ئوباما زىيارىتىدىن كېيىن، ئامېرىكا - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەر ئۆز پېتى ساقلىنىپ تۇرماقتا

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خۇ جىنتاۋ بىلەن سۆزلەشكەندە قايسى مەسىلىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل بولدى؟ ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ دۆلەت مۇناسىۋىتىدە قانداق يېڭىلىق پەيدا بولدى؟
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-11-20
Share
Obama-we-Xu-jintaw-xitayda-doletlik-ziyapette-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 17‏ - ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﺧﯘ ﺟﯩﻨﺘﺎﯞ، ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﺋﻮﺑﺎﻣﺎﻧﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺧﻪﻟﻖ ﺳﺎﺭﯨﻴﯩﺪﺍ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯜﺗﯜﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﺘﻪ، ﺋﯘﻻﺭ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﯜﺳﺘﯩﻠﯩﮕﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻤﺎﻗﺘﺎ.
AFP Photo

بۈگۈن 'كۆزىتىش ژۇرنىلى' دا 'ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتى گۈلدۈرى بار، يامغۇرى يوق زىيارەت بولدى' سەرلەۋھىلىك بىر ئوبزور ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خۇ جىنتاۋ بىلەن سۆزلەشكەندە، ئامېرىكا -خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق، خىتاي پۇلىنىڭ ئابوروتتىكى قىممىتى، مۇھىتنى ئاسراش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئامېرىكا خەلقنىڭ تەشەببۇسى ئىدى. ئەمما ئوباما بىلەن خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىمقى سۆزلىشىشىدىن ھېچقانداق نەتىجە ھاسىل بولمىدى، بۇ قېتىمقى داغدۇغىلىق زىيارەت ھېچقانداق يېڭى ۋەزىيەت پەيدا قىلالمىدى.

كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا كېلەر يىلى 2 ‏- ئايدا ۋاشىنگتوندا سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا كېلىشكەندىن باشقا، ھېچقانداق بىر مەسىلىسدە كېلىشىم تۈزۈلمىدى ياكى پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنمىدى

بۇ ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، ئوباما بىلەن خۇ جىنتاۋ سۆزلەشكەندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان 'خىتاي-ئامېرىكا قوشما باياناتى'دا، پەقەت ئامېرىكا بىلەن خىتاي 'كېلەر يىلى 2 ‏- ئايدا ۋاشىنگتوندا كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا كېلىشكەن' لىكىدىن باشقا ھېچقانداق بىر مەسىلىسدە كېلىشىم تۈزۈلگەن ياكى پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغانلىقى مەلۇم بولمىدى. بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتى پەقەت سىمۋول خاراكتېرلىك زىيارەت بولغاندىن ئۆزگە، رىئال ئەھمىيەتكە ئىگە زىيارەت بولمىدى.

ئوباما مەسىلىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويمىغاچقا، خۇ جىنتاۋ ئۇنىڭ گېپىنى ھېسابقا ئالمىدى

ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، ئوباما بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىدە، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرنى بىۋاستە، ئېنىق، كونكرېت ئوتتۇرىغا قويماي، قانداقتۇر بىرخىل تەسۋىرلەر بىلەن دارىتمىلاپ ئوتتۇرىغا قويغاچقا، خۇ جىنتاۋ ئۇنىڭ گېپىنى ھېسابقا ئالمىدى.

ئەگەر خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئېتىراپ قىلىدىغان نېيىتى بولسا، ئۇنى بىۋاستە قوبۇل قىلغان ۋە ئاللىقاچان ئىجرا قىلغان بولاتتى

بۇ ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ كىىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە كېلەر يىلى ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىمىز، دېگىنى كىشىلىك ھوقۇقنى يەنە بىر قېتىم ئىنكار قىلغانلىقى، بۇ بىر ھېلە. چۈنكى خىتاي تا ھازىرغا قەدەر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ ئۆلچەملىرىنى قوبۇل قىلغىنى يوق، بەلكى بۇ خىتابنامىنىڭ پرىنسىپلىرىنى باشقىچە تەبىر بېرىش ئارقىلىق رەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەگەر خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئېتىراپ قىلىدىغان نېيىتى بولسا، بۇ ھەقتە كېلەر يىلى 2 ‏- ئايدا ۋاشىنگتوندا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ھاجىتى يوق، كېلەر يىلىغا ئەمەس، ئەتىگە قالدۇرۇشنىڭمۇ ھاجىتى يوق، ھەتتا بۇ ھەقتە باشقا بىر دۆلەت بىلەن سۆھبەتلىشىش ياكى ھەمكارلىشىشمۇ ھاجەت ئەمەس، خىتاي ئۆزى بىر لەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىدىكى ئۆلچەملەرنى بىۋاستە قوبۇل قىلغان ۋە ئاللىقاچان ئىجرا قىلغان بولاتتى.

