خىتاي دۆلەت بايرىقى چەتئەلدە ئىككىنچى قېتىم يىقىتىلدى


2008.03.12

بۈگۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تىبەتلىكلەر تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 59 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرى ئېلىش باردى. بۇ نامايىشلار ئىچىدە كانادانىڭ ئونتارىئو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگىنى ئەڭ داغدۇغىلىق بولدى. بۇ كۈنى نامايىشچىلار، خىتاي ئەلچىخانا بىناسىنىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپ، خىتاينىڭ بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايرىقىنى يىقىتتى، ئورنىغا تىبەت بايرىقىنى تىكلىدى.

خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنى يىقىتىش مۇشۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى قېتىم يۈز بەردى. تۇنجى قېتىمقىسى، بۇندىن 11 يىل بۇرۇن تۈركىيىدە يۈز بەرگەن. 1997 ‏ - يىلى 2‏ - ئاينىڭ 8‏ - كۈنى يەنى غۇلجا شەھىرىدە 5 ‏ - فېۋرال ۋەقەسى يۈز بېرىپ 3 كۈندىن كېيىن، تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن، نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلاردىن 2 نەپەر ياش كونسۇلخانا قوروسىدىكى بايراق خادىسىغا يامىشىپ چىقىپ خىتاي بايرىقىنى يىقىتقان ۋە بايراققا ئوت قويغان ئىدى.

10‏ - مارت كۈنىدىكى تىبەتلىكلەرنىڭ بايراق يىقىتىش ۋەقەسى ھەققىدە، كانادادا نامايىش ئويۇشتۇرغان تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى مۇنداق مەلۇمات بېرىدۇ: "نامايىشقا 1000 يېقىن تىبەتلىك ۋە تىبەت دوستلىرى قاتناشتى. نامايىشتا، 18 ۋە 19 ياشلىق ئىككى نەپەر تىبەتلىك كانادا پۇقراسى ئەلچىخانا بىناسىنىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپ، خىتاي بايرىقىنى يىقىتتى، ئورنىغا تىبەت بايرىقىنى تىكلىدى. ۋەقەدىن كېيىن، ئەلچىخانا مۇھاپىزەتچىلىرى ۋە كانادا ساقچىسى بۇ ئىككى ياشنى ساقچىغا ئېلىپ بېرىپ 5 سائەت سوراق قىلدى. ئۇلار ئالدىمىزدىكى ئايلاردا سوتقا تارتىلىدۇ. بىز بۇلار ئۈچۈن ھازىر ئادۋوكات تەكلىپ قىلدۇق."

ئادەتتە، خەلقارا قانۇن بۇيىچە، ئەلچىخانىلار قورۇسى، شۇ ئەلچىخانا تەۋە بولغان دۆلەتنىڭ زېمىنى ھېسابلىنىدۇ. ئەلچىخانا قورۇسىغا رۇخسەتسىز كىرىش، بولۇپمۇ بايرىقىنى يىقىتىش شۇ دۆلەتكە قىلىنغان ھۇجۇم ياكى ھاقارەت ھېسابلىنىدۇ.كانادادىكى نامايشنى ئويۇشتۇرغان تەشكىلات باشلىقى ترىزېرى خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "كانادا دېموكراتىك بىر دۆلەت، بۇ ئىككى ياشنىڭ ياش ۋە ھېسسىيات جەھەتتىكى ئالاھىدە ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتۇپ كانادا قانۇنىنىڭ ئېغىر جازا بەرمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز."

كانادادا خىتاي بايرىقىنى يىقىتقان ئىككى تىبەتلىك ياشتىن بىرى تېنزىڭ دەلەك، يەنە بىرى ناۋاڭ داپكا بولۇپ، ناۋاڭ داپكا ۋەقە ھەققىدىكى تەسىراتىنى سۆزلەپ ئۆتىدۇ.

ئىستانبۇلدىكى خىتاي بايرىقىنى يىقىتقان ئۇيغۇرلاردىن بىرى بەش قېتىم سوتقا تارتىلغان ۋە ئاخىرقى سوتتا 5 يىل سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق جازاسى بېرىلگەن. ئەنە ئەشۇ جازاغا ئۇچرىغان ياش، تەبەت يۈجەتۈرك، شۇ قېتىمقى كەچۈرمىشلىرى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىدۇ.

مۇھاجىرەتتىكى تىبەت ھەرىكىتى بىلەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى، يېقىنقى يىللاردىن بېرى تەڭ قەدەمدە ئىلگىرىلىمەكتە. بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارا كۈن تەرتىپكە كېلىش نىسبىتى، 11 ‏ - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، بولۇپمۇ، رابىيە قادىر خانىم رەھبەرلىك ئورنىغا ئۆتكەندىن كېيىن، تىبەتلىكلەرنىڭكىدىنمۇ ئالدىدا كېتىۋاتماقتا. (شۆھرەت ھوشۇر)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.