"ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋەتلىرى دۇنيانىڭ كىلەچىكىنى شەكىللەندۈرىدۇ"


2007.06.19

ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرى 21‏- ئەسىردە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يۈنۈلۈشى بولىدۇ. ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋەتلىرى دۇنيانىڭ كىلەچىكىنى شەكىللەندۈرىدۇ، دېيشمەكتە.

خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ سۈرئىتى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ خىتاي ‏- ئامېرىكا سودا مۇناسىۋەتلىرىدىكى قىزىل رەقەمنىڭ يىلدىن -يىلغا ئۆرلىشى ۋە خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى كۈنسېرى كۆچەيتىپ، تەيۋەنگە قاراتقان تەھدىتىنى جىددىيلەشتۈرۈشى ئامېرىكا سىياسەتچىلىرىنى ئەڭ كۆپ ئەندىشىلەندۈرۈۋاتقان مەسىلە بولۇپ قالدى. ئامېرىكا خىتايغا قارىتا قانداق بىر سىياسەت ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن؟

خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا ئامېرىكىنىڭ كېلەركى پرېزىدېنتى قارار بېرىدۇ

ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا ئامېرىكىنىڭ كېلەركى پرېزىدېنتى قارار بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، 2008 ‏- يىلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمى نامزاتلىرىنىڭ خىتايغا قارىتا ئېلىپ بارىدىغان سىياسەت ھەققىدىكى سۈزلىرىنى ئەھمىيەتلىك دەپ قارىماقتا.

2008 - يىلى ئېلىپ بېرىلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىدا ئۈزلىرىنى نامزات كۆرسەتكەن دېموكراتلار ئارىسىدا ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى بىل كىلنتوننىڭ ئايالى ھېلەرى كىلىنتون باشقا دېموكرات پارتىيە نامزاتلىرىغا قارىغاندا خىتايغا قارىتا قاتتىقراق سىياسەت ئېلىپ بارىدىغاندەك تۇرىدۇ.

چۈنكى ئۇ باشقا دېموكرات پارتىيە نامزاتلىرىنىڭ ئەكسىچە، سايلام تەييارلىقى نۇتۇقلىرىدا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىغا يەتكۈزۈۋاتقان سەلبىي تەسىرى ئۈستىدە ئالاھىدە توختالماقتا. ھېلەرى كىلىنتون 2007‏ - يىلى فېۋرال ئېيىدا ئامېرىكا مەركەز بانكىسىنىڭ رەئىسى بەن بەرنانكى ۋە مالىيە مىنستىرى ھەنرى پاۋەلسۇنغا خەت يېزىپ، ئۇلاردىن خىتايغا بېرىلىدىغان قەرزنى ئازايتىشىنى تەلەپ قىلغان.

دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ نامزاتلىرىنىڭ خىتايغا قارىتا كۆز قاراشلىرى

ھېلەرى كىلىنتون نۇتۇقلىرىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى قاتتىق تەنقىد قىلماقتا ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى خىتاي پۇلى ئۈستىدىكى كونتروللۇقىنى بىكار قىلىشقا چاقىرماقتا. ئۇ يېقىندا مۇخبىرلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە "مەن خىتاي رەھبەرلىرىدىن خىتايدا قانۇن ھاكىمىيىتىنى تىكلىشىنى، خىتاي پۇلى ئۈستىدىكى كونتروللۇقىنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن" دېگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى كرسىتورفەر دود، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارىتا قاتتىق سىياسەت ئېلىپ بېرىشىنى قوللايدىغان دېموكرات پارتىيىسى پرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ يەنە بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ 2007 ‏- يىلى فېۋرال ئېيىدا خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىشىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنستىرلىقىدىن شەرقىي ئاسىيا رايوندىكى سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ سانىنى كۆپەيتىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

2008‏- يىلىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىدا دېموكرات پارتىيە نامزاتلىرىنىڭ بېرى بولغان جون ئەدۋارد، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارىتا يۇمشاقراق سىياسەت ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىدىغان نامزاتلار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇ خىتاي- ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆپ ئەھمىيەت بېرىدىكەن ھەمدە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن دۇنيادا تۇراقلىق ۋە مۇقىملىقنى ئۈندەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن.

دېموكراتچىلارنىڭ 2008 ‏- يىلىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىدىكى ئەڭ كۈچلۈك نامزاتلىرىنىڭ بېرى بولغان باراك ئوباما، گەرچە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشقا قىزىقىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاينى ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ رىقابەتچىسى دەپ قارايدىكەن. ئۇ 2007 ‏- يىلى ئاپرىل ئېيىدا دېموكراتچى پرېزىدېنت نامزاتلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇنازىرىدە، " خىتاي بىزنىڭ نە دوستىمىز، نە دۈشمىنىمىز. خىتاي بىزنىڭ رىقابەتچىمىز" دېگەن. ئوباما،2007 ‏- يىلى ئاپرىل ئېيىدا بەرگەن باياناتىدا، "ئەگەر مەن پرېزىدېنت ۋەزىپىسىگە سايلانسام، خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى داۋاملاشتۇرىمەن. ئەمما كىشىلىك ھوقۇق، ئەقىلىي مۈلۈك ھوقۇقى قاتارلىق مەسىلىلەرنىمۇ ئىككىلەنمەي ئوتتۇرىغا قويىمەن" دېگەن.

دېموكراتچىلارنىڭ يەنە بىر پرېزىدېنت نامزاتى بولغان بىل رىچاردسن بولسا، خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە بۇ ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇق ۋە مۇھىت مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئۇنىڭ قارشىچە، ئامېرىكا -خىتاي دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىدىكەن. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.