چەن شۆسېن ياسىغان ئاتوم بومبا كىمنى كۈچلەندۈرۈپ، كىمگە زىيان سالدى؟

خىتايدا 'ئىككى بومبا، بىر سۇنئىي ھەمراھ ' ياساپ چىققان ئالىم چەن شۆسېن 98 يېشىدا ئۆلدى. ھازىر خەلقئارادا سىياسىەتكە ھەمكارلاشقان ئالىمنىڭ كىمگە پايدا يەتكۈزگەنلىكى ھەققىدە مۇنازىرە بولۇۋاتىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-11-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﺍ 'ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﻮﻣﺒﺎ، ﺑﯩﺮ ﺳﯘﻧﺌﯩﻲ ﻫﻪﻣﺮﺍﻫ ' ﻳﺎﺳﺎﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﭼﻪﻥ ﺷﯚﺳﯧﻨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺯﯨﻴﻪ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﺍ 'ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﻮﻣﺒﺎ، ﺑﯩﺮ ﺳﯘﻧﺌﯩﻲ ﻫﻪﻣﺮﺍﻫ ' ﻳﺎﺳﺎﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﭼﻪﻥ ﺷﯚﺳﯧﻨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺯﯨﻴﻪ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

يېقىندا خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى 'خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، ساداقەتلىك كوممۇنىزم جەڭچىسى، پەۋقۇلئاددە خىزمەت كۆرسەتكەن ئالىم چەن شۆسېن 98 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى' دەپ خەۋەر قىلدى ۋە ئۇنى بۈيۈك ۋەتەنپەرۋەر، چەتئەللەردە ئوقۇپ يېتىلگەن ئالىملارنىڭ ئۈلگىسى، دەپ مەدىھىيىلىدى.

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى 1955‏ - يىلى ئامېرىكىدىن قوغلاپ چىقىرىلىشتىن بۇرۇن، ئامېرىكىدا ئوقۇپ يېتىلىش جەريانىدا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە ئىشلەۋاتقانلىقى بايقالغان، خىتايغا قايتقاندىن كېيىن كوممۇنىست پارتىيە ئۈچۈن راكىتا ياسىغان ئالىم ئۆلدى' دەپ خەۋەر قىلدى ۋە چەن شۆسېننىڭ ئامېرىكىدىكى ئوقۇش تارىخىنى بايان قىلدى. ئامېرىكا ئاۋازى بولسا، كوممۇنىست پارتىيە بىلەن سىياسىي جەھەتتە زىچ ھەمكارلاشقان بۇ ئالىمىنىڭ كىمگە پايدىسى ۋە كىمگە زىيىنى يەتكەنلىكى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەرنى خەۋەر قىلدى.

خىتايدا چەن شۆسېن ھەققىدە ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، چەن شۆسېن 1929‏ - يىلى شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1935‏ - يىلى دۆلەت خىراجىتى بىلەن ئامېرىكىغا كېلىپ ئوقۇپ، ماساچۇسېتتس شىتاتىدىكى پەن - تېخنىكا ئىنىستىتوتىنىڭ ئاۋىئاتسىيە تېخنىكىسى پاكولتېتىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە، كالىفورنىيا پەن - تېخنىكا ئىنىستوتىغا كېلىپ ئوقۇپ، 43‏ - يىلى ماتېماتىكىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان. 49‏ - يىلى كالىفورنىيا پەن - تېخنىكا ئىنىستوتى ھاۋا دېنامىكا پاكالتېتىنىڭ باشلىقى بولغاندىن كېيىن 'قۇرۇلۇشنى تېزگىنلەش نەزىرىيىسى' نى ئىجاد قىلغان. 1955‏ - يىلىدىن كېيىن، خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ دېنامىكا ئىنىستوتى باشلىقى ۋە مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەش ئەزاسى بولغان. 58‏ - يىلى كوممۇنىست پارتىيىگە ئەزا بولغان.

'ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ' ياساپ پەۋقۇلئاددە خىزمەت كۆرسەتكەن ئالىم

خىتايدا 1956 - يىلى يادرو سىنىقى باشلىنىپ، 96‏ - يىلى توختىتىلغىچە بولغان يىللاردا، چەن شۆسېن خىتاينىڭ يەر ئاستى، يەر ئۈستى ۋە ھاۋا بوشلۇقىدا يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشنى لايىھىلىگەن ۋە باشتىن ‏ - ئاخىر ئۆزى مەسئۇل بولۇپ ئىجرا قىلغان. چېن شۆسېن بۇ جەرياندا 'ئىككى بومبا ۋە بىر سۈنئىي ھەمرھ'' ياساپ چىققانلىقى ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە خىزمەت كۆرسەتكەن ئالىم، بىرىنچى دەرىجىلك قەھرىمان، ئازادلىق ئارمىيە گېنېرالى دېگەن چوڭ ئۇنۋانلارغا ئېرىشكەن.

