" ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى ئامېرىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك "

20‏ - ماي كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر شۆبە كومىتېتىدا گۈەنتانامو تۈرمىسىدىكى مۇساپىر مەھبۇسلار ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش يىغىنىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئەھمىيىتى گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياسىتى مۇنازىرە قىلىنغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.05.21
GuantanamoBay-305 ﮔﯘﻩﻧﺘﺎﻧﺎﻣﻮ ﺗﯜﺭﻣﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﻗﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
AFP Photo

 بىر سابىق مەھبۇس يىغىندا گۇۋاھلىقتىن ئۆتكەن

بۇ يىغىننىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، تۇنجى قېتىم گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلغان بىر سابىق مەھبۇسنىڭ يىغىندا گۇۋاھلىقتىن ئۆتكەنلىكى ئىدى. گۈەنتانامو تۈرمىسىدە بەش يىل تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن، مىللىتى تۈرك بولغان گېرمانىيە پۇقراسى مۇرات قۇرناز، تېل - كامېرا ئارقىلىق يىغىنغا قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇش جەريانىدىكى سەرگۈزەشتىلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

گەرچە بۇ قېتىمقى يىغىن گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 50 نەپەر ، ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇلىشى مۇمكىن بولمىغان 50 نەپەر مەھبۇسنىڭ مەسىلىسى ئۈستىدە ئېچىلغان بولسىمۇ، لېكىن يىغىندىكى مۇنازىرىلەر ئاساسلىقى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۈستىدە بولۇپ ئۆتتى.

" ئۇيغۇر مەھبۇسلار پۇل ئۈچۈن ئامېرىكا قىسىملىرىغا تۇتۇپ بېرىلگەن كىشىلەر "

گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ مەسىلسىى ئۈستىدە ئىشلەۋاتقان پۈتۈن ئادۋوكاتلار قاتناشقان يىغىننىڭ ئىچىلىشىدا سۆز قىلغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر شۆبە كومىتېتىنىڭ رەئىسى بېل دېلاھەنت ، گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەھبۇسلارنىڭ ئاساسلىق قىسمىنىڭ، ئافغانلار ۋە پاكىستانلىقلار تەرىپىدىن پەقەت مۇكاپات پۇلى ئېلىش ئۈچۈنلا، ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىغا تۇتۇپ بېرىلگەن كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

گۈەنتانامو تۈرمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن خاتالىقلارنىڭ، ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا جىددىي سەلبىي تەسىر يەتكۈزگەنلىكىنى تەكىتلىگەن بېل دېلاھەنت، "ئامېرىكىلىق بولۇش سۈپىتى بىلەن بىزنىڭ تارىخى ئالاھىدىلىكىمىز، خاتالىقنى بايقىغاندا، ئۇنى ئېتىراپ قىلىپ، بارلىق چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىپ خاتالىقنى تۈزەتكەنلىكىمىزدۇر " دېدى.

" ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن ‏ - بىر يولى"

يىغىننى ئىچىش سۆزىدە، گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى، ئەڭ مۇھىم مەسىلە سۈپىتىدە تىلغا ئالغان، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار شۆبە كومىتېتىنىڭ رەئىسى بېل دېلاھەنت ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ داۋاملىق تەلەپلىرىگە قارىماي، ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى، خىتايغا قايتۇرمىغان، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنى تەقدىرلىدى. پرېزىدېنت بۇش ھۆكۈمىتىنى ئۆز خاتالىقلىرىنى تۈزىتىشكە چاقىرغان بېل دېلاھەنت ئەپەندى، گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇش گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن ‏ - بىر يولى دەپ كۆرسەتتى.

گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ باش ئادۋۇكاتى سېبىن ۋەلىت يىغىندا قىلغان سۆزىدە، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ئۈستىدە توختالدى.

مارت ئېيىدا تىبەتتە بېيجىڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى نارازىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان تىبەتلىك بۇددىست راھىبلارنى تېررورچى دەپ ئاتىغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، 11‏ - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، خەلقئارا جامائەتكە ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دەپ تونۇتۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن سېبىن ۋەلىت يىغىندا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى ": گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى بولغان ھۇزەيفە پەرھات دىنىي ئەركىنلىك تەلەپ قىلغان ۋە خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە قارشى چىققان. خىتايدا، پەرھاتقا ئوخشاش ئوي - پىكىردە بولغانلارنى " مەنىۋىي تېررورچىلار " دەپ ئاتايدۇ. ھۆكۈمەت مەنىۋىي تېررورچىلىق كاتېگورىيىسىگە كىرگەن خاتالىقلارنى ئىشلىگەن ئۇيغۇرلارنى قاتتىق جازالايدۇ. بەزىلىرىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ، ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىدۇ".

" ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى دۈشمەن دەپ بېكىتمىگەن "

4‏ - ئاپرىل كۈنى ۋاشىنگتون رايونىدىكى ئامېرىكا فېدېرال ئەرزىيەت سوت مەھكىمىسىدە، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى شۇنىڭدەك شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنى ئاقلىغان سېبن ۋەلىت، سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار شۆبە كومىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقاچان ئامېرىكىغا دۈشمەن بىر پوزىتسىيىدە بولمىغانلىقىنى ۋە ئامېرىكىنىڭ دۈشمىنىنى بەلگىلەش قانۇنىي سالاھىيىتىگە ئىگە بىردىن ‏ - بىر ئالىي ئورگان بولغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھېچقاچان گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى دۈشمەن دەپ بېكىتمىگەنلىكىنى تەكىتلەپ، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.  
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.