ئامېرىكا بىلەن خىتايدىكى پەرقلەرنى بىلىشكە قىزىققۇچىلار ئۈچۈن ئۇچۇرلار (2)
2007.11.27
خىتايدا ھازىر ئاز دېگەندە 56 مىليون ئادەم ئىنتېرنېتكە كىرىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ بەزىلىرى خەلقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش سەرپىياتى تېخى ئىككى ئامېرىكا دوللىرىغا يەتمەيدىغان تۇرمۇش سەۋىيىسىدىكى جايلاردا ياشايدىغان كىشىلەر بولسىمۇ، ئەمما ئۇلاردا قىزغىنلىق بار. (ب ب س نىڭ 2007 - يىل 4 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىكى خەۋىرىگە قاراڭ) . خىتايدىكى تور ئەھلى قىزىقىۋاتقان تېمىلارغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇلار كۆپىنچە ھالدا ئامېرىكا بىلەن خىتايدىكى پەرقلەرنى سېلىشتۇرۇشقا ناھايىتى قىزىقىدۇ.
يېقىندا خەلقئارادا ئۇچۇر ۋاستىلىرى، ئامېرىكىدا 'سايلام' دېگەننىڭ قانداق بولىدىغانلىقى، 'پارتىيە قۇرۇلتېيى' دېگەننىڭ قانداق ئېچىلىدىغانلىقى، ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ ۋە يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ قانداق سايلىنىدىغانلىقى، بۇنىڭ خىتايدىكى 'سايلام'، 'قۇرۇلتاي' ۋە 'دۆلەت رەئىسى' نى سايلاش بىلەن قانداق پەرقى بارلىقى ھەققىدە ئوبزورلار ۋە مۇلاھىزىلەرنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭدىكى سېلىشتۇرمىلاردىن ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا قانداق پەرق بارلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
خەلق ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىش - قىلىنماسلىقى جەھەتتە
ئامېرىكىدا 2008 - يىلىدىكى پرېزىدېنت سايلىمى ئۈچۈن نامزات كۆرسىتىش پائالىيىتى بۇ يىلنىڭ باش يېرىمىدىلا باشلانغان ئىدى. بولۇپمۇ ئامېرىكىدىكى ئۆكتىچى پارتىيە - دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنتلىققا نامزات كۆرسىتىش پائالىيىتى ھازىر ناھايىتى داغدۇغىلىق بولماقتا. بۇ يىل ئامېرىكىدا دېموكراتلار پارتىيىسى كۆرسەتكەن پرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ بىرى قارا تەنلىكلەردىن، ئۇنىڭ ئىسمى باراك ئوباما ئەپەندى. ھازىرقى سايلام پائالىيەتلىرىگە قارىغاندا، ئۇنىڭ رايونلار بۇيىچە ئاۋازغا ئېرىشىشى ئالدىنقى ياكى ئىككىنچى قاتاردا تۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. (كۆزىتىش ژۇرنىلىنىڭ2007 - يىل 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىكى سانىغا قاراڭ)
مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى 17 - قۇرۇلتاي ئېچىلىش ھارپىسىدا، بۇ يىل 9 - ئايدا ئامېرىكىنىڭ لۇئىسىيانا شتاتىدا يۈز بەرگەن ئېرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش نامايىشى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈپ كەڭ دائىرىدە داغدۇغا قىلدى. (شىنخۇا تورىنىڭ 2007 - يىل 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىكى سانىغا قاراڭ)
ھالبۇكى، ئامېرىكىدا ئېرقىي كەمسىتىش مەسىلىسى ناھايىتى سەزگۈر مەسىلە. ئەمما ئامېرىكىدا كىم بۇ مەسىلىنى ئازراق ھېس قىلسىلا ئۇنى دەرھال ئىپادىلەيدۇ، ھەتتا چوڭ نامايىش تەشكىللەيدۇ. ئۇچۇر ۋاستىلىرى بۇنداق خەۋەرلەرنى تېخىمۇ تېز ئاڭلىتىدۇ. لېكىن خىتايدا ئۇنداق ئەمەس، خەلق بۇنداق سەزگۈر مەسىلىدە ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى ئاسان ئىپادىلىيەلمەيدۇ. نوپۇس سانى ئاز مىللەتلەردىن دۆلەتنىڭ پرېزىدېنتلىقىغا نامزات كۆرسىتىلىشى مۇمكىن ئەمەس. خەلقتە نارازى بولغان مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان شارائىتمۇ يوق . نامايىش قىلسا باستۇرىدۇ. ئامېرىكىدا ھەر قانداق مەسىلە كۆرۈلسە كىشىلەر ئۇنى پاش قىلالايدۇ، كۆرۈلگەن مەسىلە ھەل قىلىنىشى مۇمكىن. ئەمما خىتايدا كۆرۈلگەن مەسىلىنى ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلمايدۇ ھەم ھەل قىلمايدۇ. مەسىلەن، 62 - يىلىدىكى ئاچارچىلىق مەسىلىسى، 57 - يىلىدىكى 'ئوڭچى' دەپ قالپاق كەيگۈزۈلۈش مەسىلىسى، 89 - يىلى تيەنئەنمېن مەيدانىدا يۈز بەرگەن قانلىق باستۇرۇش ۋەقەسى قاتارلىقلار. (كۆزىتىش ژۇرنىلىنىڭ2007 - يىل 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىكى سانىغا قاراڭ)
پرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ خەلققە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى جەھەتتە
1976 - يىلى دېموكراتلار پارتىيىسى پرېزىدېنتلىققا كۆرسەتكەن بىر نامزات سايلام ئەھلىگە رەھمەت ئېيتىپ "مېنىڭ ئىسىمىم جىمى كارتېر، سايلام ئەھلى مېنى پرېزىدېنتلىققا كۆرسەتكەن كۈندىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر، مەن دۆلىتىمىزنىڭ ھەممە يېرىنى ئايلىنىپ چىقتىم. ئەمدى بۈگۈن سىلەرنىڭ مېنى نامزاتلىققا كۆرسەتكەنلىكىڭلارنى قوبۇل قىلدىم ، دەۋاتىمەن. مەن بۇنىڭدىن ھاياجانلاندىم، مەن سىلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن" دېگەن. شۇنداقلا ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ " مەندە ھازىر بىرلا نىيەت بار، ئۇ بولسىمۇ، پۈتۈن ھۇجۇدۇم، مېڭەم ۋە نېرۋا ئەزالىرىمنى دۆلىتىمىزنى تېخىمۇ ئۇلۇغ دۆلەت قىلىشقا بېغىشلايمەن" دېگەن - مانا بۇ ، ئامېرىكىدا بىر پارتىيە كۆرسەتكەن پرېزىدېنت نامزاتىنىڭ ئاغزىدىن چىققان سۆز ئىدى.
ئامېرىكىدا پرېزىدېنتلىققا كۆرسىتىلگەن نامزاتلارنىڭ خەلق ئالدىدا بۇنداق ھېسسىيات ئىپادىلىشىنى خىتايدا تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. خىتايدا بۇنداق شەكىلدە نامزات كۆرسىتىش دېگەنمۇ يوق، دۆلەت رەئىسىنى ۋە باشقا ئەمەلدارلارنى مۇستەبىتلەر ئۆزى بەلگىلىۋالىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلار خەلققە رەھمەت ئېيتمايدۇ بەلكى دەرھال خەلققە دوكلات بېرىپ بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. قىلغان گەپلىرىنى زىيالىيلارغا مەدھىيىلىگۈزىدۇ. (كۆزىتىش ژۇرنىلىنىڭ2007 - يىل 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىكى سانىغا قاراڭ)
يىغىن ئەھلىنىڭ رايىغا بېقىش - باقماسلىق جەھەتتە
ئامېرىكىدا دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ 2004 - يىلىدىكى قۇرۇلتېيى ماساچۇسېتس شتاتىنىڭ بوستون شەھىرىدە ئېچىلغان بولسا، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلتىيى نيۇيوركتا ئېچىلدى. 2008 - يىللىق پرېزىدېنت سايلىمى ئۈچۈن جۇمھۇرىيەتچىلەر قۇرۇلتېيى مىننىسۇدا شتاتىنىڭ سەنتپول شەھىرىدە ئېچىلغان بولسا، دېموكراتلار كالىرادو شىتاتىنىڭ دېنۋېر شەھىرىنى تاللىدى. ئەمما خىتايدا بولسا پارتىيە قۇرۇلتېيى 1949 - يىلىدىن تارتىپ بېيجىڭدىن باشقا جايدا ئېچىلمايدۇ. ئامېرىكىدا بۇنداق چوڭ يىغىننىڭ ۋاقتى 4 كۈندىن ئاشمايدۇ. خىتايدا بولسا ئەڭ ئاز دېگەندە بىر ھەپتە داۋام قىلىدۇ. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 7 - قۇرۇلتېيى 1945 - يىلى 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن 6 - ئاينىڭ 11 - كۈنىگىچە ئىككى ئاي داۋام قىلغان مىسالمۇ بار.
