خىتاينى ھازىر ھەممىدىن بەك بىئارام قىلىۋاتقان نەرسە كىچىك لاچىن


2008.03.21

Hkg200-1.jpg
ئامېرىكا ئىككى ئاۋىئاماتكا ئۇرۇشچى پاراخوتلار توپىنى تەيۋەننىڭ شەرق تەرىپىدىكى ئۇچۇق دېڭىزغا ھەربىي مەشق قىلىشقا ئەۋەتكەن. AFP Photo

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ 'كىچىك لاچىن' بەلگىلىك ئاۋىئاماتكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇرۇشچى پاراخوتلار توپى ھازىر تىنچ ئوكياننىڭ تەيۋەنگە يېقىن جايلىرىدا ھەربىي مەشىق قىلىۋاتىدۇ.

ئامېرىكىنىڭ دېڭىز ئارمىيە مەشقى تەيۋەندىكى ' ئومۇم خەلق ئاۋاز قويۇش' مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك

مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەن پرېزىدېنت سايلىمى كومىتېتىنىڭ خادىمى ياڭ سۇلى بۈگۈن چەتئەللەردىن تەيۋەن سايلىمىنى كۆزەتكىلى كەلگەن 290 نەپەر ۋەكىل قاتناشقان بىر يىغىندا 'ئامېرىكىنىڭ 'كىچىك لاچىن' بەلگىلىك ئاۋىئاماتكا ئۇرۇشچى پاراخوتلار توپىنىڭ تەيۋەن ئەتراپىدىكى دېڭىز يۈزىدە ھەربىي مەشىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ‏-‏-‏- تەيۋەندە داۋاملىشىۋاتقان پرېزىدېنت سايلىمىغا قارىغاندا، ھازىر پۈتۈن دۇنيا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بىر مەسىلە بىلەن، يەنى تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇپ كىرىش ياكى كىرمەسلىكى ھەققىدە ئومۇم خەلق ئاۋاز قويۇش مەسىلىسى بىلەن تېخىمۇ بەك مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر تەيۋەندە بۇ قېتىم ب د ت غا ئەزا بولۇپ كىرىشكە بېرىلگەن ئاۋاز كۆپ بولۇپ، بۇ مەسىلە قارار قىلىنسا، ئامېرىكىنىڭ دېڭىز كۈچلىرى كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي تەۋەككۇلچىلىك قىلىشىغا تاقابىل تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ' دېگەن.

تەيۋەنگە يېقىن جايدا ھەربىي مەشق قىلىۋاتقان بىر كىچىك لاچىنلا ئەمەس

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى سەيشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ ياپونىيىدىكى دېڭىز ئارمىيە بازىسىدا تۇرۇۋاتقان 'كىچىك لاچىن بەلگىلىك ئاۋىئاماتكا ئۇرۇشچى پاراخوتلار توپىنى تەيۋەن ئارىلىنىڭ شەرقىدىكى ئۇچۇق دېڭىزدا ھەربىي مەشىق قىلىشقا ئەۋەتتى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىك خادىملىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 'كىچىك لاچىن' ئاۋىئاماتكا ئۇرۇشچى پاراخوتلار تىپى نامىدا ھەربىي مەشىققە قاتنىشىۋاتقان پەقەت بىرلا ئاۋىئاماتكا ئەمەس.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ ھەربىي مەشق 1949 ‏- يىلى كوممۇنىست خىتايدىن بۆلۈنۈپ كەتكەن تەيۋەن ئارىلىدا ھازىر داۋاملىشىۋاتقان پرېزىدېنت سايلىمى ۋە ب د ت غا ئەزا بولۇش كىرىش ياكى كىرمەسلىك ھەققىدە ئومۇم خەلق ئاراز قويۇشتىن ئىبارەت دېموكراتىك پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى قوغدايدۇ. بۇ تەدبىر پەقەت كوممۇنىست خىتاينىڭ تەيۋەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەربىي تەۋەككۈلچىلىك قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

'ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگونىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى ناھايىتى ئېنىق بىلىدۇ'

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى چىنگاڭ 20 ‏- مارت كۈنى، مۇخبىرلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ كىچىك لاچىن ئاۋىئاماتكا ئۇرۇشچى پاراخوتلار توپىنىڭ تەيۋەن ئارىلىغا يېقىن جايدا ھەربىي مەشىق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاپ بەرگەندە، بۇ تېما ئۈستىدە تەپسىلىي توختىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ 'ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگونىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى ناھايىتى ئېنىق بىلىدۇ' دەپ گەپنى تۈگەتكەن ئىدى.

تەيۋەن بوغۇزىدا توقۇنۇش يۈز بېرىش-بەرمەسلىكى تىبەت مەسىلىسىگە قارىغاندا، تەيۋەندىكى ئومۇم خەلق ئاۋاز قويۇشنىڭ نەتىجىسى قانداق بولۇشىغا باغلىق

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى كلامېنت (Institute Clemente) تەتقىقات ئورنىدىكى ھەربىي مۇتەخەسسىس لىن چاڭشېن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، تەيۋەن بوغۇزىدا توقۇنۇش يۈز بېرىش-بەرمەسلىكى تىبەت مەسىلىسىگە قارىغاندا، تەيۋەندىكى ئومۇم خەلق ئاۋاز قويۇشنىڭ نەتىجىسى قانداق بولۇشىغا باغلىق.