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى چەن شۆسېننى 11 نەپەر ئامېرىكا ئۇچقۇچىسنى قويۇپ بېرىش شەرتى بىلەن قايتۇرۇپ كەتكەن

ئامېرىكا تەرەپ ئېلان قىلغان ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، چەن شۆسېن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدا ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئۆتۈپ، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىگە قاتناشقان. شۇنداقلا ئۇ، ئامېرىكىنىڭ دېنامىكا ئالىمى، تېزگىنلەش نەزىيىسىنىڭ ئىجادچىسى ۋە ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە قۇماندانى تىئودور كارماننىڭ ئۇستازلىقىدىكى 'مەنخاتون قۇرۇلۇشى' دەپ ئاتالغان ئاتوم بومبا لايىھىلەش، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، يۇقىرى سۈرئەتلىك ئايرۇپىلان، راكىتا لايىھىلەش قاتارلىق بىر قاتار ھەربىي پىلانلارنى ئىجرا قىلىشقا قاتنىشىپ، ئەڭ ئالى پەن - تېخنىكا تەجرىبىخانىلىرىدا ئىشلىگەن.

چەن شۆسېن 1947‏ - يىلى شاڭخەيگە بېرىپ جاڭ كەيشىنىڭ بىر ھەربىي ئىستراتېگىيىچىسىنىڭ قىزى، خىتاينىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مەشھۇر يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىچىسى جاڭ يىڭ بىلەن توي قىلىپ، ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن خىتايغا قايتىشنى ئىلتىماس قىلغان. ئۇ ئامېرىكىنىڭ ھەربىي مەخپىيەتلىكىنى ئەڭ كۆپ ۋە بىۋاستە بىلىدىغان كىشى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكا دائىرىلىرى ئۇنىڭ خىتايغا قايتىش ئىلتىماسىنى دەرھال تەستىقلىمىغان. بۇ ۋاقىتتا چەن شۆسېننىڭ كوممۇنىست پارتىيىگە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاللىقاچان تەكشۈرۈشكە باشلىغان ئامېرىكا تەكشۈرۈش ئىدارىسى بۇ دېلونى تېز خۇلاسىلاشقا كىرىشتى. چەن شۆسېننىڭ مەسىلىلىرىنى ئېنىقلاش داۋام قىلىۋاتقاندا، 1955 ‏- يىلى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى كورىيە ئۇرۇشىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوقى تېگىپ ئۆز فرونتىغا قايتىپ كېتەلمىگەن 11 نەپەر ئامېرىكا ئۇچقۇچىسنى قويۇپ بېرىش بەدىلىگە چەن شۆسېننى خىتايغا ئېلىپ كەتكەن.

چەن شۆسېن ياسىغان ئاتوم بومبا ۋە راكىتالار كوممۇنىست پارتىيىنى كۈچلەندۈرۈپ خەلققە ئازاپ - ئوقۇبەت ياغدۇردى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، چەن شۆسېن 1955‏ - يىلى خىتايغا قايتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە 25 يىل جاسۇسلۇق قىلغانلىقى ھەققىدىكى دېلولار ئامېرىكىدا ئۆز پېتى ساقلىنىپ تۇرماقتا. چەن شۆسېن خىتايغا قايتقاندىن كېيىن، ماۋزېدۇڭ ئۇنى سوۋېت ئىتتىپاقى خىتايغا بەرمەكچى بولغان يادرو ئەسلىھەلىرى ھەققىدىكى سۆھبەتكە ئەۋەتتى.

سوۋېت ئىتتىپاقى يادرو مۇتەخەسسىسلىرىنى خىتايدىن ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن، ماۋزېدۇڭ يادرو قوراللىرى ياساشقا چەن شۆسېننى مەسئۇل قىلدى ۋە چەن شۆسېننى چەتئەللەردىن قايتقان زىيالىيلارنىڭ ئۈلگىسى، ۋەتەنپەرۋەر دەپ جاكارلاپ، سىياسەتكە ئارىلىشىشنى رەەت قىلغان، خۇددى چەن شۆسېنگە ئوخشاش ئامېرىكىدا ئوقۇپ يېتىلگەن باشقا ئىككى مەشھۇر ئالىمغا (دېنامىكا ئالىمى چەن ۋېيچاڭ بىلەن يادرو فېزىكا ئالىمى چەن سەنچاڭغا ئوخشاش باشقا زىيالىيلارغا) ئوڭچى دەپ قالپاق كەيگۈزۈپ جازالىدى.

