خىتاي ماللىرى سۈرىيە بازارلىرىغا بېسىپ كىرىپ يەرلىك ماللارنىڭ بازىرىنى كاسات قىلماقتا


2008.02.14

خىتاي ماللىرى ئەرەب مەملىكەتلىرىگىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيا بازارلىرىغا بېسىپ كىرىپ، يەرلىك ھۈنەرۋەنلەرنىڭ ۋە فابرىكاتورلارنىڭ بازارلىرىنى كاسات قىلغانلىقى سەۋەبلىك، ئۇلارنىڭ نارازىلىقى كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بارماقتا ئىكەن.

" خىتاي بازار" لىرى تۈركۈملەپ ئېچىلغان

لوندوندا نەشىر قىلىنىدىغان " ئوتتۇرا شەرق" گېزىتىنىڭ 2008- يىلى 12- فېۋرال سانىدا، سۈرىيىلىك يازغۇچى ئىبراھىم مۇسانىڭ بىر ماقالىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مۇنداق دەپ يېزىلغان:" خىتايدىن كېلىدىغان باھاسى ئەرزان، ئەمما سۈپىتى ناچار ماللار سۈرىيە بازارلىرىغا خۇددى كەلكۈندەك بېسىپ كىرىپ، ھەر تەرەپكە يامراپ بارماقتا. سۈرىيىنىڭ بىرلا دەمەشىق شەھىرىنىڭ ھەر قايسى كوچىلىرىدا" خىتاي بازىرى"دېگەن نام بىلەن نۇرغۇنلىغان بازارلار ئېچىلغان بولۇپ، بۇ بازارلار شەھەرنىڭ كونا مەھەللىلىرىگىچە بېرىپ يەتكەن. يەرلىك سانائەت ۋە قول ھۈنەر ئىگىلىرىنىڭ بازىرى ئىنتايىن زور كاساتلىققا يول تۇتقان. ھەتتا بەزى ھۈنەرۋەنلەر ئىش ئورۇنلىرىنى تاقاپ قويۇپ ئىشسىزلىقتىن ئۆيلىرىدە ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولسا، خېلى مەشھۇر فابرىكىلار مۇنقەرىزلىككە يۈز تۇتۇپ تاقىلىپ قالغان. مەسىلەن: مۇندىن بىر قانچە ئاي ئىلگىرى دەمەشىق شەھىرىدىكى بىر توقۇمىچىلىق فابرىكىسىنىڭ خوجايىنى ئادىل ئىسىملىك بىر تونۇشۇم كەلكۈندەك بېسىپ كېلىۋاتقان خىتاي ماللىرى سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ فابرىكىسىنى تاقاپ قويۇپ، ئىشچىلارنى تارقىتىۋېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. چۈنكى خىتايدىن كېلىدىغان سۈپىتى ناچار ماللار سۈرىيىدە ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان چىداملىق ھەم جىڭ مالنىڭ باھاسىدىن ئۈچ ياكى تۆت ھەسسە ئەرزان بولغانلىقتىن خەلق ئەرزانغا قىزىقىش نەتىجىسىدە، ئۆز ۋەتىنىدە ئىشلەنگەن سۈپەتلىك ماللارنى قويۇپ، بۇ ئەرزان ماللارغا يۈزلىنىپ كەتكەن."

خىتايلار ھەممە نەرسىنىڭ ساختىسىنى ياسايدۇ

2008- يىلى 13- فېۋرال كۈنى سۈرىيىنىڭ " شام" تېلېۋىزىيىسىدە سۆزلىگەن بىر نەپەر سۈرىيىلىك ئىش ئادىمى مۇنداق دېدى: " خىتاينىڭ سۈرىيىگە چىقىرىدىغان مال كۆلىمى ھەر قايسى جايلارغا چىقىرىدىغان مال كۆلىمىگە نىسبەتەن 90- يىللاردا يۈزدە بەش پىرسەنتنى تەشكىل قىلغان بولسا، 2006- يىلغا كەلگەندە يىگىرمە پىرسەنتتىن ئېشىپ كەتكەن. خىتايلار ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىدە ئىشلەنگەن ھەر قانداق ياخشى نەرسىنىڭ ساختىسىنى كېچىكمەستىن ياساپ چىقىدۇ ۋە ئۇلارنى ئىنتايىن ئەرزان باھادا بازارغا سالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خەلق ئەرزانلىقىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا بۇ ماللارغا قىزىقىدۇ. نەتىجىدە، يەرلىك ماللارنىڭ بازىرى كاساتلىققا يۈز تۇتىدۇ. بۇنداق ئەرزان ۋە ساختا ماللارنى ئالغانلارمۇ ئاخىرى بەرگەن پۇلىغا رازى بولماي قالىدۇ."

خىتاينىڭ سۈرىيىگە بىر يىل ئىچىدە چىقارغان مال كۆلىمى بىر مىليارت 800 مىليون دوللارغا يەتكەن

سۈرىيىدە چىقىدىغان "پۇل ۋە بازار ئۇچۇرى" ھەپتىلىك ژورنىلىنىڭ 2008- يىلى 7- فېۋرال سانىدا مۇنداق دەپ يېزىلغان:" خىتايلىق بىر دىپلوماتىيە خادىمى خىتاي بىلەن سۈرىيە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا كۆلىمىنى بايان قىلىپ، 2007- يىلى خىتاينىڭ سۈرىيىگە چىقارغان ئومۇمى مال كۆلىمى بىر مىليارت 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، ئەمما سۈرىيىنىڭ خىتايغا چىقارغان مال كۆلىمى ئاران 100 مىليون دوللارلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان." ( ئۆمەرجان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.