‏-‏-‏- ئامېرىكا ئىككى ئاۋىئاماتكا ئۇرۇشچى پاراخوتلار توپىنى تەيۋەننىڭ شەرق تەرىپىدىكى ئۇچۇق دېڭىزغا ھەربىي مەشق قىلىشقا ئەۋەتتى،‏-‏-‏- دەيدۇ لىن ئەپەندى مۇلاھىزىسىدە، ‏-‏-‏- ئۇنىڭ بىرى 'كىچىك لاچىن' ئاۋىئاماتكا ئۇرۇشچى پاراخوتلار توپى، يەنە بىرى يېقىندىلا جەنۇبىي كورىيە بىلەن بىرلەشمە مەشىق ئۆتكۈزۈپ بولغان 'نىېمىز' بەلگىلىك ئاۋىئاماتكا ئۇرۇشچى پاراخوتلار توپى. 'كىچىك لاچىن' تىنچ ئوكيان قوماندانلىق شىتابىغا قارايدۇ، يەنە بىرى ئۇنىڭغا قارىمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر نەچچە يادرولۇق سۇ ئاستى پاراخوتمۇ بار.

لىن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ ئىككى ئاۋىئاماتكا ئۇرۇشچى پاراخوتلار توپىنى بۇ قېتىم يەنە ھەربىي مەشىق قىلىدۇ، دېيىش كىشىنى قايىل قىلالمايدۇ. تەيۋەندە مۇشۇ شەنبە كۈنى پرېزىدېنت سايلىمى بولىدۇ ۋە ب د ت غا ئەزا بولۇش ياكى بولماسلىق ھەققىدە ئومۇم خەلق ئاۋاز قويىدۇ. ئەگەر ب د ت غا زا بولۇپ كىرىش قارار قىلىنسا، بۇ تەيۋەن بوغۇزىدا چوڭ سىلكىنىش پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا مەلۇم توقۇنۇش يۈز بېرىش ئېھتىمالى يوق ئەمەس. بۇ قېتىم ئامېرىكىنىڭ ئىككى ئاۋىئاماتكا ئۇرۇشچى پاراخوتلار ئەۋەتىشى، بىرىنچىدىن بۇنداق ئېھتىماللىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كۈچ -قۇدرىتىنى نامايەن قىلىش، ئىككىنچىدىن ئامېرىكىدا تەيۋەننى قوللايدىغان خەلىقنى خاتىرجەم قىلىش رولىنى ئوينايدۇ.

خىتاي تەرەپنىڭ 'جىددىي ھەرىكەت قوللىنىش' دېگىنى ھەربى ھۇجۇم قىلىش دېگەنلىكتۇر

كلامېنت تەتقىقات ئورنىنىڭ ھەربىي مۇتەخەسسىسى لىن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىش-بەرمەسلىكى ھازىرقى تىبەت مەسىلىسىگە قارىغاندا، تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇپ كىرىش ھەققىدە ئومۇم خەلق ئاۋاز قويۇشنىڭ نەتىجىسى قانداق بولۇشىغا باغلىق. چۈنكى، تەيۋەندە بۇ قېتىمقى ئومۇم خەلق ئاۋاز قويۇش، ئەمەلىيەتتە تەيۋەننىڭ مۇستەقىل بولۇش- بولماسلىق مەسىلىسى. تىبەت مەسىلىسى ئەگەر جىمىپ قالسا، خىتايغا چوڭ تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ. ئەگەر تەيۋەندىكى ئومۇم خەلق ئاۋاز قويۇشتا، ب د ت غا ئەزا بولۇپ كىرىش قارار قىلىنسا، بۇ خىتاي ئۈچۈن دەرھال بىر چوڭ قانۇنىي مەسىلە بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇنداقتا خىتاي تەرەپ جىددىي ھەرىكەت قوللىنىشى ئېھتىمالى بار، بۇنى خىتاي رەھبەرلىرى يېقىندا ئىپادىلەپ ئۆتكەن ئىدى.

لىن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي تەرەپنىڭ 'جىددىي ھەرىكەت قوللىنىش' دېگىنى ھەربى ھۇجۇم قىلىش دېگەنلىكتۇر. ئەمما ھازىرچە خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھەربىي ھۇجۇم قوزغاش ئېھتىماللىقى چوڭ ئەمەس، ئۇ ئالدى بىلەن سىياسىي، دېپلوماتىيە جەھەتلەردە ھۇجۇم قوزغىشى مۇمكىن، ئەگەر بۇنىڭ بىلەن مەقسىتىگە يېتەلمىسە، ئاندىن ھەربى ھۇجۇم قوزغىشى مۇمكىن. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.