خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتىنى مەخپىي قانات يايدۇرۇشى ئامېرىكىنى خاتىرجەمسىز قىلىۋاتىدۇ
2008.03.12
ھەربىي سېلىنما ۋە ھەربىي قىسىملارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش پىلانىنى ئاشكارا ئېلىپ بېرىش تەلىپى خىتاي - ئامېرىكا ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىدە ئامېرىكا ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان ۋە ئۇنى قايغۇغا سېلىۋاتقان مەسىلىدۇر. ئامېرىكا تىنچ ئوكيان قىسىملىرىنىڭ ئادېمىرالى، قوماندان تىموتى كېتىڭ، ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ھەربىي ئىشلار كومىتېتىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا بۇ مەسىلىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ ھەربىي سېلىنمىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىشى ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىنى بىئارام قىلىۋاتقانلىقىنى ھەم خىتاي ھەربىي قىسىملىرىنىڭ زادى نېمە غەرەزگە يەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىغا نىسبەتەن چۈشەنچىسى چەكلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
"ئۇلارنىڭ ئىستراتېگىيىلىك غەرىزى بىزنىڭ دىققىتىمىزنى قوزغايدۇ"
كېتىڭنىڭ كېڭەش پالاتاسىدىكى سۆزى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان "خىتاي ھەربىي كۈچىنىڭ ئەھۋالى" دېگەن دوكلاتتىكى قاراشلار بىلەن ئوخشاش بولۇپ، دوكلاتتا خىتاي ھەربىي تەرەققىياتىنىڭ ئاشكارا ئەمەسلىكى، بۇ مەلۇم ساھەلەردە ئامېرىكا ئارمىيىسىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. كېتىڭ، ھەربىي ئىشلار كومىتېتىدىكى كېڭەش پالاتا ئەزالىرىغا بەرگەن گۇۋاھلىق سۆزىدە، خىتاينىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان ھەربىي ئىقتىدارى ئۆزلىرىدە ئەندىشە قوزغاۋاتقانلىقىنى، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ يەتمەكچى بولغان غەرىزىگە قارىتا چۈشەنچىسى چەكلىك دائىرىدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، " ئۇلار ئاشكارىلىغان نەرسىلەر بىزنىڭ نۇقتىئىنەزىرىمىزچە يېتەرلىك ئەمەس " دەيدۇ.
باش شتابى ھاۋايدىكى ئامېرىكا تىنچ ئوكيان ئارمىيىسى ئامېرىكىنىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك ھاۋا ۋە دېڭىز كۈچى مەركەزلەشكەن قىسىمى بولۇپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ بىخەتەرلىكى مەزكۇر قىسىمنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە ئىدى. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدىكى يىغىندا خىتاينىڭ ئۆز تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن كېتىڭ " ئۇلارنىڭ ئىستراتېگىيىلىك غەرىزى بىزگە قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلمىغان تەقدىردىمۇ، لېكىن بۇ يەنىلا بىزنىڭ دىققىتىمىزنى قوزغايدۇ " دېدى.
" ھەر ئىككى تەرەپنى ھەربىي ھەرىكەتتىن ساقلىنىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردۇق "
ئامېرىكا تىنچ ئوكيان ئارمىيىسىنىڭ مەزكۇر ئادېمىرالى، خىتاينىڭ ئۆزلىرىدە ئەندىشە قوزغاۋاتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئېلېكترونىك ئۇرۇش قىلىش كۈچى ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىدە مۇنازىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "بىزنىڭ ئېھتىياج چۈشكەندە ئورۇنلاشتۇرىدىغان نازۇك قوراللىرىمىز بار. كۆپ قىسىم ئېلېكترونىك قوراللارنىڭ قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى ياخشى، لېكىن يەنە بىر قىسىم قوراللارنىڭ ئۈنۈمى يەنىلا چەكلىك "دەپ كۆرسەتتى.
كېتىڭ ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىغا خىتاي ھەربىي تەرەققىياتى تەيۋەن بوغۇزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا تىنچ ئوكيان ئارمىيىسىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بولۇپ، لېكىن بوغۇزدىكى مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئاچقۇچى يەنىلا تەيۋەننىڭ ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش "دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، تەيۋەن بوغۇزىدا ئۇرۇش پارتلاش ئېھتىمالى يۈز بەرمەسلىكى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا.
