ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى، خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00
John-N-200.jpg
يىغىندا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون دىمىترى نەگروپونتې گۇۋاھلىق بەردى. Capitol Hill in Washington, DC 01 May 2007. AFP PHOTO/Saul LOEB

سەيشەنبە كۈنى (1 - ماي) ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى يىغىن ئېچىپ، خىتاي - ئامېرىكا سىياسى، ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى.

يىغىن ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى توم لەنتوس ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە داۋام ئەتتى. يىغىندا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون دىمىترى نەگروپونتې گۇۋاھلىق بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى سىياسىي مەۋقەسىنى ئىپادىلىدى.

ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى 6 نۇقتا

نەگروپونتې، ئامېرىكىنىڭ خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى نىشانىنى، شەرقىي ئاسىيادا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ساقلاش، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە مۇھىتنى قوغداش ئاساسىدا خىتايدا ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈش، يادرو قوراللىرىنى چەكلەش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خەلقئارالىق ئىنسانىي ياردەم يەتكۈزۈش ئىشلىرىغا ئىنكاس قايتۇرۇشتا ئىجابىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، ئىنسان ھەقلىرى ۋە دىنىي ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق 6 نۇقتىغا يىغىنچاقلىدى.

ئامېرىكىنىڭ خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى سىياسىتى ھەققىدە جون نەگروپونتې : "خىتاينى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە مەسئۇلىيەتچان ۋە مۇقىملاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدىغان دۆلەت سۈپىتىدە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا رىغبەتلەندۈرۈش " دېدى.

ئەمما ئۇ يەنە، بەزى مەسىلىلەرنى ئىككى تەرەپ سۆھبىتى ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھەمدە شۇنداق مەسىلىلەردە ئامېرىكا ئۆز قىممەت قارىشىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

نەگروپونتې، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىلىرى جەھەتتە ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ ئالاھىدە توختالغان بولۇپ،خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى بوغۇۋاتقانلىقىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: "تىبەتنىڭ ئەھۋالى شۇنىڭدەك شىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ئۇچراۋاتقان مۇئامىلە ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا" دېدى.

ئۇ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ يەنە، خىتاينىڭ چوقۇم ئۆز پۇقرالىرىنىڭ سۆزلەش، نەشر قىلىش، ئېتىقاد قىلىش ۋە ئائىلە قۇرۇش، كۆپىيىش جەھەتتىكى ئەركىنلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكا ‏- خىتاي سودىسى ئادىل ئەمەس، ئامېرىكاغا قىزىل رەقەم ئېلىپ كەلدى

مەزكۇر يىغىندا يەنە، ئامېرىكا ‏- خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە جىددىيچىلىك ئېلىپ كېلىۋاتقان سودا ئالاقىسىدە مەيدانغا چىققان تەڭپۇڭسىزلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، نەگروپونتې، خىتاينىڭ بازار ئىگىلىكىگە ئۆتۈشىدىكى كەمتۈك جايلىرى ئامېرىكىغا 235.5 مىليارد دوللار قىزىل رەقەم ئېلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئامېرىكىغا قارىتىلغان ئېكسپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى 40 پىرسەنت تۆۋەنلەتكەن ئىكەن. ئالدىمىزدىكى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئامېرىكا ئاۋام پالات ئەزالىرى خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتى مەسىلىسىگە قارىتا قانۇن لايىھەسى ماقۇللاش پىلانىنى تۈزگەن.

ۋاھالەنكى، چارشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا- خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرى مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئامېرىكا سودا مىنىستىرى ھېنرى پائۇلسون مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا خىتاي بىلەن ئېلىپ بارىدىغان سودا ۋە پۇل- مۇئامىلە سۆھبىتىنىڭ كۈتكەندەك بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجە بېرىش ئېھتىماللىقىنىڭ ئانچە يۇقىرى ئەمەسلىكىنى كۆرسەتتى.

مەزكۇر سۆھبەت يىغىنى پېتېرسېن خەلقئارالىق ئىقتىساد ئىنستىتۇتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ يىغىندا پائۇلسون خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈش قەدىمىنى يەنىمۇ تىزلىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، خىتايدا بازار رىقابىتى بېكىتكەن پۇل مۇئامىلە تۈزۈمى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا خىتاينىڭ خەلقئارالىق ئىقتىسادى سىستېمىغا شۇنچە سىڭىشىپ كېتىشى "بىنورمال قىلمىش" دېدى.

لېكىن پائۇلسون خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈش قەدىمىنى تىزلىتىش مايىللىقى جەھەتتە ھېچقانداق پىكىر بايان قىلمىدى. ئۇ يەنە، خىتاي سودا ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋاشىنگتون زىيارىتى جەريانىدا،ئۇلار بىلەن يېپىق ھالدا ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇزاكىرىنىڭ ئۆز-ئارا چۈشەنچە ھاسىل قىلىشتا مۇئەييەن پايدىسى بارلىقىغا ئىشەنچىسىنى ئىپادىلىدى.

ئەمما سەيشەنبە كۈنىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا كالىفورنىيىلىك ئاۋام پالاتا ئەزاسى دانا رورا باكېر خىتايدا ھازىرغىچە ئېنىق بىر ئىقتىسادى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى بولمىغانلىقى سەۋەبلىك ئامېرىكىنىڭ زىيانغا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ: "بىز ھازىرغىچە، بۇ ۋەھشى مەخلۇقنى سودا ۋە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئارقىلىق كۆندۈرگىلى بولىدۇ ۋە خىتايدا ئىسلاھات بولىدۇ دەپ ئىشىنىپ كەلگەن. لېكىن خىتايدا ھېچقانداق ئىسلاھات بولغىنى يوق" دېدى.

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى دېكابىردا بىرىنچى قېتىملىق "ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىسادى دىئالوگ" ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئىككىنچى قېتىملىق دىئالوگ مۇشۇ ئاينىڭ 23-24 ‏- كۈنلىرى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزىلىدۇ. (جۈمە)