ئەنۋەرجان مۇھەممەد خۇجىنتاۋنى قارشى ئالغىلى چىققانلىقىنى ئىنكار قىلدى


2007.11.20

19 ‏- نويابىر كۈنى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ تور بېتىدە، ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر دوكتۇر ئەنۋەرجان مۇھەممەتنىڭ، بۇ يىل 4 - ئايدا، خۇجىنتاۋنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى كۆتۈرۈپ ئايرودرومغا چىققانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلدى. خەۋەر ۋەتەن ئىچىدىكى چوغلان تور بېتىدىن ئېلىنغان. مەزكۇر خەۋەر ۋەتەن سىرتىدىكى بولۇپمۇ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.

ئەنۋەرجان: " مەن خۇجىنتاۋنى كۆرۈپ باقمىدىم"

بىز بۇ ھەقتە ئەنۋەرجان مۇھەممەتنىڭ ئۆزى بىلەن كۆرۈشتۇق، ئەنۋەرجان ئۆزىنىڭ بۈگۈنگە قەدەر ھېچقانداق بىر سىياسىي پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلمىغانلىقىنى، ئۆزىنى بىر ئىلىم ئادىمى دەپ قارايدىغانلىقىنى، خەلقى ئۈچۈن ئىلىم يولى ئارقىلىق خىزمەت قىلىش مەقسىتى بارلىقىنى، خىتايغا قارشى تۇرىدىغان ھەم قوللايدىغان پائالىيەتلەرگە قاتناشمىغانلىقىنى شۇنىڭدەك بۇنداق ئىشلار ئۈچۈن ھەم قىزىقىشى يوقلۇقى، ھەم ۋاقتى يوقلۇقىنى ئىپادىلىدى.

سوئال: سىز راستىنلا، خۇجىنتاۋنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن ئايرۇدۇرۇمغا چىقتىڭىزمۇ؟

جاۋاپ: ياق. مەن خۇجىنتاۋنى كۆرۈپ باقمىدىم.

سوئال: خەۋەردە سىزنى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى دەپتۇ، بۇ راستمۇ؟

جاۋاپ: ياق. مەن كولومبىيە ئۇنۋېرسىتېتىغىمۇ بېرىپ باقمىدىم.

سوئال: خەۋەردە دېيىلگەن ئەنۋەرجان سىزمۇ ئەمەسمۇ؟

جاۋاپ: مەن شۇ، بىراق مۇخبىر بىلگىنىنىمۇ، بىلمىگىنىنىمۇ يېزىپتۇ.

" ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ كۆزى، قۇلىقى ۋە تىلى"

ئۇيغۇر خەلقى جەمئىيەتنى چۈشىنىشتە، ئۆز مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ سۆز -ھەرىكەتلىرىنى ئۆزىگە ئەينەك سۈپىتىدە پايدىلىنىدۇ؛ ئۇنداقتا، خىتاي ئاخباراتىنىڭ، ئەنۋەرجان ھەققىدە، يالغان ئۇچۇر بېرىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بۇ ھەقتە بىز،كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى، شۇنداقلا ئاخبارات ساھەسىدە، 10 يىلدىن ئارتۇق خىزمەت قىلغان گۈلشەن ئابدۇقادىر خانىمنىڭ پىكرىنى ئالدۇق.

گۈلشەن خانىم، خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتىنىڭ، ئۇيغۇر رايونىنى كونترول قىلىشتىكى ۋاز كېچىلمەي كېلىۋاتقان بىر چارە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: "ئالدى بىلەن، بۇ خەۋەرنىڭ يالغان بولۇپ چىققىنىدىن سۆيۈندۈم. ئەگەر ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان بىر دوكتۇر، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ باشلىقىنىڭ ئالدىغا كۇتۈۋالغىلى چىققان بولسا، بۇ ناھايىتى ئېچىنىشلىق بىر ئىش بولاتتى. تەخمىن قىلغىنىمدەك، بۇ ساختا خەۋەر بولۇپ چىقتى. بۇ يېڭى ئەھۋال ئەمەس. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ زېھنىنى قايمۇقتۇرۇش ئۈچۈن يىللاردىن بېرى قوللىنىپ كېلىۋاتقان بىر ئۇسۇل."

