خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتى ئامېرىكا بىلەن ئاۋسترالىيىنىڭ ئەندىشىسىنى كۈچەيتمەكتە


2007.07.05

خىتاي ھەربىي تەرەققىياتىنىڭ سۈرئىتى خىتاينىڭ قوشنا دۆلەتلىرىنى ئەندىشىگە سېلىپلا قالماي، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەرنىمۇ جىددىيلەشتۈرۈپ قويماقتا. ئاخىرقى كۈنلەردە خىتاي ھەربىي تەرەققىياتىنىڭ سۈرئىتىدىن بىئارام بولۇۋاتقان دۆلەتلەرگە قاتارىغا ئاۋسترالىيە قوشۇلدى. ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى جون خوۋارد ۋە ئاۋسترالىيىنى زىيارەت قىلغان ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر گېنىرالى، خىتاينىڭ ھەربىي كېڭەيمىچىلىكىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە بۇنى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىگە پايدىسىز ، مۇقىمسىز ئامىللار، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى رايون مۇقىملىقىغا پايدىسىز

خىتاي ھەربىي سېلىنمىسى ۋە ھەربىي كۈچىنىڭ تېز كېڭىيىشىدىن بىئارام بولۇۋاتقان ياپونىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر قاتارىغا ئاخىرقى كۈنلەردە ئاۋسترالىيە قېتىلدى. ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى خوۋارد، پەيشەنبە كۈنى ئاۋسترالىيىنىڭ 2005 - يىلى ئېلان قىلغان دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتىنى يېڭىلاش مۇناسىۋىتى بىلەن پىكىر بايان قىلىپ، خىتاي ھەربىي كۈچىنىڭ تېز كېڭىيىشى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدا مۇقىمسىزلىقنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈردى.

خوۋارد،"خىتاينىڭ ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇش سۈرئىتى ۋە كۆلىمى، بولۇپمۇ سۈنئىي ھەمراھغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى قاتارلىقلاردا ۋەيران قىلىش كۈچىنىڭ تەرەققىياتى، رايوندا ئۇقۇشماسلىقلار ۋە مۇقىمسىزلىقلارغا سەۋەبچى بولۇشى مۇمكىن "دەيدۇ. بۇ ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئاۋسترالىيىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى خىتاي توغرىسىدا ئۇنىڭ ھەربىي كۈچىنى تۇنجى قېتىم رايوننىڭ مۇقىملىقىغا پايدىسىز، دەپ باھا بېرىشى بولۇپ، ئامېرىكا ئاۋسترالىيىنىڭ خىتاي ھەربىي تەرەققىياتىغا سەل قاراۋاتقانلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئەسكەرتىپ كەلمەكتە ئىدى.

ياپونىيە رايون ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور روللارنى ئويناش كېرەك

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئاۋسترالىيىنىڭ يېڭى دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتى خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى مەسىلىسىدە ئاۋسترالىيىنىڭ ئامېرىكا بىلەن پىكىرداش ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن. ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا ۋە ياپونىيىلەر بىلەن بىخەتەرلىك شەرتنامىسى ئىمزالىغان دۆلەت شۇنداقلا ئاۋسترالىيىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتىگە ئاساسلانغاندا ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ئاۋسترالىيىنىڭ ئەڭ يېقىن شېرىكى.

جون خوۋارد، ياپونىيە مەسىلىسىنى تىلغا ئالغاندا ياپونىيىنى ئاۋسترالىيىنىڭ رايوندىكى دۆلەتلەر ئىچىدە ئەڭ يېقىن ۋە ئەڭ قىممەتلىك دوستى، دەپ تەرىپلىدى ۋە "ياپونىيە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى كۆپ دۆلەت ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئىچىدە تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئوينىسا، بۇ ئۇنىڭ ئىقتىسادى ۋە دىپلوماتىك تەسىر كۈچىگە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن كېلىدۇ " دەپ كۆرسەتتى.

خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتىكى مۇددىئاسى نىمە ؟

خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى كەڭ - كۆلەملىك ۋە تېز سۈرئەت بىلەن كېڭەيتىشىدىكى مەقسەت ۋە مۇددىئاسى ئامېرىكا سىياسى ۋە ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز گۇمانىنى قوزغاۋاتقان مەسىلە ئىدى. ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى خىتاينىڭ ھەربىي كېڭەيمىچىلىكى رايوننىڭ مۇقىملىقىغا پايدىسىز، دەپ تەكىتلىگەن شۇ كۈنى، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ بىر ئاۋىئاماتكا پىلوتى ئاۋسترالىيىنى زىيارەت قىلماقتا ئىدى.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە ئادمېرالى،"بۈركۈت باچكىسى" بەلگىلىك ئامېرىكا ئاۋىئاماتكا پىلوتىنىڭ قوماندانى رىېيك ۋىرېن، سېدنېيدا "بىزنىڭ خىتايدىن ئەندىشە قىلىدىغان يەرلىرىمىز بار " دەپ تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ، "خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى كەڭ كۆلەملىك كېڭەيتىشىدىكى مەقسىدى ۋە مۇددىئاسىغا بەرگەن ئىزاھاتى ئىشەنچلىك ئەمەس. "

خىتاي: مەقسىدىمىز ئۆزىمىزنى قوغداش

خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي ھەربىي كۈچىنى كېڭەيتىشىدىكى مۇددىئاسىنى ئاقلاپ، خىتاينىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى كۆزدە تۇتۇۋاتقانلىقىنى، ھەربىي سېلىنما يەنىلا ئومۇم خامچوتنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسىمىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىن گاڭ، پەيشەنبە كۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئاۋسترالىيىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ھۆججىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتىنى " ئۆزىنى قوغداش خاراكتېرلىك شۇنداقلا بىز تىنچ تەرەققىيات يولىدا ماڭىمىز. جۇڭگو دۇنيا بىخەتەرلىكى، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى ئاساسى كۈچ " دەپ ئاقلىدى.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە ئادمېرالى رېيك ۋىرېن، " ئەلۋەتتە بىز خىتاينىڭ رايوندا مۇقىملۇقنى ساقلىغۇچى بىر كۈچ بولۇشىنى كۈتىمىز. لېكىن بىز بۇنىڭغا قانائەت ھاسىل قىلغىچە ئۆز ئىشىمىزنى قىلىۋېرىمىز شۇنداقلا پرېزىدېنتنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن تەييار تۇرىمىز " دەيدۇ.

ھەربىي مانېۋىر كىمگە بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش ؟

" بۈركۈت باچكىسى"بەلگىلىك ئامېرىكا ئاۋىئاماتكا پىلوتى ئادەتتىكى كۈنلەردە ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىدىكى ھەربىي بازىسىدا تۇرسىمۇ، لېكىن ئۇلار بۇ قېتىم ئاۋسترالىيىگە ئامېرىكا - ئاۋسترالىيە ھەربىي قىسىملىرىنىڭ 2 يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەربىي مانېۋىرغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن. چارشەنبە كۈنى ئاخىرلاشقان ئىككى ھەپتىلىك مانېۋىرغا ئامېرىكا 20 مىڭ كىشىلىك قوشۇن، ئاۋسترالىيە 7500 كىشىلىك قوشۇن قاتناشتۇردى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.