خىتاي ئىراننى جازالاش مەسىلىسىدە ئامېرىكىنى راس قوللامدۇ؟

ۋاشىنگتوندا ئېچىلىۋاتقان يادرو قورال بىخەتەرلىكى ئالىي يىغىنى 13‏ - ئاپرىل كۈنى، يادرو قوراللارغا ئىگە بولۇش ئارقىلىق ئۆزىنى كۆرسىتىشنى ئويلاۋاتقان رادىكال تەشكىلاتلار ۋە شىمالىي كورىيە، ئىرانلارغا ئوخشاش دۆلەتلەر مەسىلىسىگە تاقالغاندا، يىغىندا مۇنازىرە جىددىيلەشتى. ئۇچۇر ۋاستىلىرى خىتاي ئىراننى جازالاشنى راس قوللامدۇ دېگەن مەسىلىنى مۇلاھىزە قىلىشقا باشلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.04.13
Xu-jintaw-we-Obama-Washingtonda-yadro-mesilisi-yighinida-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 - ﻳﯩﻠﻰ 12 - ﺋﺎﭘﺮﯦﻞ ﻛﯜﻧﻰ، ﯞﺍﺷﯩﻨﮕﺘﻮﻧﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﻯ ﺑﯘﻳﯩﭽﻪ ﻳﺎﺩﺭﻭ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻜﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﺋﻮﺑﺎﻣﺎ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺧﯘ ﺟﯩﻨﺘﺎﯞ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

12‏ - ئاپرىل كۈنى ۋاشىنگتوندا يەر شارى بۇيىچە يادرو قورال بىخەتەرلىكى ئالىي يىغىنى ئېچىلدى. بۇ، ئامېرىكىدا 1945‏ - يىلى سان فرانسېسكودا ئېچىلغان يىغىندىن بۇيانقى مۇشۇ تېمىدىكى ئەڭ چوڭ خەلقئارالىق ھەرىكەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئالىي يىغىنغا 47 دۆلەت باشلىقى قاتناشتى.

ئوكرائىنا ئوران ئىسكىلاتىدىن ۋاز كەچتى

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، پۈتۈن دۇنيانى يادرو قوراللىرىدىن خالى قىلىشنى، ھازىرقى ۋاقىتتا يادرو قوراللىرىنىڭ تېررورچىلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىشنى مەقسەت قىلغان بۇ يىغىندا، ئوكرائىنا پرېزىدېنتى ۋىكتور يانۇكوۋىچ ئۇران ئىسكىلاتىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ۋە ئۇران ماتېرىياللىرىنى 2012‏ - يىلىدىن بۇرۇن يىغىشتۇرۇپ بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. كانادامۇ ئوكرائىنا ئارقىلىق سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەنبەسىدىن كەلگەن ئۇران ماتېرىياللىرىنى ۋە ئامېرىكا مەنبەسىدىن كەلگەن ئۇران ئايرىش يېقىلغۇلىرىنى ئۆز يېرىگە قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

پاكىستان قاتارلىق ئاتوم ئوق ئۇچى بار دۆلەتلەر پوزىتسىيە بىلدۈرمىدى

يەنە بەزى دۆلەتلەر، مەسىلەن چىلى ئۆزىدىكى ئۇران ماتېرىياللىرىنى ئامېرىكىدا ساقلاش ئۈچۈن يۆتكەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەمما 1970‏ - يىلىدىكى يادرو قوراللىرىنىڭ تارقىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويمىغان، لېكىن ئاتوم ئوق ئۇچى بار دۆلەتلەردىن ھىندىىستان، پاكىستان شۇنداقلا ئاتوم قوراللىرى بار -يوقلۇقى ئېنىق بولمىغان ئىسرائىلىيە ۋە باشقا دۆلەتلەر بۇ ھەقتە ئېنىق پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويمىدى.

قازاقىستان ئامېرىكىنىڭ مەيدانىنى قىزغىن قوللىدى

رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، يادرو قورال بىخەتەرلىكى ئالىي يىغىنىدا قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇر سۇلتان نازاربايېف ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن دۇنيانى يادرو قوراللىرىدىن خالى قىلىش مەيدانىنى ۋە تەدبىرلىرىنى قىزغىن قوللىدى.

