خىتايدىكى دېموكراتىك پارتىيىلەر ئاق تاشلىق كىتابتا ئېيتىلغان كۆپ پارتىيە ھەمكارلىق تۈزۈمى نىڭ ساختىلىقىنى پاش قىلدى

0:00 / 0:00

خىتاي دۆلەت كابىنىتى 11 ‏- ئاينىڭ 15 ‏- كۈنى 'جۇڭگونىڭ سىياسىي پارتىيىلەر تۈزۈمى' ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا خىتايدىكى ھازىرقى ھاكىمىيەت تۈزۈمىنى 'كۆپ پارتىيە ھەمكارلىق تۈزۈمى' دەپ ئاتىدى.

'شىنخۇا ئاگېنتلىقى' بۇ ئاق تاشلىق كىتاب ھەققىدىكى بايانلىرىدا 'كۆپ پارتىيە ھەمكارلىق تۈزۈمى' دېگەن ئىبارىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈش بىلەن بىرگە، خىتايدا ھازىر داۋاملىشىۋاتقان كوممۇنىست پارتىيىنىڭ بىر پارتىيە مۇستەبىتلىكىنى 'سەككىز دېموكراتىك پارتىيە ھەمكارلاشقان سىياسىي تۈزۈم' دەپ تەسۋىرلىگەن ئىدى.

كوممۇنىست پارتىيە يولغا قويغان سىياسىي پارتىيە تۈزۈمى مەغلۇپ بولدىغۇ!

بۇ ئاق تاشلىق كىتابتا 'جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى' دەپ ئاتالغان پارتىيىنىڭ ئەزاسى، نەنجىن پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى گو چۇەن ئەپەندىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بايان قىلىشىچە، كوممۇنىست پارتىيە ئېلان قىلغان بۇ ئاق تاشلىق كىتابتىكى بايانلار ھەممىسى بۇنىڭدىن 10‏- 20 يىللار بۇرۇن دېيىلگەن كونا گەپ، شۇ چاغلاردىلا 'كۆپ پارتىيە كېڭىشىدىغان سىياسىي تۈزۈم تىكلەيمىز' دەيتتى.

'دېموكراتىك پارتىيىلەر' دەپ ئاتالغان پارتىيىلەر شۇ ۋاقىتتىلا بار ئىدى. ئەمما كوممۇنىست پارتىيە ئۇلارغا ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلغۇزمىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ پارتىيىلەردە نازارەت قىلىش ھوقۇقى بولمىدى. كوممۇنىست پارتىيە يولغا قويغان بۇ سىياسىي تۈزۈم ئاللىقاچان مەغلۇپ بولغانغۇ! ھۆكۈمەت ھازىر يەنە شۇ گەپنى قىلىۋاتىدۇ. بۇ قېتىم ئۇنىڭدا يەنە ھېچقانداق يېڭىلىق يوق. ئەمەلىيەتتە، جۇڭگودىكى چىرىكلىك باشقا پارتىيىلەرنىڭ نازارەتچىلىكى بولمىغانلىقى ئۈچۈن كېلىپ چىقتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 'دېموكراتىك پارتىيە' دەۋاتقان پارتىيىلەرنىڭ ھەممىسىنى كوممۇنىست پارتىيىنىڭ بىرلىكسەپ بۆلىمى باشقۇرىدۇ

'جۇڭگودا دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش بىرلەشمىسى' دېگەن پارتىيىنىڭ سەندۇڭ ئۆلكىلىك كومىتېت دائىمىي ئەزاسى، سەندۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى سۈن ۋېنگۇاڭنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى 'دېموكراتىك پارتىيىلەر' دەپ ئاتاۋاتقان پارتىيىلەرنىڭ ھېچقايسى مۇستەقىل پارتىيە ئەمەس، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى كوممۇنىست پارتىيىنىڭ بىرلىكسەپ بۆلىمى باشقۇرىدۇ. بۇ پارتىيىلەر بېرەر ئەزا قوبۇل قىلماقچى بولسا، ئالدى بىلەن بىرلىكسەپ بۆلۈمىدىن يوليۇرۇق سورايدۇ، ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز ئەزا قوبۇل قىلالمايدۇ.

بۇ پارتىيىلەرنىڭ قايسى بىرى يىغىن ئاچماقچى بولسىمۇ، ئالدى بىلەن بىرلىكسەپ بۆلۈمىگە دوكلات يوللاپ رۇخسەت ئېلىش كېرەك، ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز ھېچقانداق يىغىن ئاچالمايدۇ. بۇ 'دېموكراتىك پارتىيىلەر' سايلام قىلماقچى بولسىمۇ، نامزات ئىسىملىكىنى كوممۇنست پارتىيىنىڭ بىرلىكسەپ بۆلۈمىگە يوللايدۇ، ئۇلار تەستىقلىسا ئاندىن 'سايلام' ئۆتكۈزۈپ 'سايلاپ' چىقىدۇ. ئەمەلىيەتتە، خىتايدىكى 'دېموكراتىك پارتىيىلەر' دەپ ئاتىلىۋاتقان پارتىيىلەرنىڭ ھەممىسى كوممۇنىست پارتىيە رەھبەرلىك قىلىۋاتقان پارتىيىلەر. بۇ پروفېسسورنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل بۇرۇن، ئۇ ئۆزىنى 'خەلق ۋەكىل' لىككە كۆرسەتكەندە، كوممۇنىست بىرلىكسەپ بۆلىمى تەستىقلىمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ نامزاتلىقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

كۆپ پارتىيلىك تۈزۈم يولغا قويۇلسا، ئەقىللىق ۋە راستچىل رەھبەرنى خەلق ئۆزى تاللىۋالىدۇ

خىتاينىڭ دۆلەت كابىنىتى ئېلان قىلغان بۇ ئاق تاشلىق كىتابتا، جۇڭگودا ھازىر داۋاملىشىۋاتقان 'كۆپ پارتىيە ھەمكارلىق تۈزۈمى' نى 'جۇڭگو خەلقى تاللىۋالغان تۈزۈم'، بۇ خىل تۈزۈم ھەممە تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ھۆكۈمەتكە نازارەتچىلىك قىلىش، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ، ' بۇ خىل تۈزۈم غەرب ئەللىرىدىكىدەك ھوقۇق تالىشىپ جەمئىيەت مۇقىمسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ' دەپ تەسۋىرلەنگەن ئىدى.

'جۇڭگو دېموكراتىك پارتىيىسى' دېگەن پارتىيىنىڭ نەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئەزالىرى ئىنتېرنېت ئارقىلىق كوممۇنىست رەھبەرلىرىگە ئوچۇق خەت يېزىپ، ئۇلار بۇ ئوچۇق خەت ئارقىلىق خىتاي رەھبەرلىرىنى ھەقىقىي كۆپ پارتىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا چاقىردى. ئۇنىڭدا دېموكراتىك تۈزۈمنىڭ ھەرگىز توراقسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقارمايدىغانلىقىنى، بەلكى كۆپ پارتىيىلىك تۈزۈم يولغا قويۇلسا، خەلق خۇددى بازاردىكى ماللارنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى تاللاپ ئالغانغا ئوخشاش، ئۆزلىرى دۆلەتكە باج تۆلىگەن پۇلغا، باج تۆلىگەن خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان، خەلققە راستچىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ئەڭ ئەقىللىق رەھبەرنى سېتىۋالالايدۇ، دەپ كۆرسەتتى. (ۋەلى)