كېڭەش پالاتا ئەزالىرىغا "تەيۋەن بوغۇزىدا ۋەقە يۈز بەرمەسلىكى مۇمكىن " دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن كېتىڭ، ئۆزلىرىنىڭ تەيۋەن ياكى خىتايلار بىلەن سۆزلەشكەندە ئۇلارغا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى، بولۇپمۇ تەيۋەن بوغۇزىنىڭ مۇقىملىقىنى ئالاھىدە سەمىگە سالغانلىقىنى، لېكىن خىتايلارنىڭ تەيۋەن بوغۇزى ئەتراپىدا ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكى تۈپەيلى بۇ تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ ھەر ئىككى تەرەپنى ھەربىي ھەرىكەتتىن ساقلىنىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
" خىتاي تەيۋەن بوغۇزى ئەتراپىغا ئاز كەم 1000 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇردى "
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ دوكلاتىدا، خىتاينىڭ تەيۋەن بوغۇزى ئەتراپىغا ئاز كەم 1000 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى، ئاۋىئاماتكا، ئۇرۇش پاراخوتىغا قارشى چارلىغۇچى ۋە باللىستىك بومبىلار شۇنداقلا سۈنئىي ھەمراھ ھەم قىتئەلەرئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى قوراللارنى راۋاجلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
لېكىن كېتىڭ، كېڭەش پالاتاسىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ۋەزىيىتى تەيۋەندىكى پرېزىدېنت سايلىمىدىن كېيىن يۇمشاش يولىغا قاراپ مېڭىشى مۇمكىن، قارىماقتا. ئۇ، " تەيۋەن پات يېقىندا يەنى 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى سايلام ئۆتكۈزىدۇ. نامزاتلارنىڭ ھەر ئىككىسى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە مۆتىدىل سىياسەت تۇتماقتا. بۇ، ئوتتۇرىدىكى ئىختىلاپنى يۇمشىتىشى مۇمكىن. بىز ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن 22 - مارتتىكى سايلامدىن كېيىن ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەت يۇمشايدۇ، دەپ قارايمىز " دەپ ئەسكەرتىدۇ.
"خىتاينىڭ ئېلېكترونىك ئۇرۇش قىلىش تەييارلىقى بىزنى ئەندىشىگە سېلىۋاتىدۇ "
خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى يېقىندا، خىتاينىڭ بۇ يىلقى ھەربىي خام چوتىنى 17.6 پىرسەنت ئۆستۈرىدىغانلىقىنى، ئومۇمى ھەربىي سېلىنما تەخمىنەن 57 مىليارد دوللارغا يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ھەربىي سېلىنمىدىكى بۇ ئارتىشنى ئاساسلىقى ھەربىيلەرنىڭ تەلىم - تەربىيە ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلغان، دەپ چۈشەندۈرمەكتە. لېكىن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئېلېكترونىك ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈۋاتقانلىقىنى، خىتاي تور زەربىدارلىرىنىڭ ئامېرىكا تور سېستىمىسى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىنتېرنېت ئۇلانمىلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
كېتىڭ كېڭەش پالاتاسىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا بۇ مەسىلىگە ئىزاھات بېرىپ، "خىتاينىڭ ئېلېكترونىك ئۇرۇش قىلىش تەييارلىقى بىزنى ئەندىشىگە سېلىۋاتىدۇ. بۇ بىزنىڭ دىققىتىمىزنى قوزغاۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. خىتاي ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى ھەربىي مەكتەپلەردىكى مۇھىم تەتقىقات تېمىسى سۈپىتىدە تۇتۇۋاتىدۇ " دەپ كۆرسەتتى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا ۋە خىتاي ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەيۋەنگە تۇتقان پوزىتسىيىسىدە ئۆزگىرىش كۆرۈلدى
- ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى ھەققىدىكى 2008- يىللىق دوكلاتى ئىنكاس قوزغىدى
- ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي ئۇستىدىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز سۇندى
- ئامېرىكا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھەربىي خامچوتنى كۆپەيتىش مەسىلسىدە ئوچۇق بولۇشقا چاقىردى
- كاندىلىزا رايىس خىتايدىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى قويۇپ بېرىشنى ئالاھىدە تەكىتلىدى
- ئۈزۈلۈپ قالغان خىتاي - ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى قايتىدىن باشلانماقچى
- خىتاي بىلەن ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئامېرىكىنى خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولۇشقا چاقىردى
- ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسى سۆھبەت ۋەكىلى بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى
- خىتاي ئامېرىكىدا جاسۇسلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىنكار قىلدى
- كاندىلىزا رايس خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ
- ئالەم بوشلۇقىدا ئىشلىتىدىغان قوراللارنى چەكلەش كېلىشىمى رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ دېپلوماتىك ھىيلىسى
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاقساراي ئالدىدا بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن كۈچ كۆرسەتتى
- ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات باش نازارەتچىسى : ئامېرىكا خىتاي تەھدىتىدىن ئەندىشە قىلىدۇ
- ئامېرىكىدىكى پرېزىدېنت سايلىمىدا مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مەسىلىسى