ۋىسكونسىن يادرو قوراللىرىنى چەكلەش تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى " بىز خىتايغا ئىشىنەلەمدۇق؟ " ناملىق 22 بەتلىك بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شەخسىي خىتاي شىركەتلىرىگە ھەربىيدە ئىشلىتىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ئىلغار ئۈسكۈنىلەرنى سېتىپ بېرىش پروگراممىسىنىڭ ئامېرىكا بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، بۇ پروگراممىنى توختىتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
" خىتاي بۇ شىركەتلىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جازاسىغا ئۇچرىغان شىركەتلەر"
ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى، 2007- يىلى ئۆكتەبىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھەربىي ساھەدە ئىشلىتىلىشكە بولىدىغان تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى خىتايغا سېتىپ بېرىشكە قارىتىلغان چەكلىمىنى تۇنجى قېتىم يۇمشاتقان ۋە خىتاينىڭ بەش ئېكسپورت شىركىتىنى بىخەتەر تىزىملىكى ئىچىگە كىرگۈزۈپ، ئۇلاردىن مال ئېكسپورت گۇۋاھنامىسى تەلەپ قىلماسلىقنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى يولغا قويغان بۇ خىل پروگرامما، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرى بىلەن خىتاينىڭ ئۆز ئارمىيىسىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم قىلسا، يەنە بىر جەھەتتىن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بۇنداق تېخنىكىلارنى ئىران ۋە سۈرىيىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش خەتىرىنى ھاسىل قىلىدىكەن.
بۇ دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە يەنە، ھازىرغىچە ئامېرىكا تەرەپتىن ئېلىپ بارغان بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن 5 خىتاي شىركىتىنىڭ ئىچىدىكى ئىككى شىركەت ئومۇمىي تەكشۈرۈش ئۆلچىمىنىڭ 45 پىرسەنتىدىنمۇ ئۆتەلمەيدىغان بولۇپ، بۇ شىركەتلەر خىتاينىڭ ھەربىي سانائىتىگە قويۇق ئارىلاشقان ۋە ئىلگىرى قورال - ياراق كېڭەيمىچىلىك ئىشلىرى ۋە نامۇۋاپىق ئېكسپورت قىلىش ئىشلىرىغا ئارىلاشتى دەپ باھالانغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جازاسىغا ئۇچرىغان شىركەتلەر ئىكەن.
دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، شاڭخەي خۇاخۇڭ ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلار شىركىتى، ئامېرىكىدىن ھەربىي سانائەتكە ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنى خىتايغا ئىمپورت قىلىدىغان بەش شىركەتنىڭ بىرسى ۋە خىتاي ئېلېكترونلۇق مەھسۇلات گۇرۇھى چەمبىرىكىگە تەۋە شىركەت بولۇپ، بۇ شىركەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شېرىك ئىگىدارچىلىقىدىكى ھەربىي ئەسلىھە ۋە ئاۋام خەلقنىڭ تۇرمۇشىدا ئىشلىتىدىغان ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىدىكەن.
بوئېن شىركىتى خىتاينىڭ ھەربىي سانائەت شىركىتىنىڭ 40 پىرسەنت پاي چېكىگە ئىگە
شاڭخەي خۇاخۇڭ ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلار شىركىتىنىڭ نامىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خادىمى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا ئۆز شىركىتىنىڭ ھەربىي ساھەسى بىلەن پەقەت ئالاقە قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: " بىزنىڭ خېرىدار تاللاش ئىشلىرىمىز بەك قاتتىق. بىز ھەربىي تەرەپ بىلەن سودا قالمايمىز" دېگەن ۋە يەنە ئۆز شىركىتىنىڭ ئىران ۋە سۇرىيە بىلەن سودا ئالاقىسى قىلىش مۇمكىنچىلىكى يوق ئىكەنلىكىنى قوشۇمچە قىلغان.
دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ھەربىي بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنى ۋە خىتاينىڭ 90 پىرسەنت ھەربىي ئاۋىئاتسىيە ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ھەربىي سانائەت شىركىتى، ئامېرىكىنىڭ ئايروپىلان ياساش شىركىتى بوئېن ۋە رېئاكتىپ ئايروپىلانلاردا ئىشلىتىلىدىغان كاربونلۇق تالا ئىشلەپچىقىرىدىغان خېكسىل شىركىتىنىڭ تەڭ ئىگىدارچىلىقىدا ئىكەن.
ئەمما بوئېن شىركىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باياناتچىسى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا، بوئېن شىركىتى خىتاينىڭ بۇ شىركىتىنىڭ 40 پىرسەنت پاي چېكىگە ئىگە بولۇپ، ئېكسپورت ۋە ئىمپورت قىلىشتا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بەزى ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرى: " ئامېرىكا ئېكسپورت نىسبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھېچقانچە رول ئوينىيالمايدۇ"
ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى ئۆزى يولغا قويغان بۇ پروگراممىنىڭ پەقەت ئىشلەمچىلىك خىتاي شىركەتلىرىنىڭ، ئېلېكترونلۇق مەھسۇلات، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە بەزى خىمىيىلىك بۇيۇملارنى ئېكسپورت قىلىشىغا ئاسانلىق يارىتىش ئۈچۈن يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ قورال-ياراق سودىگەرلىرىگە خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ياردىمى تېگىدىغان بۇ خىلدىكى ھەربىي تېخنىكىلارنى سېتىپ بېرىش رەت قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، ئەمما ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى خادىملىرى، خىتايدىن كەلگەن شەخسى سودىگەرلەرنىڭ بۇ خىلدىكى تېخنىكىلارنى ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىشى ئامېرىكا ئېكسپورت نىسبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجابىي رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ھەربىي ساھەسىدە ئىشلىتىدىغان ئايروپىلان ماتورى، يېتەكلەش سىستېمىسى، لازېر نۇر تېخنىكىسى ۋە ئېلېكترونلۇق ئالاقىدە ئىشلىتىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى خىتايغا سېتىپ بېرىشكە قاتتىق چەك قويغان بولۇپ، ئەمما خىتاي تەرەپ ئامېرىكا دائىرىلىرىگە بۇ خىل چەكلىمىنى ئېلىپ تاشلاش تەكلىپىنى بېرىپ، شۇنداق بولغاندا خىتاي - ئامېرىكا سودا ئالاقىسىدا مەيدانغا كەلگەن قىزىل رەقەمنى ئازايتىشقا پايدىسى تېگىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.
ئەمما، بەزى ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلغار ئۈسكۈنىلەر ئېكسپورتىنىڭ، خىتاي- ئامېرىكا سودا ئېكسپورتىدا مەيدانغا كەلگەن قىزىل رەقەمنى كېمەيتىشكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئانچە چوڭ ئەمەس ئىكەن. (جۈمە)