كىچىك لاچىن ۋەقەسى ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ يىغىنچاقلانغان كۆرۈنۈشى
2007.11.29
11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، ئامېرىكىنىڭ 'كىچىك لاچىن' بەلگىلىك ئاۋىئاماتكا ئۇرۇشچى پاراخوتلار توپىنىڭ ئۈچ پاراخوتى 8000 ئەسكىرى بىلەن خوڭكوڭغا كېلىپ 'تەشەككۈر بايرىمى' نى تەبرىكلىمەكچى بولغان ئىدى. خىتاي ئۇنىڭ خوڭكوڭغا كىرىشىگە ئىجازەت بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ پاراخوتلار ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتتا دەرھال كەينىگە يېنىپ، ئۆزىنىڭ ياپونىيىدىكى دېڭىز ئارمىيە بازىسىغا قايتىپ كەتتى. خىتاي تەرەپ 'ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن خوڭكوڭغا كىرىشىگە رۇخسەت' دېگەندە، 'كىچىك لاچىن'لار ئاللىقاچان 20 نەچچە چاقىرىم يىراقلىققا بارغان ئىدى.
بۇ ۋەقەدىن كېيىن، ئاللىقاچان خوڭكوڭغا كېلىپ، 22 - نويابىر كۈنىدىكى مىللىي بايرامدا دىدار جەم بولۇشنى كۈتۈپ تۇرغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ خوتۇن - بالىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن قاتتىق خاپا بولدى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن، ئامېرىكا -خىتاي ئوتتۇرىسىدا قائىدە بۇيىچە سۆزلىشىش كۆپەيدى. بۇنداق دىپلوماتىك ھەرىكەتلەر ھەتتا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدىغان دەرىجىگە كۆتۈرۈلدى.
خىتاي تېخىچە بەش بۇرجەك بىنانىڭ نارازىلىقىغا قارىتا توغرا ئىزاھات بەرمەيۋاتىدۇ
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گىئوف موررىلنىڭ ئېيتىشىچە، بەش بۇرجەك بىنا بۇ قېتىمقى ۋەقەگە جىددىي قارايدۇ، چۈنكى بۇنىڭدىن سەل بۇرۇنمۇ، دېڭىز ئاستىدىكى يۇشۇرۇن مىنالارنى چارلايدىغان ئامېرىكا پاراخوتلىرى دەھشەتلىك بورانغا دۇچ كەلگەندە، خىتاي تەرەپ ئۇلارنىڭ خوڭكوڭ پورتىغا كىرىپ بىرئاز ھايال بولۇش تەلىپىنى رەت قىلغان ئىدى. بۇنداق قائىدىسىزلىك بىر نەچچە ئەسردىن بۇيان دېڭىز ئارا مۇناسىۋەتلەردە ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىدى.
بۇ ۋەقەدىن ئىككى كۈن كېيىن، يەنە مۇشۇ ئاۋىئاماتكا ئۇرۇشچى پاراخوتلار توپى، 1997 - يىلىدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان خوڭكوڭدا بايرام ئۆتكۈزۈش ئەنئەنىسى بۇيىچە خوڭكوڭغا كەلگەندە، خىتاي تەرەپ ئۇنىڭ كىرىشىگە ئىجازەت بەرمىدى. بەش بۇرجەك بىنا بۇنداق قائىدىسىزلىككە ئىپادە بىلدۈرۈش ئۈچۈن، خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارىنى چاقىرتسا، ئۇ ئەرباب سۆھبەتكە كەلمىدى. خىتاي تېخىچە بەش بۇرجەك بىنانىڭ خىتايغا بىلدۈرگەن نارازىلىقىغا توغرا ئىزاھات بەرمەيۋاتىدۇ. (ئامېرىكا ئاۋازنىڭ 29 - نويابىر كۈنىدىكى خەۋىرىگە قاراڭ)
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ بىر چوڭ ئۇقۇشماسلىق
'نيۇيورك تايمىس گېزىتى'نىڭ يازغۇچىسى داۋېت لاگونىڭ 29 - نويابىر كۈنى ئېلان قىلغان ماقالىسىدە بايان قىلىنىشىچە، 'كىچىك لاچىن' ئاۋىئاماتكا ئۇرۇشچى پاراخوتلار توپىنىڭ خوڭكوڭغا كىرمىگەنلىكى مەسىلىسى توغرىسىدا ھازىرچە خىتاي تەرەپتىن بېرىلگەن بىرلا ئىزھات بار.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ياڭ جېچى 28 - نويابىر كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ بۇ ھەقتىكى سۇئالىغا 'بۇ بىر چوڭ ئۇقۇشماسلىق ' دەپ جاۋاب بەرگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇقۇشماسلىق بولمىغان
گەرچە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى بۇ ۋەقەنى 'ئۇقۇشماسلىق' دەپ چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار منىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بۇنىڭدا ئۇقۇشماسلىق يوقلۇقىنى ئىزاھلىدى. 'بىرلەشمە ئاگېنتلىقى'نىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋنىڭ 'ئامېرىكا - خىتاي مەسىلىسىدە يۈز بەرگەن 'كىچىك لاچىن' ئاۋىئاماتكا ئۇرۇشچى پاراخوتلار توپىنىڭ خوڭكوڭغا كىرگۈزۈلمىگەنلىك مەسىلىسى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئەرزىمەس مەسىلە. جۇڭگو بۇ ھەقتە ئامېرىكىنىڭ ھېچقانداق نارازىلىقىنى تاپشۇرۇپ ئالغىنى يوق، بۇ ۋەقەدە ھېچبىر ئۇقۇشماسلىقمۇ يوق. تەلەپلەرگە قارىتا جۇڭگو ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى دائىرىسىدە تەستىق سېلىپ كېلىۋاتىدۇ' دېگەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل 10 - ئايدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ دالاي لاماغا ئالتۇن مېدال تەقدىم قىلغانلىقى خىتاي -ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى زەخمىلەندۈردى، بۇ بىر، يەنە بىرى، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە 3 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق قورال سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىغانلىقى.
