ئۈزۈلۈپ قالغان خىتاي - ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى قايتىدىن باشلانماقچى
2008.02.26

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى بىر خادىمنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايىس خانىمنىڭ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچىغا بىر قانچە مۇھىم مەسىلە ئۈستىدە ئۆزىنىڭ تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما مەزكۈر خادىم رايىس ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنىڭ قايسى مەسىلىلەر ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىگەن.
خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەت 1990 - يىلىدىن بۇيان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۈستىدە قەرەلسىز دىئالوگ قۇرۇپ كەلگەن. بىراق پرېزىدېنت جورج بۇش 2002 - يىلى تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئامېرىكا خىتاينىڭ بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى، يەنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ خىتايدىكى ۋەزىيەتنى تەكشۈرۈشىگە قوشۇلمىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدىكى دىئالوگى توختاپ قالغان ئىدى.
خىتاي تەرەپ 2004 - يىلى ئامېرىكىنىڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ جۇڭگونى ئەيىبلەيدىغان بىر قارار لايىھىسىنى قوللىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، گەرچە مەزكۈر قارار لايىھىسى تەستىقلانمىغان بولسىمۇ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى دىئالوگنى پۈتۈنلەي توڭلىتىۋەتتى.
ئەمما كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، پرېزىدېنت بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل تۈردە، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ قىلمىشلىرىغا كۆز يۇمۇش پوزىتسىيسىنى بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى شۇنىڭدەك ئامېرىكىنىڭ بۇ ئارقىلىق، كورىيە مەسىلىسى، ئىران مەسىلىسى ھەمدە تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى قاتارلىق تەرەپلەردە بېيجىڭنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
غەرب مەتبۇئاتلىرىدا كاندىلىزا رايىسنىڭ، بۇ قېتىم خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق مەقسىدى شىمالىي كورىيە يادرو قوراللىرىنى بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسدە خىتاينىڭ تۈرتكىلىك رول ئويناپ، شىمالىي كورىيىگە بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقى، بۇلاردىن سىرت ئامېرىكا خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئۈزۈلۈپ قالغان كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى قايتا باشلاش مەسىلىسى ئىكەنلىكى ئېنىق تەكىتلەنگەن. لېكىن خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئىككى تەرەپنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا ھېچنەرسە دېيىلمىگەن.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا نېمە ئۈچۈن، خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغان كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدىكى مەزمۇنلار تىلغا ئېلىنمايدۇ، بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ئاكتىپ پائالىيەتچىلىرىدىن ئىلشات ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ.
يەنە بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە، ئامېرىكا بىلەن دىئالوگنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى خىتايغا يەنىلا بېسىم ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، چۈنكى خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ياخشىلىنىشقا قاراپ ماڭماي، ئەكسىچە كۈندىن - كۈنگە ناچارلىشىپ كېتىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇشتىن بۇرۇن خەلقئاراغا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقى نۆۋەتتە ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنىۋاتقان بىر مەسىلىگە ئايلانغىنىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رابىيە قادىر خانىم ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزالىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقى ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشتى
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاقساراي ئالدىدا بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن كۈچ كۆرسەتتى
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسىنىڭ 2007 - يىلقى ئەھۋالىنى تەنقىد قىلدى
- " ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي شىركەتلىرىگە ئىلغار ئۈسكۈنىلەرنى سېتىشنى توختىتىشى كېرەك"
- ئۇيغۇرلارنىڭ مەتبۇئات ۋە ئىجادىيەت ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلۇشى (2)
- ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىنسان ھەقلىرى دوكلاتى تەييارلاش قارارى ماقۇللانغان
- ئاكىسى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بىر ياش بىلەن سۆھبەت
- خىتاي ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئۆز پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى كونترول قىلىۋاتقان دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن چۈشۈپ قالدى
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرىنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى
- تەيۋەن ئومۇم خەلق رايىنى سىناشتا غەلىبە قىلسا قانداق ئاقىۋەتلەر مەيدانغا كېلىدۇ
- ئىنسان ھەقلىرى كۈنىدە ئىنسانلىق تراگېدىيىسى
- ئالماتادا ئۇيغۇرلار كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنى خاتىرىلىدى