خىتاي ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئۆز پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى كونترول قىلىۋاتقان دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن چۈشۈپ قالدى
2007.12.20
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىنىشىچە ئامېرىكا- خىتاي ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سودا ئالاقىسىدا 2007- يىلى ئامېرىكا تەرەپتە كۆرۈنگەن قىزىل رەقەمنىڭ يەنە ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاينىڭ سودا جەھەتتە مۇغەمبەر پوزىتسىيىسىگە قارشى جازا قوللىنىش ھەققىدە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكىگە بېسىم ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى چارشەنبە كۈنى دۆلەت مەجلىسىگە يوللىغان دوكلاتىدا خىتاينى ئۆز پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى قاتتىق كونترول قىلىۋاتقان دۆلەت تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى رەت قىلدى. مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ بۇ قارارى بەزى ئاۋام پالاتا ئەزالىرى ۋە بىرقىسمى ئامېرىكىلىق زاۋۇت ئىگىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.
2000 - يىلىدىن بۇيان ئامېرىكىدا 3 مىليون ئادەم خىزمىتىدىن ئايرىلغان
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا-خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرى جەريانىدا بۇ يىل كۆرۈنگەن قىزىل رەقەم 250 مىليارد دوللار بولۇپ، شۇ خىلدىكى سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىشى سەۋەبىدىن 2000- يىلىدىن بۇيان ئامېرىكىدا 3 مىليون ئادەم خىزمىتىدىن ئايرىلغان.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ دوكلاتىدا ئوتتۇرغا قويۇلىشىچە، گەرچە خىتاينىڭ ئۆز پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى تەڭشەش قەدىمى بىر قەدەر ئاستا بولىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇلنى كونترول قىلىشقا ئارىلىشىشى يەنىلا قانۇن بەلگىلەپ جازا قوللىنىش دەرىجىسىگە توشمايدىكەن.
دوكلاتتا يەنە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى پۇلنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتى جەھەتتە مەلۇم ئىلگىرىلەشلەرنى ھاسىل قىلغان، ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتكە ئىزچىل شۇنداق قىلىش جەھەتتە ۋەدە بېرىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي پۇلىنىڭ دوللارغا ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى يەنىلا تۆۋەن تۇتۇپ كەلگەنلىكى كۆرسىتىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۆز پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى ئۆستۈرۈش شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە خىتاي ۋە دۇنيا سودا ساھەسى دۇچ كېلىۋاتقان خەتەرنى ئازايتىش تەلەپ قىلىنغان.
پالاتا ئەزاسى: "خىتاي ئالدامچىلىق قىلىۋاتىدۇ"
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى بولۇپمۇ خىتايغا قارىتا ئىقتىسادى جازا قوللىنىش پىكىرىنى قوللايدىغان پالاتا ئەزالىرى مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ بۇ دوكلاتتىن ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەنگەن ۋە دوكلاتنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
نيۇيوركلۇق پالاتا ئەزاسى چارلىز شۇمېر بىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۆز پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتى كونترول قىلىۋاتقانلىقى ئىنتايىن بىر ئېنىق مەسىلە بولۇپ، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ خىتاينى شۇ خىلدىكى تىزىملىككە كىرگۈزۈشنى رەت قىلىشى دۆلەت مەجىلىسىنى خىتايغا قارىتا جازا قوللىنىشتا ئامالسىز قويغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويغان ۋە "مالىيە مىنىستىرلىكى دۆلەت مەجلىسىگە ھېچقانداق تاللاش يولى بەرمىدى. بۇ يەردە پەقەت ئۆز ئالدىمىزغا ھەرىكەت قوللىنىشتىن ئۆزگە چارە قالمىدى" دېگەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، پالاتا ئەزاسى دەببىئە ستابەنوۋ " خىتاي ئالدامچىلىق قىلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ شىركەتلىرىمىز ۋە ئوتتۇرا قاتلامدا ياشايدىغان پۇقرالىرىمىز ئۆزلۈكسىز زىيان تارتىۋاتىدۇ" دېگەن.
