ئىتالىيىدىكى خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكلىرى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈنكى خىتاي جەمئىيىتىنى باي، قۇدرەتلىك، تىنچ دەپ تەرىپلەۋاتقان ۋە بۇ ھەقتە چەتئەللەرگە قارىتا ئۈنۈملۈك تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىۋاتقان بولسىمۇ، غەرب مەتبۇئاتلىرى ئۆزىنى باي، ھاللىق سەۋىيىگە يەتتۇق دەپ ئاتاۋاتقان خىتايدىكى نەچچە ئون مىليونلىغان نامراتلارنىڭ تۇرمۇشى ھەققىدە، ئۆزىنى قۇدرەتلىك ساناۋاتقان خىتايدىكى ھاياتلىق ھەقلىرى، كىشىلىك ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىنغان يۈز مىليونلىغان بىچارە خەلقنىڭ پەرياتلىرى ھەققىدە، ئۆزىنى تىنىچ ساناۋاتقان خىتايدىكى ئىچكى نىزالار ۋە توپىلاڭلار ھەققىدە خەۋەرلەر ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتىغا رەددىيىلەر بەرمەكتە.

كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان خىتاي ئاققۇنلىرى غەرىپلىكلەرنى بارغانسىرى ئەندىشىگە سالماقتا.

3 – ئاينىڭ 13 – كۈنى گېرمانىيە تېلېۋىزور قاناللىرى خىتاينىڭ يوڭجيۇ شەھرىدە يۈز بەرگەن 25 مىڭ كىشىلىك توپىلاڭنىڭ نەق مەيدان خەۋىرىنى ئېلان قىلىپ، خىتاي پرېزىدېنتى خۇجىنتاۋ ئىككى يىغىندا 3000 دىن ئارتۇق ۋەكىلگە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ۋەدە بېرىۋاتقان مۇشۇنداق بىر چاغدا، نامراتچىلىق، ئاچارچىلىق ئىچىدە ياشاۋاتقان يۈز مىليونلىغان خەلقكە ۋەكالىتەن يوڭجيۇلۇقلار توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئىسسىق قانلىرى بەدىلىگە خەلقنىڭ كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتكە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى" دەپ خەۋەر ئېلان قىلدى:

بۈگۈن ئۆزىنى باي، قۇدرەتلىك، مەدەنىيەتلىك ۋە تىنچ ئاتاۋاتقان خىتايدىن قېچىپ، ياۋروپا تۇپراقلىرىغا سىياسىي پاناھلىق تىلەپ ئېقىپ كىرىۋاتقان خىتايلارنىڭ سانى يەنە نىمە ئۈچۈن بارغانسىرى كۆپىيىپ بارىدۇ؟ كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان خىتاي ئاققۇنلىرى غەرىپلىكلەرنى بارغانسىرى ئەندىشىگە سالماقتا.

خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ پۇل - مەنپەئەت ئۈچۈن قىلغان ھەر خىل جىنايى قىلمىشلىرى ياۋروپا خەلقىنى تېخىمۇ سەسكەندۈرمەكتە. ئالدىنقى ھەپتە گېرمانىيىدىكى ZDF تېلېۋىزىيە قانىلىدا: خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ خىتاي ئەتكەسچىلىرى بىلەن بىرلىشىپ، گېرمانىيىگە 30 مىڭ توننا قانۇنسىز بېلىق يۆتكەپ تۇتۇلغانلىقى ھەققىدە نەق مەيدان خەۋىرى ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئۇندىن ئىلگىرى گېرمانىيىنىڭ سىتتىنسەن شەھرىدىكى خىتايلار تەرىپىدىن ئېچىلغان "لىنيۇە رېستورانى" دا ئالتە نەپەر خىتاي ئەتكەسچىسى ۋيېتناملىقلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. 3 – ئاينىڭ 16 – كۈنى ZDF قانىلىدا يەنە "خىتايلارنىڭ ئىتالىيىدىكى ئىشلەپچىقىرىشى" ناملىق ھۆججەتلىك خەۋەر ئېلان قىلىندى. خەۋەردە، ئىتالىيىنىڭ 180 مىڭ ئاھالە ياشايدىغان توسكانا دېگەن بىر شەھرىدە ئۆزلىرىنى تىزىملىتىپ قانۇنلۇق ئىشلەۋاتقان خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ سانىنىڭ 30 دىن ئاشىدىغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە بۇ يەردە قانۇنسىز ياشاۋاتقان ۋە قانۇنسىز ئىشلەۋاتقان خىتايلار سانىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىكەنلىكى، خىتاي ئاققۇنلىرىنى تىزگىنلەشنىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۈچۈن بىر باش ئاغرىقى بولىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىندى.

