خىتاي 2007- يىللىق پاكلىق دەرىجىسى باھالىشىدا ناچار باھاغا ئېرىشتى


2007.09.27

26- سېنتەبىر چارشەنبە كۈنى، باش شتابى گېرمانىيىنىڭ بېرلىن شەھىرىگە جايلاشقان چىرىكلىككە قارىشى تۇرۇش تەشكىلاتى- خەلقئارا سۈزۈكلۈك تەشكىلاتى، 2007- يىللىق تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، دۇنيادىكى ئەڭ چىرىكى دۆلەتلەرنى رەتكە تىزدى.

دوكلات نەتىجىسىگە قارىغاندا، خىتاي ئېرىشكەن ئومۇمى نومۇر بەك تۆۋەن بولۇپ، 180 دۆلەت ئىچىدە 72 -ئورۇنغا تىزىلغان. تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، چىرىكلىك خىتايدا كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقان باي-كەمبەغەللىك ئارىسىدىكى پەرقنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، نەتىجىدە خىتاي جەمئىيىتىدە ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي داۋالغۇش پەيدا قىلىدىكەن.

بۇ باھالاش تۈزۈمىدە پاكلىقنىڭ يۇقىرى دەرىجىسى نومۇر 10، ئەڭ تۆۋەن دەرىجىسى 0 نومۇر قىلىپ بەلگىلەنگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاي 3.5 نومۇرغا ئېرىشىپ، ھىندىستان، مېكسىكا، ماراكەش قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىر ئورۇنغا تىزىلغان.

باھالاش دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، ئاسىيا ئەللىرىدە چىرىكلىك يەنىلا ئېغىر بولۇپ، بۇ نۆۋەت باھالانغان 32 ئاسىيا دۆلىتىنىڭ 22سى باھالاشتا 5 تىن تۆۋەن نومۇر ئالغان دۆلەتلەر كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىن تۈركمەنىستان، تاجىكىستان قاتارلىقلارمۇ بار.

چېرىكلىك، شۇ دۆلەتلەردىكى بايلىق مەنبەلىرىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا

خەلقئارا سۈزۈكلۈك تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رابىرنىڭ ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىدا ئېيتقانلىرىغا قارىغاندا، چىرىكلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە توسالغۇ بولىدىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ يىل بەزى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما چېرىكلىك مەزكۇر دۆلەتلەردىكى بايلىق مەنبەلىرىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا ئىكەن.

خىتاي ھەر يىلى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تەشكىلاتىنىڭ يىللىق باھالىشىدا ئىزچىل تۆۋەن نومۇر ئېلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 2006- يىلىمۇ 3.3 نومۇرغا ئېرىشكەن ئىدى.

سىياسىي تەھلىلچى ئاسىيا ۋە خىتاي ئىلمىي تەتقىقاتچىسى، تۈركىيىدىكى ھاجى تۆپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، چىرىكلىك خىتايدا بىر خىل سىياسىي ئەنئەنە بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتايدا مەيدانغا كەلگەن ئىقتىسادى ئىسلاھاتقا يانداش ھالدا سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلمىغانلىقتىن، خىتايدىكى چېرىكلىك تېخىمۇ ئېغىرلاشقان ئىكەن.

ليۇ شاۋجۇ: خىتايدىكى چىرىكلىك مەسىلىسى، دۆلەت تۈزۈلمىسىنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى

خىتاي سىياسىي تەھلىلچى لي شاۋجۇنىڭ ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىدا خىتايدىكى چىرىكلىك توغرىسىدا ئېيتقانلىرىغا قارىغاندا، خىتايدىكى چىرىكلىك مەسىلىسى دۆلەت تۈزۈلمىسىنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى بولۇپ، بيۇروكراتلىقتىن كېلىپ چىققان ئىكەن.

ليۇ شاۋجۇنىڭ ئېيتقانلىرىغا قارىغاندا يەنە، چىرىكلىك باشقا دۆلەتلەردە دۆلەت تۈزۈلمىسىدىكى ئىككىلەمچى ئورۇندا تۇرسا، خىتايدا ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىكەن.

ئەركىن ئەكرەم: چىرىكلىك خىتاي ھاكىمىيىتىگە زور تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ

ئەركىن ئەكرەم بۇ ھەقتە توختىلىپ، غەرب ئەللىرىدە ئىقتىسادى ئىسلاھات بىلەن سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، ئىقتىسادنىڭ يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ شۇنىڭغا ماس ھالدا شۇ دۆلەتتىكى ئىقتىسادى تۈزۈلمىلەر ۋە تەرەققىياتنى كۆزىتىپ ۋە نازارەت قىلىپ تۇرىدىغان ئورگانلارنىڭ تەسىس قىلىنىدىغانلىقىنى، ئەمما خىتايدا بولسا بارلىق سىياسىي تۈزۈلمە قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرىنىڭ خىتايدىكى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى، مانا بۇ خىل ئەھۋالنىڭ چىرىكلىكنىڭ خىتايدا ئەۋج ئېلىپ كېتىشىدىكى ئاساسىي سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە يەنە، ئىقتىسادى يۈكسىلىۋاتقان، ئەمما سىياسىي تۈزۈلمىسىدە مۇناسىپ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلىپ چىرىكلىكنىڭ ئالدى ئېلىنمىغان دۆلەتلەرنىڭ، قارىماققا يۈكسەلگەن ۋە قۇدرەتلىك كۆرۈنگەندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىچىدىن پورلىشىپ كەتكەن ياغاچقا ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئۇ يەنە، خىتايدىكى ئىقتىسادى تەرەققىياتىدىن پەقەت نەچچە ئون پىرسەنت ئادەم مەنپەئەت ئېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال خىتايدا كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقان باي ‏- كەمبەغەللىك ئارىسىدىكى پەرقنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چوڭايتىپ كەلگۈسىدە خىتايدا تېخىمۇ ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ھەمدە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيىتىگە زور تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنىمۇ قوشۇمچە قىلدى. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.