ئامېرىكىدا ھەر قانداق يىغىندا ھەل قىلىدىغان مەسىلە بىرلا، شۇ بىرلا مەسىلىنى كۆپ ئادەم مۇلاھىزە قىلىپ ئىسپاتلاپ كۆرسىتىدۇ. ئەگەر يىغىندا قىلىنغان سۆز يىغىن ئەھلىنىڭ قۇلىقىغا ياقمىسا، ئاڭلىماي چىقىپ كەتسە ياكى بىرنەچچە كىشى 'كىچىك يىغىن' ئېچىپ ئولتۇرسا بولىۋېرىدۇ. لېكىن خىتايدا ئۇنداق ئەمەس، 'يىغىندا ھەل قىلىدىغان مەسىلە' دېيىلگەن مەسىلىنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ، ئۇنى سۆزلەيدىغان ئادەم بىر ياكى ئىككى، ئۇ سۆزلىگەندە باشقىلار چۇقۇم جىم ئولتۇرۇپ ئاڭلاش، چاۋاك چېلىپ ئالقىشلاش، ئەمما ئۇنىڭغا قارشى ئىپادە بىلدۈرمەسلىك كېرەك، ئەمما يىغىندا مەسىلە ھەل قىلىنمايدۇ. (داۋامى بار، ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ساركوزىي كىشىلىك ھوقۇقى ۋە خەلق پۇلى مەسىلىسىدە خۇ جىنتاۋغا نەسىھەت بەردى
- ئالبانىيىدە ياشاۋاتقان ئادىل شۋېتسىيىگە يىتىپ كەلدى
- خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومىتېتى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
- ئامېرىكا پالاتا مەسلىھەتچىلىرى، خىتاي جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنى 1 - دەرىجىلىك تەھدىت دەپ ئېلان قىلدى
- ب د ت 2009 - يىلى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەكشۈرىدۇ
- جورج بۇش 9 - نويابىر دۇنيا ئەركىنلىك كۈنىنى خاتىرىلىدى
- خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىكى تازا بوغۇلۇۋاتقان مىنۇتلاردا " مۇخبىرلار بايرىمى" تەبرىكلەندى
- ياخۇ ئىنتېرنېت شىركىتى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە شى تاۋنىڭ ئائىلىسىدىن ئەپۇ سورىدى
- دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىكى ئىزچىل قامال قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى
- رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر ئاياللار ۋە بالىلار ئەتكەسچىلىكى توغرىسىدا ئىسپات بەردى
- مۇتەخەسسىس مارتىن: خەلقارا تېررورچىلىققا قارشى ھەرىكەت سىياسىي پاناھلانغۇچىلارغا زەربە بېرىپ قويماقتا
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلار بىرلەشمە كومىتېتى 2007- يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلدى (4)
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلار بىرلەشمە كومىتېتى 2007- يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلدى (2)