خۇ جىنتاۋنىڭ بۈگۈنكى گېپى تۈنۈگۈن قىلغان گېپىگە ئوخشىمايدۇ

13‏ - ئاپرىل كۈنى، ۋاشىنگتوندا ئېچىلىۋاتقان يادرو قورال بىخەتەرلىكى ئالىي يىغىنىنىڭ مەزمۇنى يادرو قوراللارغا ئىگە بولۇپ ئۆزىنى كۆرسىتىشنى ئويلاۋاتقان رادىكال تەشكىلاتلار ۋە شىمالىي كورىيە، ئىرانغا ئوخشاش دۆلەتلەر مەسىلىسىگە تاقالغاندا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما ھەر قايسى دۆلەت باشلىقلىرىدىن، يادرو قورال ئىسكىلاتىنىڭ تېررورچىلار ياكى ئەتكەسچىلەر تەرىپىدىن ئوغرىلانماسلىقىغا ئېنىق ۋەدە بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، بەس - مۇنازىرە جىددىيلەشتى.

رويترس يازغۇچىسى كرىس بۇكلېينىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 12 - ئاپرىل كۈنى ئوباما بىلەن كۆرۈشكەندە 'خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىران مەسىلىسىدىكى نىشانى ئوخشاش، خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ ئىراننى جازالاش لايىھىسىدە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ' دەپ جاكارلىغان خۇ جىنتاۋ، 13‏ - ئاپرىل كۈنىگە كەلگەندە 'ئىراننى جازالاش دىپلوماتىيە يولى بىلەن بولىدۇ' دەپ جاكارلىغان.

ئىران خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىكەن

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ يازغۇچىسى رامىن موستافاۋىنىڭ بۈگۈن تېھراندىن خەۋەر قىلىشىچە، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مېھمانپاراس 'ئىراننى جازالاش جەھەتتە، بىز خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشىغا ئىشەنمەيمىز' دەپ جاكارلىغان.

خۇ جىنتاۋ تېخىچە ئىران مەسىلىدە ئېنىق گەپ قىلمىدى

ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىم ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان يادرو قورال بىخەتەرلىكى ئالىي يىغىنىدا قىلغان سۆزلىرىدىكى ھېلىلەرگە ئاساسەن، خىتاي ئىراننى جازالاش مەسىلىسىدە ئامېرىكىنى راس قوللامدۇ دېگەن مەسىلە ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلان قىلىشقا باشلىدى.

س ن ن دىكى مۇنازىرىلەردە بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، خۇ جىنتاۋنىڭ گەپلىرىگە ھېلە ئارىلاشقان، ئۇنىڭ گېپىدە ئېنىق ئۇقۇم يوق، خۇ جىنتاۋنىڭ خىتاي ئىراننى جازالاش مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشنى 'خالايدۇ' ياكى ھەمكارلىشىشى مۇمكىن، 'دىپلوماتىك يول' بىلەن ھەل قىلىنىشى لازىم دېگەنلىرى قۇرۇق گەپ، ئۇ تېخىچە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرمىدى.

ئاتوم سىنىاقلىرىدا ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان ئۇيغۇر، تېبەت خەلقىنىڭ ئاۋازىنى دۇنيا چوقۇم ئاڭلىشى كېرەك

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋنىڭ سۆزلىرى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. تىبەتلەر 12‏ - ئاپرىل كۈنى نامايىش قىلغاندا 'خىتاي بىلەن ھىندىستاندىن ئىبارەت ئىككى يادرو دۆلىتىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قالغان تىبەت مەسىلىسى خەلقئارالىق مەسىلە'، 'خىتاينىڭ ئاتوم سىنىاقلىرىدا ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازىنىمۇ دۇنيا چوقۇم ئاڭلىشى كېرەك'، 'خۇ جىنتاۋنىڭ ئىران مەسىلىسىدە قويغان شەرتلىرىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ' دەپ مارش ئېيتىپ ماڭدى. بۈگۈنمۇ ۋاشىنگتوندا يەنە خىتايغا قارشى نامايىش يۈز بەردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.