لوندوندا چىقىدىغان" ئوتتۇرا شەرق" گېزىتىنىڭ 2008- يىلى 28 - فېۋرال كۈنىدىكى سانىدا "خىتايلار ئافرىقىنىڭ بايلىقلىرىنى سۈمۈرمەكتە"دېگەن تېمىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مۇنداق دەپ يېزىلغان: "ئافرىقا دۆلەتلىرى مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى قولىغا ئالغان ۋە كۆپلىگەن ئېغىر سىناقلارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى ئۇرۇشلىرىغا خاتىمە بېرىپ، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتلەردىن مۇقىملىققا ئىگە بولغان مۇشۇ ۋاقىتلاردا، كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئافرىقىنىڭ بايلىقلىرىنى تالىشىپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىگە شىركەتلىرىنى ئېلىپ كىرىشتە بەسلەشمەكتە. بۇلارنىڭ ئالدىدا خىتايلار تۇرىدۇ."
ئافرىقىنىڭ بايلىقى ناھايىتى مول
ئافرىقا دۆلەتلىرى ئەزەلدىن كۆپ مىقداردا نېفىت، ئۇران، ۋە زاپاس كۆمۈر بايلىقلىرىغا ئىگە بولۇپ، بۇ بايلىقلار ھەممە دۆلەت ئېرىشىشكە تىرىشىدىغان ئالدىنقى قاتاردىكى ئېھتىياجلىق ماددىلاردۇر. خۇسۇسەن، چوڭ دۆلەتلەردە نېفىت زاپىسى كۈندىن كۈنگە ئازلاپ كېتىۋاتقان، نېفىت باھاسى ئۆسۈۋاتقان ۋە ئۇراندەك بايلىقلارنى قولغا چۈشۈرۈش ئاسانغا توختىمايدىغان بۇ ۋەزىيەتتە، دۇنيانىڭ كۆزى ئافرىقىغا تىكىلگەن دېسەكمۇ ئاشۇرۇۋاتقان بولمايمىز. ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىچىدە چوڭ دۆلەتلەرنى ئۆزىگە ئەڭ زور جەلپ قىلىۋاتقان رايون سۇداننىڭ دارفۇر ۋىلايىتىدۇر.
دارفۇر ئەڭ كۆپ نېفىت زاپىسىغا ئىگە بىر رايون بولۇپ، ياۋروپا دۆلەتلىرى بۇ رايوننىڭ كرىزىسىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتقان بۇ پەيتتە خىتايلار بۇ رايوننىڭ نېفىت زاپىسىغا كۆز تىككەن. ياۋروپا دۆلەتلىرى ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ئىلگىرى مۇستەملىكە قىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ دۆلەتلەرنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئەمما خىتايلارنىڭ بۇ رايونلاردىكى بايلىقلارنى كەشىپ قىلىشى تۈنۈگۈنكى ئىش. ئەھۋال شۇنداق تۇرۇپمۇ ئافرىقىدىكى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ سانى كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بارماقتا."
خىتايلار پاكىستانلىقلار بىلەن ھىندىستانلىقلارنىڭ نېنىنى تالاشماقتا
ماقالىدە يەنە مۇنداق دەڭ يېزىلغان: "ئافرىقىنىڭ نىگېرىيە، بېنىن، توگو ۋە گانا قاتارلىق دۆلەتلىرىنىڭ توقۇمىچىلىق ئىشلىرىنى ھىندىستانلىقلار بىلەن پاكىستانلىقلار بۇرۇنلا قولىغا ئېلىۋالغان بولۇپ، باشقا دۆلەتلەر ئارىلاشمىغان ئىدى.
ئەمدى يېقىندا خىتايلار ئويغۇنۇپ بۇ دۆلەتلەرگە قول ئۇزارتىشقا كىرىشمەكتە. ھازىر خىتاي شىركەتلىرى بۇ رايونلاردا ئىش ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى. يېقىن پۇرسەت ئىچىدە خىتايلارنىڭ بۇ دۆلەتلەردىكى پاكىستانلىقلار بىلەن ھىندىستانلىقلارنىڭ ئورنىغا دەسسىشى مۇقەررەر."
خىتايلارنىڭ ھىيلىسى
ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن:" خىتاي دۆلىتى ئافرىقا بايلىقلىرىغا ئىگە بولۇش ۋە بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەر خىل تىپتىكى سانائەت ۋە پەن - تېخنىكىلىرىنى قولىغا ئېلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن كۆپلىگەن كېلىشىملەرنى ۋە ئىتتىپاقلارنى تۈزۈۋالدى.
شۇنىڭ بىلەن ئافرىقا دۆلەتلىرىگە خىتاي شىركەتلىرى بىر- بىرلەپ كىرىشكە باشلىدى. خىتايلار ئافرىقىغا كىرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە فرانسىيە بىلەن رىقابەتلىشىشكە باشلىدى. ھازىر نىگېرىيىنىڭ ئۇران بايلىقىنى بۇ ئۈچ دۆلەت بار كۈچى بىلەن تالاشماقتا."
خىتايلار ئانگولانى مۇستەملىكە قىلغانمۇ؟
دۇبەينىڭ "ئەل ئەرەبىيە" تېلېۋىزىيە قانىلىدا 2008- يىلى 27- فېۋرال كۈنى ئېلىپ بېرىلغان ئىقتىسادشۇناسلار سۆھبىتىدە، كۇۋېيتلىق بىر ئىقتىسادشۇناس مۇنداق دېدى: " ھازىرقى كۈنلەردە ئانگۇلا دۆلىتىنى زىيارەت قىلغان ھەر قانداق ئادەم بۇ دۆلەت خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدا ئوخشايدۇ، دەپ قالىدۇ. ئانگولانىڭ پايتەختى ۋە باشقا چوڭ شەھەرلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خىتايلار بىلەن تولۇپ كەتكەن. بىناكارلار ھەممىسى ئاساسەن خىتايلاردىن بولۇپ، پۈتۈن شەھەر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ھەممىنى خىتاي شىركەتلىرى ئېلىۋالغان. مۇندىن باشقا ئانگولادەك كۈنىگە بىر مىليون 700 مىڭ توڭ نېفىت چىقىرىدىغان بىر دۆلەتتە خىتايدەك نېفىت تەشنالىقىدا دۇنيانى ئارىلاپ يۈرۈدىغان بىر دۆلەتنىڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.
خىتاي دۆلىتى ئانگولاغا 2004- يىلىدىن باشلاپ قەرز بېرىشكە باشلىغان بولۇپ، شۇ يىلى 11 مىليارد دوللار قەرز بەرگەن. يەنە شۇ يىلى ئانگولادىن ئېلىپ كېلىدىغان نېفىت كۆلىمى 6 مىليارد دوللارغا يەتكەن بولسا، 2005- يىلى 9 مىلياردقا يەتكەن. 2006- يىلىدىن باشلاپ خىتاي ئانگولا نېفىتىنى ئېلىپ كېتىشتە دۇنيادا بىرىنچى دۆلەت بولۇپ قالدى". (ئۆمەرجان)