سودا ساھەسىدە خىتايغا جازا قوللىنىدىغان قانۇن كېلەر يىلى ماقۇللىنىشى مۇمكىن
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىدا فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن خەۋەرلەردىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا دۆلەتلىك كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى پائۇلسوننىڭ خىتاي بىلەن ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىسادى دىئالوگى داۋامىدا خىتاينى ئۆز پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈشكە قىستىشىنى قوللىغان بولسىمۇ، ناۋادا مالىيە مىنىستىرلىقى خىتاينى پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى كونترول قىلىپ كېلىۋاتقان دۆلەت تىزىمغا كىرگۈزگەن بولسا ئىشلارنىڭ تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويغان.
دۆلەتلىك كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فرانك ۋارگوننىڭ بىلدۈرگەنلىرىگە قارىغاندا، ئۇ مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ خىتايغا قارىتا ھەرىكەت قوللىنىشتا مەغلۇپ بولۇشى، دۆلەت مەجلىسنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ پۇل سىياسىتىدىكى ناھەقلىقنى جازالىشىغا يول ئاچىدىغان بىر قانۇن لايىھىسى تونۇشتۇرۇشقا يەنە قىستايدىكەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: "بۇ كېلەر يىلىدا ئۆتكۈزىلىدىغان سايلام مۇشۇ خىلدىكى بىر قانۇن لايىھىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشتىكى ئېھتىماللىقنى كۈچەيتىدۇ."
تاشقى پېرېۋوتتىكى قىزىل رەقەم ئامېرىكانى بىئارام قىلىپ كەلمەكتە
ئۆتكەن يىللىق ئامېرىكا خىتاي سودا ئالاقىسىدا ئامېرىكا تەرەپتە 233 مىليارد دوللار قىزىل رەقەم كۆرۈنگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىللىق قىزىل رەقەم 250 مىليارد دوللارغا يېتىپ بۇلتۇرقىدىن ئېشىپ كەتكەن. خىتاي سودىسىدا كۆرۈنگەن قىزىل رەقەمنىڭ ئۆرلەپ بېرىشى ئامېرىكا تەرەپنى ئەندىشىگە سالغان بولۇپ بۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسىنىڭ خىتاينى جازالاش توغرىسىدا نۇرغۇن قارا لايىھىسىنى تونۇشتۇرۇشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.
مالىيە مىنىستىرى پائۇلسون ئۆتكەن ھەپتە خىتايغا باشلاپ بارغان ھۆكۈمەت خادىملىرى خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى تەڭشەش ھەققىدە خىتاي بىلەن 3- قېتىم سۆھبەت ئېلىپ باردى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، سۆھبەتلەردە ئامېرىكا تەرەپ يوق دىيەرلىك نەتىجىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئەگەر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى يەنە داۋاملىق خىتاينى سودا جەھەتتە جازالايدىغان قارارلار ماقۇللانسا ئامېرىكا شىركەتلىرىدىن ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويۇپ تەھدىت سالغان ئىدى.
خىتاي تەرەپنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئاستا قەدەم ئۆستۈرۈش خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئاستىن -ئۈستۈن بولۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغان بىردىن بىر توغرا يولى ئىكەن.(جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- " ۋال - مارت سىزگە خىتايدىن ئېلىپ كەلگەن رودژىستىۋا"
- تەيۋەن ئومۇم خەلق رايىنى سىناشتا غەلىبە قىلسا قانداق ئاقىۋەتلەر مەيدانغا كېلىدۇ
- سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى جىمى كارتېر دېڭ شاۋپىڭ بىلەن تۈزگەن خۇسۇسىي كېلىشىمنى ئاشكارىلىدى
- 'كىچىك لاچىن' ۋەقەسى ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ يىغىنچاقلانغان كۆرۈنۈشى
- ئامېرىكا بىلەن خىتايدىكى پەرقلەرنى بىلىشكە قىزىققۇچىلار ئۈچۈن ئۇچۇرلار (2)
- شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى 10 دۆلەت بۇنىڭدىن كېيىن ئورتاق قانۇن ۋە ئۆلچەم ئىجرا قىلىدۇ
- ئامېرىكا پالاتا مەسلىھەتچىلىرى، خىتاي جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنى 1 - دەرىجىلىك تەھدىت دەپ ئېلان قىلدى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلار بىرلەشمە كومىتېتى 2007- يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلدى (2)
- دالاي لامانى مۇكاپاتلاش خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
- ئامېرىكىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىش كۈچەيمەكتە
- "خىتاينىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ ھۇلىغا دەز كەتتى" ناملىق ماقالە ھەققىدە
- ئامېرىكا - خىتاي سودا تالاش - تارتىشلىرى داۋاملاشماقتا