ھازىرقى ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى نازۇك مەسىلە
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ كىچىك لاچىن ئاۋىئاماتكا ئۇرۇشچى پاراخوتلار توپى 1997 - يىلىدىن بۇيان خوڭكوڭغا كىرىپ -چىقىپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئەمما بۇ قېتىم خىتاي رەت قىلدى. بۇ ھازىرقى رىئال ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ يىغىنچاقلانغان كۆرۈنۈشى. چۈنكى ئامېرىكا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى بىر قۇدرەتلىك كۈچ، ئۇ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ رايوندا ئۆزىنىڭ تەسىرىنى ساقلاپ قالماقچى. خىتاي بولسا تېز باش كۆتۈرۈۋاتقان دۆلەت، ئۇ ھازىر بۇ رايوندا ئۆزىنىڭ تەسىرىنى تىكلىمەكچى. مانا بۇ مەسىلىنىڭ نازۇك تومۇرى.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، خىتاي ئاجىز ۋاقتىدا باشقىلارغا يېلىنىپ، ھۆرمەت قىلىپ مۇلايىم تۇرىدىغان، ئازراق كۈچلەنسىلا تېرىسىگە پاتماي باشقىلارغا مۇش كۆتۈرۈپ قوپىدىغان، باشقىلارنىڭ زېمىنىنى تارتىۋالىدىغان مىجەزى بار دۆلەت. قاچانلىكى خىتاي مىللەتچىلىكى قوزغالسىلا، ئامېرىكا 1999 - يىلى خىتاينىڭ بېلېگراتتىكى ئەلچىخانىسىنى بومبىلىغان ۋەقەنى، 2001 - يىلى خىتاينىڭ يېڭى تىپتىكى بومباردىمانچى ئايرۇپىلانى، خەينەن ئارىلىدا ئامېرىكىنىڭ چارلىغۇچى ئايرۇپىلانىغا ئۆزى سوقۇلۇپ پاچاقلىنىپ كېتىپ نومۇسقا قالغان ۋەقەنى ئەسلەپ قوپىدىغانلىقىنى دۇنيا كۆرۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا بىلەن خىتايدىكى پەرقلەرنى بىلىشكە قىزىققۇچىلار ئۈچۈن ئۇچۇرلار (2)
- ئامېرىكا پالاتا مەسلىھەتچىلىرى، خىتاي جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنى 1 - دەرىجىلىك تەھدىت دەپ ئېلان قىلدى
- ئامېرىكا - خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى دوستلىشىۋاتامدۇ؟
- خىتاينىڭ ئاي شارى ئوربىتىسىغا سۈنئىي ھەمراھ چىقىرىشى ئاسىيا ئەللىرى ئارىسىدا ئالەم تېخنىكىسى مۇسابىقىسىنى كۈچەيتىۋېتىشى مۇمكىن
- خىتاينىڭ ھەربىي مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ سىرى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلار بىرلەشمە كومىتېتى 2007- يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلدى (2)
- دالاي لامانى مۇكاپاتلاش خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
- ئامېرىكىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىش كۈچەيمەكتە
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاسىيادىكى ناتو (NATO) بولۇپ شەكىللىنەلەمدۇ؟
- ۋىلادىمېر پۇتىن رۇسىيىنىڭ ھاۋا ئارمىيە كۈچىنى نامايىش قىلدى
- خىتاي دۆلىتى تېررورىزىمنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتامدۇ؟
- داۋاملىشىۋاتقان ئىككى چوڭ ھەربىي مانېۋىر ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى نازۇك مەسىلىلەرنى ئاشكارىلىماقتا