گەرچە ئامېرىكىدا 'ئوباما خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى' دېيىلىۋاتسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئوباما ئوتتۇرىغا قويغان تۆت مۇھىم مەسىلىنىڭ ھەممىسىنى خىتاي كېسىپ تاشلىدى، ئۇنى خەلق ئاڭلىمىدى

'خىتايغا نەزەر تور گېزىتى' دە بايان قىلىنىشىچە، گەرچە ئامېرىكىدا 'ئوباما خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى' دېيىلىۋاتسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئوباما كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى دەپ قاراپ ئوتتۇرىغا قويغان تۆت مۇھىم مەسىلىنىڭ ھەممىسىنى خىتاي كېسىپ تاشلىدى، ئۇنى خەلق ئاڭلىمىدى'.

ئوباما تىبەت، ئۇيغۇر مەسىلىسنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويالمىغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭغىمۇ خۇجىنتاۋ پىسەن قىلمىدى

بۇ ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، ئوباما تىبەت مەسىلىسدە سۆزلىگەندە، تىبەتنىڭ خىتاي تېررىتورىيىىسىدە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا دالاي لامانىڭ خىتاي بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدىغانلىقىنى، باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دىني ئېتىقاد ئەركىنلىكىگىمۇ ھۈرمەت قىلىش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئەمما تىبەت مەسىلىسىدىكى نېگىزلىق مەسىلىنى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى مەسىلىسى دېگىنى دەل ئامېرىكا قوللاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويالمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇنىڭغا خۇ جىنتاۋ پىسەن قىلمىدى. بەلكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ئارقىلىق ئوباماغا نەق جاۋاب بەردى.

ئوباما شاڭخەيدە پەقەت كوممۇنىست ئىز باسارلىرى بىلەنلا سۆھبەتلەشتى

ئوباما شاڭخەيدە ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ بۇ ھەقتە ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم نوقتىلىرىنىڭ ھەممسىسىنى خىتاي كېسىۋەتتى، ئۇ دېگەن گەپلەرنىڭ ھېچقايسىنى خەلق ئاڭلىمىدى. ئەمەلىيەتتە خىتاي ئوبامانى خەلق بىلەن كۆرۈشتۈرمىدى، ئوباما پەقەت ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلەشتىم دەپ ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ئۇچۇرلىرىنى ھەرگىز خەلققە ئاڭلاتمايدىغان، خەلقنىڭ ئەركىن بولۇشىنى چەكلەيدىغان كوممۇنىست ئىز باسارلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

ئوباما تەيۋەن بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويالمىغانلىقى ئۈچۈن، خۇ جىنتاۋ بۇنىڭغىمۇ پسەنت قىلمىدى

ئوباما تەيۋەن مەسىلىسىنى تىلغان ئالغاندىمۇ، پەقەت ھازىر ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا تىنچ سودا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنىلا تەسۋىرلىگەن ئىدى، ئەمما ئۇ تەيۋەن بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سەزگۈر سىياسىي مەسىلىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويالمىغانلىقى ئۈچۈن، خۇ جىنتاۋ بۇنىڭغىمۇ پسەنت قىلمىدى.

بۇ ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ دۆلەت مۇناسىۋىتىدە بىرەر يېڭىلىق پەيدا بولمىدى، بەلكى بۇرۇنقى ئىختىلاپلارنىڭ ھەممسى يەنىلا ئۆز پېتى ساقلىنىپ تۇرماقتا.

پىكىرلەر (1)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

Anonymous says:
Nov 23, 2009 11:27 PM

ﯮﺑﺎﻣﺎﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺗﺘﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﻫﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﯬﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪﯗ .

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت