خىتاي ب د ت كىشىلىك ھوقۇقى كېڭىشىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى
2006.05.11
ب د ت ئومۇمى قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ يىل 3 - ئايدىكى قارارى بويىچە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنى بىكار قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا كىشىلىك ھوقۇقى كېڭىشىنى قۇرۇش قارار قىلىنغاندىن كېيىن 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ب د ت ئومۇمى قۇرۇلتىيى كىشىلىك ھوقۇقى كېڭىشىنىڭ ئەزالىرىنى سايلاپ چىقتى.
كىشىلىك ھوقۇقى كېڭىشىگە ئەزا 47 دۆلەت ئىچىدە كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسى تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان خىتاي، پاكىستان، كۇبا قاتارلىق دۆلەتلەر سايلامدا مەزكۇر كېڭەشكە ئەزا بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بولدى. لېكىن خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇقى كېڭىشىگە ئەزا بولۇپ سايلانغانلىقى بەزى كىشىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرسە، بەزى تەشكىلاتلار بۇنى بىر "پۇرسەت،" دەپ قارىماقتا.
خىتاينىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى 5 - ئاينىڭ 2 - كۈنى جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇقى كېڭىشىگە نامزات بولىدىغانلىقىنى جاكالىغاندا، "جوڭگو تەرەققى قىلىۋاتقان نوپۇسى كۆپ دۆلەت. جوڭگو كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە قىلىشقا تېگىشلىك يەنە نۇرغۇن ئىشلار بار،" دەپ تەكىتلىگەن ئىدى. خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقى كېڭىشىگە نامزات بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندا ئېلان قىلغان سايلام خىتاپنامىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان ۋەدىسى، خىتاينىڭ ئىقتىساد ئىسلاھات مۇۋەپپىقىيىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە چىقارغان قانۇنلىرىنى تەكىتلەشنى ئاساس قىلغان.
خىتاي دېموكراتلىرى: خىتاي ھۆكۈمىتىگە بىر سىناق
خىتايدىكى دېموكراتىك گۇرۇھلار ۋە ئۆكتىچى زاتلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، جوڭگو ھۆكۈمىتى "كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلار بار،" دەپ تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن سۆز ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكى، سىياسى ۋە ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىش، سىياسى، دىنىي ئۆكتىچىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىشنى توختۇتۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە كونكىرىت ۋەدە بەرمىگەن.
جوڭگو كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دىنىي ئەركىنلىك ساھەسىدە ئىلگىرلەشكە ئېرىشمەي تۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن نورمال مۇناسىۋەت قىلىش مۈمكىنچىلىكى مەڭگۈ مەۋجۇت ئەمەس." خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇقى كېڭىشىگە ئەزا بولۇپ سايلانغانلىقى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى "ھەيران" قالدۇردى.
بېيجىڭدىكى تەرەپسىز ئوبزورچى ليۇ شاۋبو ئەپەندى، "ئەمدى جوڭگو ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ سۆز -ھەرىكىتى بىر - بىرىگە ئۇيغۇن كېلەمدۇ - كەلەلمەمدۇ، بۇنىڭغا قاراش كېرەك. ھازىر خەلق قۇرۇلتىيى سىياسى ھوقۇق ئەھدىنامىسىنى تەستىقلامدۇ - تەستىقلىمامدۇ، دېگەن مەسىلە، جوڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ سۆز - ھەرىكىتى بىردەكلىككە ئىگە - ئىگە ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدىغان سىناقتۇر،" دەيدۇ.
ليۇ شاۋبونىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسى ھوقۇقى ئەھدىنامىسىغا ئىمزا قويغىلى 10 يىل بولاي، دەپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن خەلق قۇرۇلتىيى مەزكۇر ئەھدىنامىنى ھازىرغىچە تەستىقلىمىغان. ليۇ شاۋبۇ، "بۇ ئەھدىنامىنى تەستىقلاش ياكى كەينىگە سۈرۈش جوڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ سەمىمىيىتىنى سىنايدىغان پۇرسەت،" دەپ قارىماقتا.
رىقابەت ۋە پۇرسەت
خىتايدا تارقىتىلىدىغان "پۇقرالار ھوقۇقىنى قوغداش" تور پونكىتىنىڭ مەسئۇلى لى جيەن، خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتايدا ئاشكارە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىنى قانۇنلاشتۇرۇش كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، "جوڭگو كىشىلىك ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرىنىڭ جوڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى خىزمىتى قانۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن،" دەيدۇ.
بۇنىڭ سەل ئالدىدا مەركىزى نيۇ يوركتىكى جوڭگو كىشىلىك ھوقۇقى جەمئىيىتى، خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇقى كېڭىشىگە ئەزا بولۇپ سايلانغانلىقىنى "رىقابەت ۋە پۇرسەت،" دەپ ئاتىغان. جوڭگو كىشىلىك ھوقۇقى جەمئىيىتى، "جوڭگونىڭ قۇرۇق شۇئارنى تاشلاپ كىشىلىك ھوقۇقنى ھەقىقى تۈردە قوغداش ۋە ھۆرمەت قىلىش ۋاقتى كەلگەنلىكى"، ۋە " ئىلگىرىكى كىشىلىك ھوقۇقى كومىتېتىدا يۈز بەرگەن سىياسى ئويۇنلارنىڭ قايتىلانماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىمىز،" دەيدۇ.
