باۋتوڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، كوممۇنىست پارتىيىگە بېسىم ئىشلىتىش ياخشى چارە


2007.06.04

خىتايدا ھەربىي قىسىملار كوممۇنست پارتىيىنىڭ قولىدا، ‏‏- دەپ ئوبزورىنى باشلايدۇ باۋتوڭ ئەپەندى. باۋتوڭ ئەپەندى ئەينى ۋاقىتتا خىتاي مەركىزى كومىتېتىنىڭ سابىق باش سېكرىتارى جاۋزىياڭنىڭ كاتىپى ئىدى. باۋتوڭ ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ ئوبزورىنى ئېلان قىلىش ھوقۇقىنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا تاپشۇردى. باۋتوڭ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، 1989 ‏- يىلى 4 ‏- ئىيون كۈنى بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىدا، خىيانەتچىلەرنى جازالاش ۋە دېموكراتىيىنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان خەلقنى، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ھەربىي كومىتېتى بىر نەچچە يۈز مىڭ كىشىلىك قوراللىق قىسىمنى ئىشقا سېلىپ قانلىق باستۇرغان ئىدى.

1957 ‏- يىلى خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە 550 مىڭ نەپەر ئادەمنى 'ئوڭچى' دەپ قورشاپ ھۇجۇم قىلىشنىڭ باش قوماندانى دېڭ شاۋپىڭ، ئەينى ۋاقىتتا كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئىدى. دېڭ شاۋپىڭ شۇ كۈنى، خىتاي ئارمىيىسىگە دۆلەتنىڭ ئىگىسى بولغان خەلقنى تانكا، پىلىمۇتلار بىلەن ھۇجۇم قىلىپ باستۇرۇشقا بۇيرۇق چۈشۈردى.

خىتايدا خەلىقنى قىرغىنچىلىق قىلغاننىمۇ مەدھىيىلەيدىغان ۋىجدانسىز كىشىلەر چىقتى

‏- بېيجىڭدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ تېز قۇتقۇزۇش بۆلۈملىرىگە يارىدارلار، جەسەتلەر سىغمىدى، ‏-‏ دەيدۇ باۋتوڭ ئەپەندى ئوبزورىدا، - ئەينى ۋاقىتتا، پۈتۈن دۇنيا خىتايدا بولۇۋاتقان بۇ قانلىق ۋەقەلەرنى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق كۆرۈپ تۇرغان ئىدى. بۇنداق ۋەقە قۇللۇق جەمئىيەتتىمۇ، مىلىتارىستلار دەۋرىدىمۇ ئىنسانىيەتنى قىرغان جىنايەت دەپ ھېسابلىناتتى.

ئەمما زامانىمىزدا بولسا ، - دەيدۇ باۋتوڭ ئەپەندى، ‏‏- شۇنداق دەھشەتلىك قىرغىنچىلىقنىمۇ مەدھىيىلەيدىغان ۋىجدانسىز كىشىلەر چىقتى. بۇنداق كىشىلەر خەلقنى قىرغۇچىلارغا شەرەپ تاختىسى ئاستى. شۇ چوڭ قىرغىنچىلىقتىن كېيىنمۇ، خەلق داۋاملىق باستۇرۇلۇۋاتىدۇ.

يوقسۇللار ئۈچۈن ياسالغان تۈرمە ۋە كوممۇنىست پارتىيە ئۈچۈن ياسالغان جەننەت

4 ‏- ئىيۇندىكى چوڭ باستۇرۇشتىن كېيىن، خىتايدا پەيدا بولغان خىيانەتچىلىك -چىرىكلىك ئومۇميۈزلۈك يامراپ كەتكەن 'ئىقتىسادىي ئاۋاتلىق' پەيدا بولدى. بۇ چوڭ 'ئىقتىسادىي ئاۋاتلىق'تىن خىتاي ئىككىگە پارچىلاندى، ‏- دەپ بايان قىلىدۇ باۋتوڭ ئەپەندى، ‏- ئۇنىڭ بىرى، خىتايدا نامرات-يوقسۇللار ئۈچۈن ياسالغان تۈرمە، يەنە بىرى كوممۇنىست پارتىيە ئۈچۈن ياسالغان جەننەت.

كوممۇنىست پارتىيە ھازىر ئۆزىگە يالاقچىلىق قىلىدىغان كىشىنى ۋەزىپىگە قويىدۇ، قانۇنمۇ كوممۇنىست پارتىيىنىڭ قولىدا، ئۇلار دۆلەت خەزىنىسىدىن خالىغانچە خىيانەت قىلىدۇ. ھازىر خىتايدا، ‏-‏ دەيدۇ باۋتوڭ ئەپەندى، ‏‏- يۈز مىليون دوللاردىن كۆپ مۈلكى بار بايۋەچچىلەرنىڭ سانى 3200 دىن ئاشىدۇ، ئۇنىڭ 2900 دىن ئارتۇقى كوممۇنىست پارتىيە كاتتىباشلىرىنىڭ بالا-چاقىلىرى.

