ئامېرىكا بىلەن خىتايدىكى پەرقلەرنى بىلىشكە قىزىققۇچىلار ئۈچۈن ئۇچۇرلار (1)

0:00 / 0:00

ئامېرىكىدىكى ئىنتېرنېت تەتقىقاتچىسى نېلسېننىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا گەرچە بەزى جايلاردا خەلقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش سەرپىياتى تېخى ئىككى ئامېرىكا دوللىرىغا يەتمىسىمۇ، ئەمما ھازىر ئاز دېگەندە 56 مىليون ئادەم ئىنتېرنېتكە كىرىۋاتىدۇ. (ب ب س نىڭ 2007 ‏- يىل 4 ‏- ئاينىڭ 22 ‏- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قاراڭ). تور ئەھلى قىزىقىۋاتقان تېمىلارغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇلار ئامېرىكا بىلەن خىتايدىكى پەرقلەرنى سېلىشتۇرۇشقا ناھايىتى قىزىقىدىكەن.

بۇنىڭغا ئاساسەن، 'كۆزىتىش ژۇرنىلى' قاتارلىق ئامېرىكىدىكى ئۇچۇر ۋاستىلىرى يېقىندا، خىتايدىكى تور ئەھلىنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، ئامېرىكىدا 'سايلام' دېگەننىڭ قانداق بولىدىغانلىقى، 'پارتىيە قۇرۇلتېيى' دېگەننىڭ قانداق ئېچىلىدىغانلىقى، ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ قانداق سايلىنىدىغانلىقى، ئۇ خەلققە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ بىلەن خىتايدا ئېلىپ بېرىلىدىغان 'سايلام'، ' قۇرۇلتاي' نىڭ قانداق پەرقى بارلىقى، خەلقنىڭ تۇرمۇشى، ئەركىنلىك مەسىلىسى، قاتارلىقلار ھەر خىل تېمىلار بۇيىچە ئوبزورلار ۋە مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلدى. بۇنىڭدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئاز دېگەندە تۆۋەندىكى مەسىلىلەردە ناھايىتى چوڭ پەرق بار.

يىغىن ياكى قۇرۇلتاي چىقىمىنى كىم كۆتۈرىدۇ؟

'كۆزىتىش ژۇرنىلى' دا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 17 ‏- قۇرۇلتېيى ئېچىلىش ھارپىسىدا، ئامېرىكىدىكى دېموكراتلار پارتىيىسى 2004 ‏- يىلى پارتىيە قۇرۇلتېيى ئاچقاندا 4 كۈن ئىچىدە 60 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلغان ئىدى، دەپ خەۋەر ئېلان قىلغان ئىدى. ئەمما بۇ پۇلنىڭ مەنبەسىنى تىلغا ئالمىدى. ئەمەلىيەتتە، ‏-‏ دەپ بايان قىلىنىدۇ "پارتىيە قۇرۇلتېيى ھەققىدە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سېلىشتۇرما" دېگەن ئوبزوردا، ‏-‏ ئامېرىكىدا پارتىيىلەر ھەر 4 يىلدا بىر قېتىم قۇرۇلتاي ئاچىدۇ.

ئەمما قۇرۇلتاي ئاچسا ياكى سايلام ئۆتكۈزسە، ئۇنىڭ خىراجىتىنى ھېچقانداق بىر پارتىيە دۆلەت خەزىنىسىدىن چىقىم قىلالمايدۇ. قۇرۇلتاي ياكى سايلامغا كەتكەن پۈتۈن سەرپىيات شۇ پارتىيىنى قوللايدىغان شەخسىي ئەزا ياكى تەشكىلاتلار ئىئانە قىلغان مەبلەغدىن چىقىم قىلىنىدۇ. قۇرۇلتاي ياكى سايلام ھەققىدە رادىئو-تېلىۋىزىيەلەردە بېرىلگەن ئېلانلارنىڭ چىقىمىنىمۇ شۇ پارتىيە ئۆزى تۆلەيدۇ. خەلق ئىچىدە كىم قايسى پارتىيىنىڭ شۇئارىنى، سىياسىتىنى توغرا دەپ قارىسا، ئۇ كىشى شۇنىڭغا ئاۋاز بېرىدۇ ۋە شەخسىي پۇلىنى ئايىماي ئىئانە قىلىدۇ.

