆپ كۆرۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ، بۇ يىل مارتتىمۇ 2 نەپەر خىتاي نېفىت ئىشچىسى نىگېرىيەدىكى نېفىتلىكتىن تۇتقۇن قىلىنغان ھەمدە ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمىغان ئىدى.

ئەمما نىگېرىيەدىكى بۇ نېفىتلىكتىن مۇ شۇ يىلى يانۋاردا تۇتقۇن قىلىنغان 9 خىتاي ئىشچى ۋە 5 تېلېگراف خادىمى مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل يانۋاردا كېنىيەدىكى تاشيول قۇرۇلۇشىدا ئىشلەۋاتقان بىر خىتاي ئىنجېنېرى ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

ۋەقەنىڭ سەۋەپلىرى

فرانسىيە ئاگېنتلىقى 25 ‏-ئاپرىل بەرگەن خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، ئېفىئوپىيەدە يۈز بەرگەن مەزكۇر زوراۋانلىق، خىتاينىڭ ئافرىقا ئەللىرىنىڭ يەرئاستى بايلىقلىرىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، بۇ ئەللەردە يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىچكىي توقۇنۇشلارغا پىسەنت قىلماي ئافرىقا ئەللىرىگە ئۈزلۈكسىز ياخشىچاق بولۇپ كەلگەنلىكىگە قارىتىلغان ئىكەن.

لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىدە ئۇنداق خاھىشلارنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلگەن. خىتاينىڭ باش سىياسىي مەسلىھەتچىسى جيا چىڭلىن كېنىيەدىكى زىيارىتى جەريانىدا خىتاينىڭ ئافرىقىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنىڭ بۇرۇنقى غەرب مۇستەملىكىچىلىرىنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا نەچچە ھەسسە ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقى بەرگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئافرىقىنىڭ ئىقتىسادى يۈكسىلىشىنىڭ 20 پىرسەنتى خىتاي بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىدىكى جانلىنىشتىن كەلگەن ئىكەن.

لېكىن، چەتئەللەردىكى تەنقىدچىلەر بۇنىڭغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار خىتاينىڭ سۇدان قاتارلىق دۆلەتلەرگە ياردەم قىلىشى دارفۇردا يۈز بەرگەن زوراۋانلىققا ۋاسىتىلىق رەۋىشتە يانتاياق بولدى دەپ قاراپ خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئەيىبلەپ كەلگەن ئىدى.

ئەمباسسي جۇرنىلىنىڭ تور بېتىدە 25 ‏- ئاپرىل بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى ئانالىزدا قەيت قىلىنىشىچە، سۇدان ھۆكۈمىتى يىللىق كىرىمىنىڭ 70 پىرسەنتىنى ھەربىي ھازىرلىقلارنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بولۇپ، خىتاي سۇداننىڭ ئاساسلىق قورال-ياراق تەمىنلىگۈچىسى ئىكەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي بىلەن سۇداننىڭ كۆپ قىرلىق مۇناسىۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دارفۇردا يۇز بەرگەن قىرغىنچىلىق ۋە كرىزىسلارنى ھەل قىلىشتا خىتاينىڭ سۇدان بىلەن بولغان دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلىرىدىن پايدىلىنىش كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى.

سۇدان ھۆكۈمىتىنىڭ ھەركەت قىلمىشلىرىنى ئۆزگەرتىشكە قايىل قىلىشتا خىتاي مۇھىم تەرەپلەرنىڭ بىرى، ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي ھۆكۈمىتى سۇداننىڭ ئاساسى مۇئەسسەسە ۋە نېفىت قۇرۇلۇشىغا كۆپ مەبلەغ سالغان. يېقىندا خىتاي سۇدان ھۆكۈمىتىگە قارىتا ئۆزىنىڭ نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى. بۇ خىتاينىڭ بۇرۇنقى پوزىتسىيىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

خىتاينىڭ سۇدان ھۆكۈمىتىنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقى سەۋەبلىك، ئامېرىكىلىق سەنئەتكار: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەلقئارالىق بالىلار فوندى جەمئىيتى ئەلچىسى مىئا فاررۋ ئۆتكەن ئايدا، خىتايدا كېلەر يىلى ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك يىغىنىنى " قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى" دەپ ئاتىغان.

ئۇنىڭ باياناتى خىتاينىڭ ئافرىقا خارتومىدىكى دۆلەت سۇداننى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئىنسان ھەقلىرى پائالىيىتىدە ئېيتىلغان ئەڭ زەردىلىك سۆز بولۇپ، ئۇ سۇداننى غەربىي دارفۇردا يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىققا يول قويدى دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.