خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى كوفى ئاننانغا خەت يازدى


2006.05.24
hujintao-anna-200.jpg

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى كوفى ئاننان يېقىندا خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقاندا، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى كوفى ئاننانغا خەت يېزىپ، ئۇنىڭ مەزكۇر جايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار يەنە كوفى ئانناننى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە ياردەم بېرىشكە ئۈندىگەن.

كوفى ئاننانغا خەت يازغانلار خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى سەندۇڭلىق ئەما چىن گۇاڭچىڭ، ئۆي چېقىش مەسىلىسى تۈپەيلىدىن قولغا ئېلىنغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى شۈ جېنچىڭ ۋە چىن شياۋمىن قاتارلىقلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى بولۇپ، ئۇلار كوفى ئانناندىن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن سۆھبەتلەشكىنىدە، ئۇلارنىڭ تۈرمىدىكى بالىلىرىنىڭ چاپسانراق قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان.

ئاتا- ئانىنىڭ ئوغلىنى يوقلىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغان

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خىتاي تۈرمىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى شۈ جىنشنىڭ 70 ياشتىن ئاشقان دادىسى ئوغلىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خالىغانچە ئۆي چېقىش ۋە ئۆي كۆچۈرۈش قىلمىشلىرى ھەققىدە يۇقىرىلاپ ئەرز قىلغانلىقتىن، ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، ئۇنىڭغا 3 يىل قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكىنى سۆزلەپ كېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تا ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ ئوغلى بىلەن كۆرۈشۈشىگە رۇخسەت قىلمايۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ 70 تىن ئاشقان بوۋاي ئوغلىنىڭ ھەقىقەتەن بىگۇناھ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئانناننىڭ مەزكۇر مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ۋە شۇنداقلا بۇ ئىشنى خۇ جىنتاۋغا مەلۇم قىلىش ئارقىلىق، ئوغلىنىڭ چاپسانراق تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىشىگە كۈچ چىقىرىشىنى كېچە - كۈندۈز تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز شۈ جىنچىڭنىڭ ئانىسى شۈ چياۋتى بىلەنمۇ قىسقىچە سۆھبەتتە بولدۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شۈ چياۋتى ئوغلى بىلەن كۆرۈشمىگىلى 1 يېرىم يىل بولغانلىقىنى يىغلاپ تۇرۇپ سۆزلەپ بەردى، ئۇ يەنە مەتبۇئاتنىڭمۇ بۇ ھەقتە كۆپرەك كۈچ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلدى.

شاڭخەيدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چىن شياۋمىنمۇ مەزكۇر جايدىكى ئاھالىلار دۇچ كەلگەن ئۆي چېقىش ۋە ئۆي كۆچۈرۈش مەسىلىسى ھەققىدە يۇقىرىلاپ ئەرز سۇنغان ھەمدە مەزكۇر جايدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق، مەزكۇر مەسىلىنىڭ توغرا بىر تەرەپ قىلىنىشىغا ياردەم بېرىشنى سورىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ 15 ‏- فېۋرال كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن، ھەتتا ئادۋوكاتى بىلەن كۆرۈشۈشكىمۇ رۇخسەت قىلىنمىغان.

چىن شياۋمىننىڭ 80 ياشتىن ئاشقان ئانىسى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە ئاننانغا خەت يازغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل يولسىزلىق قىلمىشلىرىدىن ئىنتايىن غەزەپلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ب د ت خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە جىددىي قارىشى كېرەك

مەركىزى نيو-يوركتىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى مەسئۇلى فېڭ سوڭدﯤ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ كوفى ئاننانغا خەت يازغان خىتايدىكى بۇ ئائىلە تەۋەلىرىنى ئىزچىل قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە جىددىي قارىشى كېرەكلىكىنى ھەمدە نازارەت قىلىش كۈچىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى كوفى ئاننان خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە،خىتايدىكى ھەر قايسى ئۆلكىلەردىن كەلگەن 150 دىن ئارتۇق ئەرز قىلغۇچىلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىشخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە يېقىندىن نەزەر سېلىشىنى تەلەپ قىلغان. لېكىن بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.