ئەمما خىتايدا بولسا، پارتىيە قۇرۇلتېيىنىڭ پۈتۈن سەرپىياتى، ‏-‏ دەپ سېلىشتۇرۇلىدۇ بۇ ماقالىدە، ‏-‏ھەتتا قۇرۇلتاي جەريانىدا خەلق ئىچىدە پەيدا بولغان نارازىلىق ئاۋازلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەتكەن پۇلمۇ، بىۋاستە دۆلەت خەزىنىسىدىن چىقىم قىلىنىدۇ. دۆلەت خەزىنىسى خەلق باج تاپشۇرۇپ توپلانغان پۇل. بۇنىڭ سانىنى ھېچكىمنىڭ سۈرۈشتە قىلىش ھوقۇقى يوق. دېمەك بۇ يۈكنى خەلق كۆتۈرىدۇ.

قۇرۇلتايدا نامزات كۆرسىتەمدۇ ياكى پرېزىدېنتنى سايلاپ چىقامدۇ؟

ئامېرىكىدا پارتىيە قۇرۇلتايلىرى پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلۈشتىن بۇرۇن كەلگۈسىدىكى پرېزىدېنتلىققا نامزات كۆرسىتىدۇ. پرېزىدېنتنى ئومۇم خەلق سايلاپ چىقىدۇ. 'كۆزىتىش ژۇرنىلى'دا بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكىدا 1968 ‏- يىلىدىن بۇرۇن، پرېزىدېنت نامزاتىنى ھەر قايسى شتاتلارنىڭ ۋەكىللىرى سايلاپ چىقاتتى.

ئامېرىكىدىكى دېموكراتلار پارتىيىسى 1924 ‏- يىلى بىر نەپەر پرېزىدېنت نامزاتىنى 103 قېتىم بېلەت تاشلاش ئارقىلىق بېكىتكەن ئىكەن. ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىن، ھەركىم ئالدى بىلەن ئۆزىنى نامزاتلىققا كۆرسىتىپ، شۇئار ۋە سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلق سورىغان سوئاللارنىڭ ھەممىسىگە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەرگەندىن كېيىن، خەلق ئاۋاز بېرىدىغان بولدى. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى بولسا 1972 ‏- يىلىدىن كېيىن پرېزىدېنت نامزاتىنى، ھەر قايسى جايلاردا يىل بېشىدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلام پائالىيىتىدە ئېرىشكەن ئاۋازنىڭ سانىغا قاراپ بېكىتىدىغان بولدى. ئامېرىكىدا ئادەتتە، كىمنىڭ پرېزىدېنتلىققا سايلانغانلىقىنى ئەڭ ئاخىرىدا سايلام بېلىتى ساناپ چىقىلمىغىچە ھېچكىم بىلمەيدۇ.

ئەمما خىتايدا ئۇنداق ئەمەس، پارتىيە قۇرۇلتېيىدا باش سېكرىتار، سىياسىي بيۇرو ئەزالىرى، مەركىزى كومىتېت ئەزالىرىنىڭ نامزاتىنى ئەمەس، ئۆزىنىلا بىراقلا بېكىتىپ چىقىدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقى 17 ‏- قۇرۇلتايدا 2200 دىن ئارتۇق پارتىيە ۋەكىلى 204 نەپەر مەركىزى كومىتېت ئەزاسىنى سايلاپ چىقتى، دەپ خەۋەر ئېلان قىلدى. ئەمما ئۇلارنىڭ قانداق 'سايلانغان'لىقى كىشىلەرگە ھېچبىر سىر ئەمەس. ۋەكىللەرنىمۇ، 'سايلانغان' ئەمەلدارلارنىمۇ بىر نەچچە كىشى ئاللىقاچان مەخپىي بەلگىلەپ بولغان. ئامېرىكىدا سايلانغان كىشىلەر ئالدى بىلەن خەلقتىن مەسلىھەت سورايدۇ، ئەمما خىتايدا بولسا بەلگىلەپ چىقىلغان كىشىلەر دەرھال خەلققە دوكلات بېرىدۇ، ئۇلار بەرگەن دوكلاتقا ھېچكىم قارىمۇ-قارشى پىكىر بېرەلمەيدۇ. پەقەت ئۇنى تېخىمۇ گۈزەل تىل بىلەن مەدھىيىلەشكە مەجبۇر. (داۋامى بار، ۋەلى)