ۋاڭ جاۋجۈن خۇجىنتاۋغا ئوچۇق خەت يوللاپ، ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتىنى تەلەپ قىلدى
2008.01.31
ئەنخۇي ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ جاۋجۈن، تۈنۈگۈن يەنى 30 - يانۋار كۈنى خىتاي دۆلەت پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋ بىلەن باش مىنىستىر ۋېن جياباۋغا ئوچۇق خەت يوللاپ، ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى سۇنغان. ۋاڭ جاۋجۈن بۇلتۇر 22 - ئۆكتەبىر كۈنى بىر نۆۋەت ئوچۇق مەكتۇپ يوللاپ، سىياسىي ئىسلاھات تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ تەكلىپ لايىھىسى خىتاي ئىچى - سىرتىدىكى دېموكراتىيە تەرەپدارلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. ئوچۇق مەكتۇپتا بىلدۈرۈلىشىچە، ئۇ ئىككىنچى قېتىملىق ئوچۇق مەكتۇپىنى ئالدىنقى ئوچۇق مەكتۇپى سەۋەبلىك خەلقتىن كەلگەن ئالقىشنىڭ ئىلھامى بىلەن يازغان. ئۇ بۇ قېتىمقى ئوچۇق مەكتۇپىنىمۇ، ئەنخۇي ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىغا سۇنغان ۋە خۇ جىنتاۋ بىلەن ۋېن جياباۋغا يەتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان.
خىتاي ئەۋلادلىرى ئەڭ ئەقەللىي ئەخلاق تەربىيىسى مۇھىتىدىن مەھرۇم قېلىۋاتىدۇ
ۋاڭ جاۋجۈن مەكتۇپىدا، نۆۋەتتە خىتاي جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن - بىر يولى ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتى دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەردىن بىرى، خىتاي جەمئىيىتىنىڭ ئېتىقاد كرىزىسى بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: دۇنيا ئىقتىسادىي يەر شارىلىشىشقا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە توغرا - دۇرۇس ئىنسان بولۇش بۇ رىقابەتتە ئۇتۇپ چىقىشنىڭ مۇھىم بىر شەرتى، ئەپسۇسكى خىتاي ئەۋلادلىرى بۈگۈن، ئۆزىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بولغان ياش - ئۆسمۈرلۈك دەۋرىنى ئاقمايدىغان نەزەرىيىلەرنى ئۆگىنىش بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. ئىنسان بولۇشتىن ئىبارەت ئەڭ ئەقەللىي ئەخلاق تەربىيىسى مۇھىتىدىن مەھرۇم قېلىۋاتىدۇ. بۇ مەھرۇم قېلىۋاتقانلار بىر كىشى ياكى بىر گۇرۇپپا ئەمەس، بىر جەمئىيەت، بىر مىللەتتۇر.
ئۇ ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتى تەكلىپىنى، ئاخبارات ئەركىنلىكى، كۆپ پارتىيە تۈزۈمى ۋە دېموكراتىك سايلامدىن ئىبارەت ئۈچ مەزمۇندا ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ خېتىدە، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى ۋەزىيەتنى توغرا مۆلچەرلەشكە، دۆلەت ئاخباراتى تەشۋىق قىلىۋاتقان ئاتالمىش چوڭ ياخشى ۋەزىيەتكە ئىشەنمەسلىككە چاقىرغان. ئۇ ئايرىم نەتىجىلەرنى ئومۇمى نەتىجىلەر قاتارىدا سانىۋالماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: دۆلەت، ئايپەرى 1 سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بېرىش نەتىجىسىنى بەك چوڭ بىلىپ كەتمەسلىكى كېرەك، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغان چاغدىكى ئالەم تېخنىكىسى ۋە نەتىجىلىرى بۇنىڭدىن نەچچە قات ئۈستۈن ئىدى.
تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسى چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى خەلقنىڭ كۆزىنى ئاچتى دەپ كۆرسەتكەن ۋاڭ جاۋجۈن مۇنداق دېگەن: قىزغىن سايلام جەريانىنى، سايلامنىڭ نەتىجىسىنى خەلقىمىز كۆردى، دېموكراتىيىنىڭ قورقۇنچلۇق نەرسە ئەمەسلىكىنى يەنە بىر رەت بىلدى. بۇ سايلامنىڭ نەتىجىسىدىن، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئېلىشقا تېگىشلىك بىر دەرس بار، ئۇ بولسىمۇ، ئەگەر بىر پارتىيە ئۆتمۈشتە خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، نۆۋەتتە توغرا ئىش قىلسا، خەلقىغە قۇچاق ئاچسا، خەلقمۇ ئۇنىڭغا قۇچاق ئاچىدۇ."
ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ باستۇرۇش بۇيرۇقىنى تۆۋەن دەرىجىلىكلەر ئىجرا قىلمايدۇ
چەتئەلدە قۇرۇلغان خىتاي ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى بىلەن، خىتايدا قۇرۇلغان خىتاي يېڭى دېموكراتىيە پارتىيىسى ۋە ئۇنىڭ مۇستەقىل پائالىيەتلىرىگە ئاپىرىن ئوقۇغان ئاپتور، بۇ ۋەزىيەتنى خىتايدا نۆۋەتتىكى بىرقانچە يىلدا، چوڭ دېموكراتىك ھەرىكەتلەر يۈز بېرىدىغانلىقىدىن بىشارەت دەپ كۆرسەتكەن. بۇ نۆۋەت يۈز بەرگۈسى ئاممىۋىي قارشىلىق ھەرىكىتىنى، 1989 - يىلىدىكىدەك، تانكا بىلەن بىر تەرەپ قىلىش خىيالىدا بولماسلىقنى تەۋسىيە قىلغان ئاپتور مۇنداق دېگەن: ھازىرقى كوممۇنىست پارتىيە رەھبەرلىك قاتلىمىدا، دىڭ شياۋپىڭغا ئوخشاش ئۈستۈن نوپۇزغا ئىگە بىرمۇ كىشى يوق، باستۇرۇش بۇيرۇقى بېرىلسىمۇ، ھەربىيلەر ئىجرا قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاي ئارمىيىسى 20 يىلدىن بېرى ئۇرۇش قىلمىدى، نۆۋەتتىكى، ھەربىي قوشۇنىمىزدا، ئۇرۇش كۆرگەن، گېنېراللار يوق.
ھازىرقى يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ باستۇرۇش بۇيرۇقىنى تۆۋەن دەرىجىلىكلەر ئىجرا قىلالمايدۇ،دېمەك خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۈچۈن ئەسكەرگە ئىشىنىدىغان دەۋر كەلمەسكە كەتتى. نۆۋەتتىكى ئۇچۇر - ئالاقە تېخنىكىسىدىكى تەرەققىياتنىڭ 1989 - يىلدىكىدىن كۆپ ئىلگىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئاپتور، بۇندىن كېيىن، خەلقنى يالغۇز تەشۋىقاتقا تايىنىپ، قايمۇقتۇرۇپ باشقۇرۇشنىڭمۇ مۇمكىنسىزلىكىنى تەكىتلىگەن ۋە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنى، يىقىتىلىشتىن بۇرۇن ئۆزىنى ئوڭشاشقا، توغرا يولىنى تېپىشقا ئۈندىگەن؛ خىتاي كوممۇنىست پارتىيە ئەمەلدارلىرى ئۈچۈن بۈگۈننىڭ ھەم ئۆزىنى ئاقلاش ھەم ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ھەتتا ھاكىمىيەتنى ئادىل يول بىلەن داۋاملاشتۇرۇش پۇرسىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ھەر قانداق كېلىشمەسلىككە روھىي جەھەتتىن تەييارمەن
ۋاڭ جاۋجۈن، خېتىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ بۇ ئوچۇق مەكتۇپى سەۋەبلىك بېشىغا كېلىدىغان ھەر قانداق كېلىشمەسلىككە روھىي جەھەتتىن تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن : " كۈن كېلىپ، سوت مەيدانىدا ئۆزۈمنى كۆرسەم، خىتاي خەلقىغە ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە يەنە بىر رەت ھەق گەپ قىلىۋېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم دەپ بىلىمەن."
ۋاڭ جاۋجۈن بىرىنچى قېتىملىق ئوچۇق مەكتۇپىدا، سىياسىي ئىسلاھات تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 4 - ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسىگە قايتىدىن باھا بېرىشنى، فالۇنگۇڭچىلار مەسىلىسىگە قايتا قاراپ چىقىشنى، چەتئەلدىكى دېموكراتىك ۋە ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ دۆلەت ئىچىگە قايتىپ كىرىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. (شۆھرەت ھوشۇر)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ھازىرقى ئۇيغۇر مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئەمەس، بەلكى خەلقئارا دېموكراتىك ھەرىكەتنىڭ بىر قىسمى
- خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىش مۇمكىنچىلىكى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى (3)
- خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىش مۇمكىنچىلىكى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى (1)
- خىتاي زىيالىيلار " ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش" تۈزۈمىنى بىكار قىلىش توغرۇلۇق ئوچۇق خەت يازدى
- 21 - ئۆكتەبىر، قىرغىزىستان يېڭى ئاساسى قانۇنى ئومۇمى خەلق ئاۋازىغا قويۇلىدۇ
- 'بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم' ھەققىدە قوزغالغان بەس-مۇنازىرە
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ قارار لايىھىسى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قارار لايىھىسى قوبۇل قىلدى
- ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرىنى يىغىۋېلىش - خىتاينىڭ ئۆز قانۇنىغا ھەم خەلقئارالىق قانۇنلارغىمۇ خىلاپ
- خىتاينىڭ 'دۆلەت مەخپىيەتلىكى' دېگەن سىياسىتى خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىدىغان سىياسەت
- خىتاي تېررورىزىمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى چىقارماقچى بولىۋاتىدۇ
- خىتايدا 'جۇڭگوچە' دەپ ئاتالغان سىياسەتلەرنىڭ ھېچقايسى ياخشى سىياسەت ئەمەس
- جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا -ئانىسى بېسىم ئاستىدا ئەرزىنى قايتۇرۇۋېلىشقا مەجبۇر بولدى
- خىتايدا ئۆلۈم جازاسىنى تەدبىقلاش ھوقۇقى ئالى سوت مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى
- خىتاي بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى "قانۇن دۆلىتى دىئالوگى" (2)