پۇل مۇئامىلە، تاشقى سودا، يەر ئاستى بايلىقلارنى ئېچىش، چوڭ قۇرۇلۇشلارنى ئېلىپ بېرىش، دۆلەت بىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھەلەردە % 90 تىن ئارتۇق مۇھىم ھوقۇقلار شۇلارنىڭ قولىدا. ئەگەر ھازىر خىتايدا پاي بازىرى گۇمران بولسا، پاي قوشقان بىرنەچچە ئون مىليون ئادەم بىردەمدىلا ۋەيران بولىدۇ. 'سوتسىيالىستىك' جۇڭگو دېگەن مانا شۇ، 'ئىناق جۇڭگو'، 'ئادەمنى ئاساسى ئورۇندا قويىدىغان جۇڭگو'، 'تىنچ باش كۆتۈرۈۋاتقان جۇڭگو' دېگەنمۇ مۇشۇ، بۇ بىر چىرىكلەشكەن جۇڭگو، 4 ‏- ئىيون كۈنى خەلقنى باستۇرغاندىن كېيىن پەيدا بولغان جۇڭگو.

خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئىش قىلسا 4 ‏- ئىيۇن دېگەن دوخمۇشتىن ئۆتەلمەي توسۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ

‏ 4 ‏- ئىيون كۈنىدىكى قىرغىنچىلىق چوڭ قۇرۇقلۇق خەلقى، خوڭكوڭلۇقلار، تەيۋەنلىكلەر، باشقا مىللەتلەرنىڭ، ھەتتا پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ھېسسىياتىنى زەخمىلەندۈرگەن ئىدى. ‏- دەپ بايان قىلىدۇ باۋتوڭ ئەپەندى ئوبزورىدا، ‏- شۇڭلاشقا خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئىش قىلسا، مۇشۇ دوخمۇشتىن ئۆتەلمەي توسۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ.

'باستۇرۇش توغرا بولغان' دېگۈچىلەر قوغداۋاتقان دېڭ شاۋپىڭنىڭ 'ئىززەت -ھۆرمىتى' پەيدا قىلغان سىياسىي، ئەخلاقىي جەھەتتىكى بۇزغۇنچىلىق دۆلەتنىڭ بىرلىك ئاساسىنىمۇ بۇزۇۋەتتى. بۇنداق جۇڭگو ئەمدى پەقەت 4 ‏- ئىيۇندىكى قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلغاندىلا، ئاندىن يېڭى ھاياتى كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

4‏-ئىيون كۈنىدىكى قىرغىنچىلىققا دېڭ شاۋپىڭ جاۋابكار

‏ 4 ‏- ئىيۇن قىرغىنچىلىقىغا دېڭ شاۋپىڭ جاۋابكار، ئۇ ئاللىقاچان ئۆلدى، ‏‏- دەيدۇ باۋتوڭ ئەپەندى، ‏‏- ئەمدى دۆلەت پۇقرالىرى بۇ ھەقتىكى بىر ئادىل باھانى ئاڭلىشى كېرەك! ھازىرقى رەھبەرلەر، گەرچە بۇ ۋەقەنىڭ ئاقىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىش قابىلىيىتى بولمىسىمۇ، ئەمما دۆلەت پۇقرالىرىغا خەلقنى باستۇرۇش جىنايەت ئىكەنلىكىنى ئېيتىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنى ھەققىدە گەپ ئاچالايدۇ.

پۇرسەت كۈتسە، مەسىلە ئۆزى تەبىئى ھالدا ھەل بولۇپ كەتمەيدۇ

باۋتوڭ ئەپەندى ئوبزورىدا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇپ پۇرسەت كۈتۈۋاتقان كىشىلەر ھەققىدىمۇ توختالغان. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، بەزى كىشىلەر پۇرسەت كۈتۈۋاتقىلى خېلى كۆپ يىللار بولۇپ قالدى، ئۇلار 4 ‏- ئىيون ۋەقەسى ھامان بىر كۈنى تەبىئىي ھالدا ئۆزلىكىدىن ھەل بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى بولۇپ ئۆتكەنگە 50 نەچچە يىل بولدى، لېكىن بۇ مەسىلە 'تەبىئىي ھالدا' ئۆزلۈكىدىن ھەل بولۇپ كەتتىمۇ؟ ‏-‏ باۋ توڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ‏‏- كوممۇنىست پارتىيىنىڭ مۇستەبىت تۈزۈمى پۇت تېرەپ تۇرۇۋاتقان شارائىتتا، ناھەقچىلىقنىڭ 'تەبىئىي ھالدا' ئۆزلۈكىدىن ھەل بولۇپ كېتىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت ئەمەس. چۈنكى، ۋاقىت دېگەن كائىناتتىكى ھەممە مەۋجۇدىيەت ئۈچۈن ئورتاق نەرسە، ئۇ بىتەرەپ نەرسە.

خەلقنىڭ دۆلەت قانۇنىغا ئاساسەن كوممۇنىست پارتىيىنىڭ رەھبەرلىك گۇرۇھىغا بېسىم ئىشلىتىش ھوقۇقى بار

‏-‏ تەرەققىياتنىڭ يۆنىلىشى ھەرخىل بېسىم كۈچىنىڭ ئومۇمىي قۇۋىتىگە باغلىق، ‏- دەيدۇ باۋتوڭ ئەپەندى، ‏-‏ كوممۇنىست پارتىيىنىڭ بىر پارتىيە دېكتاتورىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئامىلى ئۈنۈملۈك ئامىل. خەلقنىڭ دۆلەت قانۇنىغا ئاساسەن كوممۇنىست پارتىيىنىڭ رەھبەرلىك گۇرۇھىغا بېسىم ئىشلىتىش ھوقۇقى بار. ئىسپاتلاندىكى، بېسىم ئىشلىتىش ياخشى چارە، شۇنداق بېسىمدىن دېموكراتىك جۇڭگو كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.