5000 يىللىق مەدەنىيەتكە ئىگە خىتايلار ياۋروپالىقلارنى سەسكەندۈرمەكتە

مەزكۇر ھۆججەتلىك خەۋەردە، توسكانا شەھرىدە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىتايلارنىڭ يەر ئاستى زاۋۇتى سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ، خىتايلارنىڭ كىچە – كۈندۈز دەم ئالماي ھەر خىل كېيىم-كېچەك ۋە ئاياقلارنى تىكىۋاتقانلىقى شۇنداقلا تىكىپ چىققان كىيىم-كېچەك ۋە ئاياقلارغا "ئىتالىيىدە ئىشلەندى " دېگەن ماركىنىڭ چاپلانغانلىقى، زاۋۇتنىڭ مەينەتچىلىك ۋە قالايمىقانچىلىق بىلەن تولغانلىقى، ئۇلارنىڭ مۇشۇ يەر ئاستى زاۋۇتتا يېتىپ قوپىدىغانلىقى قاتارلىقلار تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، خىتايلارنىڭ بۇ قەدەر مەدەنىيەتسىز ۋە مەينەتلىكى شۇ يەردىكى يەرلىك ئاھالىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان.

بولۇپمۇ، خىتايلارنىڭ ئادەم بار-يوق دەمەي ۋاقىراپ سۆزلەشلىرى، خالىغان يەرگە تۈكۈرۈشلىرى، ئەخلەتلەرنى ئۇدۇل كەلگەن يەرگە تاشلاپ قويۇشلىرى ئەتراپتىكى ئاممىنى قاتتىق سەسكەندۈرۋەتكەن. يەرلىك ئامما گېرمانىيە مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھەققىدە تەشۋىقاتلاردىن ئاڭلىغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرگەنلىرىنىڭ تۈپتىن ئوخشىمايدىغانلىقىنى، خىتايلارنىڭ بۇ قەدەر مەدەنىيەتسىز ۋە مەينەتلىكىدىن، ۋۇجۇدىدا پۇلدىن ئۆزگە ھېچنىمە بولمايدىغان بۇ مەھرى-شەپقەتسىز، شەخسىيەتچى تەبىئىتىدىن يىرگەڭەنلىكىنى ئىنكاس قىلىشقان.

ئىتالىيىلىكلەرنى غەزەپلەندۈرىۋاتقان مەسىلە شۇ بولغانكى، خىتايلارنىڭ بۇ خىل يەر ئاستى زاۋۇتلىرى بازاردا مودا بولىۋاتقان كېيىملەرنى ئوخشاش شەكىلدە تەقلىد قىلىپ ئىشلەپچىقىرىپ، بازاردا ئېقىۋاتقان باھادىن ئەزران باھادا ساتىدىكەن. بۇ ھال ئەسلى مال ئىشلەپچىقارغۇچى زاۋۇتلارنىڭ كېرىمىگە زەربە بېرىدىكەن. خىتايلارنىڭ خىتاي دۆلىتىدىن ھەر خىل ساختا ماللارنى ئەكىرىپ تۆكمە قىلىپ سېتىپلا قالماي، ئىتالىيىنىڭ ئۆزىدە ساختا تاۋار ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرىنى قۇرۇپ، بازارنى قالايمىقانلاشتۇرۇشى ئىتالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جىددى دىققىتىگە ئېلىنغان.

خىتايلارنىڭ ئىتالىيە بازارلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ھەر خىل جىنايى ئەنزىلەرنى ئۈزلۈكسىز سادىر قىلىشى ئىتالىيە خەلقىنىڭ خىتايدىن - سېرىق ئاپەتتىن يىرگىنىش ھېسسىياتىنى بارغانسىرى كۈچەيتىۋەتكەن. (ئەكرەم)