ئامېرىكا: كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ناچار دۆلەتلەرنىڭ ئەزا بولۇپ كىرىۋېلىشىنى توسالمىدۇق
بۇ قېتىمقى سايلامدا نامزات دۆلەت، كىشىلىك ھوقۇقى كېڭىشىگە ئەزا بولۇش ئۈچۈن 96 دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى كېرەك بولسىمۇ، لېكىن خىتاي 143 دۆلەتنىڭ قوللاپ بىلەت تاشلىشى بىلەن مەزكۇر كېڭەشنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى. ئامېرىكا، مەزكۇر كېڭەشكە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى ئۆلچەملىرىنى بۇزۇۋاتقان دۆلەتلەر ئەزا بولۇپ كىرىۋېلىشنى توسايدىغان چارە - تەدبىر ئېلىنمىغانلىقىغا نارازى بولۇپ، ئۆزىنى نامزات قىلىپ كۆرسەتمىگەن.
ئەمدى جوڭگو ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ سۆز -ھەرىكىتى بىر - بىرىگە ئۇيغۇن كېلەمدۇ - كەلەلمەمدۇ، بۇنىڭغا قاراش كېرەك. ھازىر خەلق قۇرۇلتىيى سىياسى ھوقۇق ئەھدىنامىسىنى تەستىقلامدۇ - تەستىقلىمامدۇ، دېگەن مەسىلە، جوڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ سۆز - ھەرىكىتى بىردەكلىككە ئىگە - ئىگە ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدىغان سىناقتۇر،
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ 2005 -يىلدىكى كىشىلىك ھوقۇقى دوكلاتىدا، جوڭگو "كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسى ناچار ۋە ھۆكۈمەت كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان دۆلەت،" دەپ خاتىرلەنگەن ئىدى.
ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى روبېرت زولىئېيكنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسى ئىزچىل تۈردە ناچار بولۇپ كەلمەكتە. زولېيك بۇ سۆزلەرنى چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بىر ئىسپات بېرىش يىغىنىدا، جۇڭگودا مەتبۇئات ئەركىنلىكى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ رولىنى تىلغا ئالغاندا تەكىتلىگەن. روبېرت زولېيك، "ئەركىن جوڭگو ساغلام جوڭگو دىمەكلىكتۇر. ئەركىن مەتبۇئات مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى تۇرغۇزۇش ۋە خىتايدا ئومۇملاشقان خىيانەتچىلىك مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ياردەمچى بولىدۇ. مۇستەقىل ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ئەمگەكچىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ۋە ئىختىلاپلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا تېخىمۇ ياخشى رول ئوينايدۇ،" دەيدۇ. زولېيك، خىتايدا پۇقرالار يەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا ئەركىن قاتنىشالىسا، مەسىلىنى زوراۋانلىققا تايىنىپ ھەل قىلىش مۇمكىنچىلىكى ئازىيىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جوڭگو كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسى ياخشىلانمىسا، ئامېرىكا بىلەن نورمال مۇناسىۋىتى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتا ئەزاسى تام لانتوسنىڭ ئەسكەرتىشىچە، "جوڭگو كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دىنىي ئەركىنلىك ساھەسىدە ئىلگىرلەشكە ئېرىشمەي تۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن نورمال مۇناسىۋەت قىلىش مۈمكىنچىلىكى مەڭگۈ مەۋجۇت ئەمەس." خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇقى كېڭىشىگە ئەزا بولۇپ سايلانغانلىقى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى "ھەيران" قالدۇردى.
مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيتوفنىڭ ئەسكەرتىشىچە، كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسى نازارەت قىلىنىشقا تېگىشلىك بىر دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى كېڭىشىگە ئەزا بولۇپ سايلانغانلىقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىكەن.
لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇقنى ئومۇمى يۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ، كىشىلىك ھوقۇقى كېڭىشىنىڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەن كۈنى "جوڭگو ئاساسى قانۇندىكى دۆلەت كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە ئۇنى قوغدايدۇ،" دېگەن پرىنسىپ بويىچە كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنى ئومۇمى يۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ،" دەيدۇ. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى تېخىمۇ جىددىيلەشمەكتە
- خىتاي، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى بىلەن قانۇن ئىسلاھاتى كېلىشىمى ئىمزالىدى
- ب د ت خىتاينى قۇش زۇكام ۋىرۇسى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ب د ت نىڭ ئىنسان ھەقلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى (2)
- ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى "2004 - يىللىق دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش دوكلاتى" نى ئېلان قىلدى
- ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىس سمىس ئامېرىكىنىڭ خىتاينى ئەيىبلەيدىغان لايىھە سۇنۇشىنى تەلەپ قىلدى