گۈلشەن خانىمنىڭ قارىشىچە، ئىلىم ئەھلىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئەخلاق ئۆلچىمى، ئالدى بىلەن ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىش؛ ھەقىقەت بىلەن مەنپەئەت ئارىسىدا ئىككىدىن بىرىنى تاشلاشقا توغرا كەلگەندە ھەقىقەت تەرەپتە تۇرۇش؛ گۈلشەن خانىمنىڭ بىلدۈرىشىچە يەنە، ئىلىم ئەھلى دېمەك غېمى ۋە غايىسى ئائىلىسىدىن ھالقىغان ئىنسان دېمەكتۇر ؛ ئالدى بىلەن ئۆز مىللىتى، ئاندىن ئىنسانىيەت ئۈچۈن باش قاتۇرۇش ھەقىقىي ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ھايات مىزانىدۇر. ئەمما گۈلشەن خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ھايات مىزانىنى بۇزۇش ئۈچۈن ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ كەلمەكتە، خىتاي ئاخباراتىنىڭ ئەنىۋەرجاننىڭ خۇ جىنتاۋنى كۇتۈۋالغىلى چىقتى، دەپ ساختا خەۋەر بېرىشى مانا مۇشۇ سۈيىقەستتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

سوئال: مۇخبىرلىق ھاياتىڭىزدا يولۇققان مۇشۇ خىل ئەھۋاللار بارمۇ؟

جاۋاپ: 5 ‏- فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىدە، بىر تۈركۈم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مىللىي مەنپەەتىمىزگە، دىنىي ئېتىقاتلىرىمىزغا قارشى سۆزلىرى رادىئو تېلېۋىزورلاردا بېرىلدى؛ بۇ سۆزلەر مۇخبىر ۋە دىكتورلارنىڭ ئېغىزىدىن بېرىلدى، كېيىن، بۇ سۆزلەرنىڭ ئەسلى زىيالىلىرىمىزنىڭ ئېغىزىدىن چىققان گەپلەر ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. ئەمەلىيەتتە،بۇ زىيالىلىرىمىزنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە قىلىنغان ئېغىر بىر ھۇجۇمدۇر.

"زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلار ساختا خەۋەر يېزىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئاخباراتچىلىرىدۇر "

گۈلشەن خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ساختا ئاخبارات تەشۋىقاتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلار يالغۇز تەشۋىق قىلىنغۇچىلار ئەمەس، بەلكى ھەم تەشۋىق قىلغۇچىلار، يەنى ۋىجدانىغا خىلاپ ھالدا، ساختا خەۋەر يېزىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئاخباراتچىلىرىدۇر.

سوئال: ئۇيغۇر ئاخباراتچىلىرىنىمۇ ساختا تەشۋىقاتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان تەرەپ دەپ چۈشۈنۈشكە بولامدۇ؟

جاۋاپ: ئەلۋەتتە، مەن ئەسلىدە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان؛ راست گەپنى قىلغىنى بولىدىغان كەسپ دەپ قاراپ، ئاخباراتچىلىققا ئۆزگەرتىۋالغان؛ خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن، خىيالىمدىكىدىن تامامەن پەرقلىق بىر مۇھىتقا دۇچ كەلدىم. يالغان سۆزلەشكە، ھەقسىزلىقنىڭ تەشۋىقاتچىسى بولۇشقا مەجبۇرلاندىم. مۇخبىرلىق قىلغان 14 يىللىق ھاياتىمنى ھاياتىمدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق باسقۇچ دەپ قارايمەن.

گۈلشەن خانىمنىڭ يۇقىرىدا دېگەنلىرىگە، گۈلشەن خانىمنىڭ تەرجىمىھالىنىڭ ئۆزىلا ئىسپات بولالايدۇ. گۈلشەن خانىم، غۇلجا خەلق رادىئو ئىستانسىسىدا مۇخبىر ۋە تەھرىر بولۇپ خىزمەت ئىشلىگەن، ھەقنى سۆزلەش ئەركىنلىكى بوغۇلغاندىن كېيىن، خىزمىتىدىن ۋاز كەچكەن ۋە ھىجرەت يولىنى تاللىغان. (شۆھرەت ھوشۇر)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.