خىتايدىكى بىردىنبىر بىخەتەر جاي - ئامېرىكا ئەلچىخانىسى

خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىرقىسمى تۈرمىلەرگە بەنت قىلىنغان بولسا، يەنە بىرقىسمى ئۆز ئائىلىسىدە نەزەربەند ئاستىدا ياشىماقتا. كىشىلەرنىڭ شەخسىي ئۆيلىرىمۇ ئىككىنچى تۈرمىگە ئايلانماقتا.

0:00 / 0:00

ب ب س خىتايچە قانىلى 2 - ماي كۈنى «خىتايدىكى بىردىنبىر بىخەتەر جاي - ئامېرىكا ئەلچىخانىسى» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىدە، خىتايدا مەيلى ساقچى بولسۇن، ياكى پۇقرا بولسۇن، ئۆزلىرىنى قوغداشقا مەجبۇر قالغاندا ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدىن باشقا پاناھلىنىدىغان بىخەتەر جاي قالمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

چۇڭچىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لىجۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆچ ئېلىشى، جازالىشىدىن قورقۇپ ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدىن پاناھلىق تىلىگەن ئىدى. بۇ خەۋەر دۇنيا ئاخبارات ساھەسىدە قىززىق تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن. بۇ قېتىم ئەما ئادۋوكات چىن گۇاڭچېڭمۇ دۇنيادا زور غۇلغۇلا قوزغىدى.

«خىتايدىكى بىردىنبىر بىخەتەر جاي - ئامېرىكا ئەلچىخانىسى» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى بىر قانچە مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى:

بىرى؛ خىتايدا كىشىلەرنىڭ ئۆز ئائىلىسىگە ئىگە بولۇش ھوقۇقىمۇ يوق. خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنى ئىككىنچى دەرىجىلىك تۈرمىگە ئايلاندۇرۇپ، كامىرالار ۋە ساقچىلار بىلەن نازارەت ئاستىغا ئېلىپ، خاتىرجەم ياشاشقا يول قويمايۋاتىدۇ. ئەي ۋېيۋېي، خۇ جيا قاتارلىق مىڭلىغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بۇ ئىككىنچى دەرىجىلىك تۈرمىدە تەقىپ ئاستىدا تۇرماقتا. بۇ تۈرمە ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ساقچىلارنىڭ سوراق مەيدانى ۋە تەھدىت سېلىش، ئۇرۇپ - قىيناش لاگىرى بولۇپ خىزمەت قىلماقتا. ئەسلىدە، ئائىلە دېگەن ئەڭ بىخەتەر جاي بولۇشى، كىشىلەر ئۆز ئۆيلىرىگە تەلپۈنۈپ ياشىشى لازىم ئىدى. ئەمما، ھازىر خىتايدا كىشىلەر ئۆز ئۆيلىرىدىن قېچىپ كېتىشكە تەلپۈنمەكتە. ئۆز ئۆيلىرىگە قامالغان مەھبۇسلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىمۇ ئىككىنچى دەرىجىلىك مەھبۇسقا ئايلىنىپ قالماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ زىنداندا ئۇلارنىڭ كۆزىنىلا ئەمەس، قەلبىنىمۇ قارغۇ قىلىشقا تېرىشماقتا.

ئاۋسترالىيىدىكى ئۇيغۇر مۆتىبەرلىرىدىن ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى خىتاينىڭ ۋەزىيىتى بۇ بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەر قوش زۇلۇم ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىككىنچىسى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئىچكىي قىسمىدا ئۆلتۈرۈش، خىيانەت قىلىشنى كەسپ قىلغان بىر قارا گۇرۇھ بار. بۇ قارا گۇرۇھ ئەدلىيە ۋە ئىقتىسادنىڭ جان تومۇرىنى كونترول قىلىۋالغان. پۇقرالار ئۈستىدىن خالىغانچە زورلۇق - زومبۇلۇق قىلالايدۇ. خەلقنىڭ قان - تەرىنى شوراپ ئالىدۇ. ئىناقلىق تونىغا ئورۇنۇۋالغان بۇ قارا گۇرۇھ قانۇننى باش بولۇپ ئاياق ئاستى قىلىدۇ. خىتاي پۇقرالىرى ئۈچۈن ھازىر مۇھىم بولۇۋاتقىنى ئەركىنلىك ئەمەس، بەلكى بىخەتەرلىك. كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۆيىدىمۇ بىخەتەر ياشاش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس. قانۇن ۋە خەلق رايى ئاياق ئاستى قىلىنغان جەمئىيەتتە ئىناقلىق بولمايدۇ. خەلقنىڭ ئۆز ئائىلىسىدىمۇ بىخەتەرلىك ئېڭىدىن ئايرىلىپ قېلىشى ھۆكۈمەتنىڭ مەغلۇبىيىتىدۇر. پىكىر ئەركىنلىكى ھەم قانۇنغا تايىنىش ئەمەلگە ئاشمىسا، مەكتەپلەر پارتىيە مەكتىپىگە، گېزىتلەر پارتىيە گېزىتىگە، ئەسكەرلەر پارتىيىنى قوغدۇغۇچىلارغا ئايلىنىپ ياشاش داۋام قىلسا، بۇ ھاكىمىيەت زاۋال تاپىدۇ.

ئۈچىنچىسى، ئومۇمىي خىتاي جەمئىيىتى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئوخشايدۇ. خىتايدا ھېچيەر بىخەتەر ئەمەس. خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقمىغانلار قارا زىندانغا سولىنىدۇ. زىندانغا سولانمىغانلىرى ياكى قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولغانلىرى ئۆز ئۆيلىرىگە قامىلىدۇ. سەن مەيلى مەركەزنىڭ ئەرزىيەت ئىدارىسىگە ئەرز قىل، مەيلى جۇڭنەنخەيگە ئەرز قىل ۋە مەيلى ۋېن جياباۋنىڭ ئۆزىگە ئەرز قىل، ھەممىسىلا سەن ئۈچۈن ئۆلۈم يولىدۇر. پۈتۈن خىتايدا بىخەتەر ئىككىنچى بىر جاي قالمىغانلىقى ئۈچۈن، ۋاڭ لىجۈن ساقچى باشلىقى تۇرۇپ، ئامېرىكا كونسۇلخانىدىن پاناھلىق تىلىدى. ساقچىلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان چىن گۇاڭچېنمۇ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدىن ياردەم تىلىدى. دېمەك، خىتايدا ھازىر ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدىنمۇ بىخەتەر جاي قالمىدى.

«خىتايدىكى بىردىنبىر بىخەتەر جاي - ئامېرىكا ئەلچىخانىسى» ناملىق ماقالىدە يەنە، بۇ ۋەقەلەر توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ خىتاي تور بەتلىرىدە قامال قىلىنغانلىقى، ئەمما چەتئەل تور بەتلىرىدە ئون مىڭلاپ ئېقىپ يۈرگەنلىكى، بۇ خىل قامال ۋە بېسىملار داۋاملاشقان تەقدىردە، خىتايدا زور توقۇنۇشلار پارتلايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىدىن باشقا ئىشلارغا يول قويمىسىمۇ، پۇقرالارنىڭ ئۆز ئائىلىسىدە خاتىرجەم ياشىشىغا يول قويۇشى لازىملىقى تەلەپ قىلىنغان.