چەن شۆسېن 'ئۈسۈملۈك ۋە نۇر' نەزىيىسىگە ئاساسەن، بىر مۇ يەردىن 13 مىڭ جىڭ، ھەتتا 30 مىڭ جىڭ ھوسۇل ئېلىش مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، ماۋزېدۇڭ بۇ نەزىرىيىدىن پايدىلىنىپ چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش دېگەن ھەرىكەتنى قوزغىدى ۋە مۇشۇ نەزىرىيە بۇيىچە ھېسابلاپ دېھقانلاردىن باج ئالدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە خىتايدا چوڭ ئاچارچىلىق يۈز بېرىپ 60 مىليون ئادەم ئۆلدى.

چەن شۆسېن ‏ 1989 - يىلى كوممۇنىست ئارمىيىسىنىڭ تيەنئەنمېندە پارتلىغان دېموكراتىك ھەرىكەتنى باستۇرۇشنى قوللىدى. 2002 - يىلى يەنە 'ئادەم بەدىنى ۋە نەپەس' توغرىسىدا ئىلمىي دوكلات بېرىپ، گەرچە ئۇ دوكلاتىدا جاڭ زېمىننىىڭ فالۇنگوڭنى باستۇرۇشىنى ئوچۇق قوللىمىغان بولسىمۇ، ئەمما جاڭ زېمىننى پەن بىلەن سىياسىينى بىرلەشتۈرۈشنىڭ نەمۇنىسى دەپ مەدىھىيىلىدى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھا بېرىشىچە، چەن شۆسېننىڭ سىياسىيغا ئارىلىشىشى خىتايدا زىيالىيلارغا چەكسىز بېسىم ۋە زۇلۇم بولدى. ئۇنىڭ جاڭ كەيشىنىڭ پۇلى بىلەن ئامېرىكىدا ئوقۇپ ئۆگەنگەن ئاتوم بومبا ۋە راكىتا تېخنىكىسى كوممۇنىست پارتىيىنى كۈچلەندۈرۈپ خەلققە ئازاپ - ئوقۇبەت ياغدۇردى.

چەن شۆسېننىڭ مەسئۇللۇقىدا 46 قېتىم ئېلىپ بېرىلغان يادرو سنىقى جەريانىدا 750 مىڭ ئادەم ئۆلدى

ياپونىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن قارىغاندا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۇيغۇرلار ياشايدىغان لوپنۇر رايونىدا 46 قېتىم يەر ئاستى، يەر ئۈستى ۋە ھاۋا بوشلۇقىدا يادرو سىنىقى ئېلىپ باردى. بۇ رايوننى ھەتتا باشقا دۆلەتلەرگىمۇ يادرو بومبىلىرىنى سىناق قىلىش ئۈچۈن ئىجارىگە بەردى. بۇ رايوندا 1964‏ - يىلىدىن 1996‏ - يىلىغىچە بولغان 32 يىلدا سىناق قىلىنغان يادرو بومبىلىرىنىڭ ئومۇمى پارتلاش كۈچى 20 مىليون توننا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئېلىپ بارغان يادرو سىنىقىدىن 10 ھەسسە كۆپ.

چەن شۆسېننىڭ مەسئۇللۇقىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ يادرو سىناقلىرىدا ھاسىل بولغان رادىئالتىپ نۇر ۋە يادرو توزانلىرى لوپنۇر رايونى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار ياشايدىغان مەھەللىلەردە بىر مىليون 290 مىڭ ئادەمنى زەھەرلىدى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ مەخپىي ماتېرىياللىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ سىناقلاردا زەھەرلەنگەن ئادەملەرنىڭ 750 مىڭى ئۆلۈپ بولدى.

مۇشۇ يىللاردا يەنە، ئۇيغۇر مەھەللىلىرىدە ئاغزى پۇچۇق ياكى مېڭىسى ناكار تۇغۇلغان بالىلار كۆپ بولۇپلا قالماي، بەلكى لىمپا ياكى قان راكى كېسەللىكلىرىمۇ باشقا رايونلاردىن 30% كۆپ بولدى. لوپنۇردا ئېلىپ بېرىلغان يادرو سىنىقىنىڭ تەسىرى يەتكەن - بۇلغانغان ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1993‏ - يىلىدىن 2000 ‏- يىلىغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە پەيدا بولغان ھەر خىل راك كېسەللىكىنىڭ نېسبىتىمۇ باشقا رايونلاردىكىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ.

پىكىرلەر (1)
Share

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ﯪﻟﻼﻫ ﺑﯘ ﻣﻪﻟﻮﻧﻨﻰ ﺩﻭﺯﺍﻗﻘﺎ ﺗﻮﯞﻩﻥ ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﺗﺎﺷﻠﯩﻐﯘﺳﻰ.....

Nov 04, 2009 03:17 PM

تولۇق بەت