ب د ت 2009 ‏- يىلى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەكشۈرىدۇ


2007.11.15

UN-HomeScreenShot-200.jpg
ب د ت نىڭ سېمىۋولى. ب د ت تور بېتىدىن ئېلىندى. source: UN home page

بۇ يىل ئىيۇندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئەزا دۆلەتلەرنى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىشنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلايدىغان بىر قاتار بەلگىلىمىلەرنى تۇرغۇزغان بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىمۇ مەزكۇر بەلگىلىمىلەرگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. مەزكۇر بەلگىلىمىدە بېكىتىلگەن تۈزۈملەر بۇيىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئىچىدە قۇرۇلغان "ئومۇميۈزلۈك قەرەللىك باھالاش" خىزمەت گۇرۇپپىسى 2008- يىلىدىن 2011 ‏- يىلىغىچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا 192 دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ چىقىدىكەن.

تىبەت ھەرىكىتىنى قوللىغۇچىلار گۇرۇپپىسىنىڭ 12- نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئۆزىنىڭ بۇ يىل سىېنتەبىردىكى 6- نۆۋەتلىك يىغىنىدا، 2009- يىلىنىڭ باشلىرىدا، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ چىقىشنى بېكىتكەن.

خىككس خانىم: " كونا سىستېمىدا، تەكشۈرۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش قەستىدە بولغان كۈچلۈك دۆلەتلەر ئامال قىلىپ قۇتۇلۇپ قالاتتى"

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنى كىشىلىك ھوقۇقنى يەرشارى خاراكتېرلىك تەرغىب قىلىش بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى پەگگي خىككس خانىمنىڭ كۆرسىتىشىچە، "ئومۇميۈزلۈك قەرەللىك باھالاش" تۈزۈلمىسى بۇيىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى، بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى قەرەللىك ھالدا تەكشۈرۈپ تۇرىدىغان بولۇپ بۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، ھەممە دۆلەتلەرگە ئوخشاش ئۆلچەم قويىدىكەن ۋە تەڭ مۇئامىلە قىلىدىكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى بۇ نۆۋەت تونۇشتۇرغان سىستېمىدا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى بىردەك تەكشۈرۈلىدىغان بولۇپ، بۇرۇنقىدەك تەكشۈرۈلۈشىنى خالىمايدىغان كۈچلۈك دۆلەتلەر ئامال قىلىپ قۇتۇلۇپ قالىدىغان ئەھۋاللاردىن ساقلانغىلى بولىدىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: "كونا سىستېمىدا، تەكشۈرۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش قەستىدە بولغان كۈچلۈك دۆلەتلەر ئامال قىلىپ قۇتۇلۇپ قالاتتى، بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتايمۇ بار ئىدى. رۇسىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكىغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئائىت قارار ماقۇللاش بەك تەسكە توختاپ كەلگەن. بۇ سىستېمىدا بولسا ھەر بىر ئەزا دۆلەت ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرۈلىدۇ. "

ئۇ يەنە، كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى جەھەتتە ھەر قانداق بىر دۆلەتتە ئىلگىرى سۈرۈلمىسە بولمايدىغان يەرلەرنىڭ بارلىقىنى، شۇڭا مۇشۇ خىلدىكى مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بېكىتكەن بۇ يېڭى تۈزۈلمە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى پروگراممىسى ئىشلەۋاتقان ئالىم سىيتوفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلگىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە خىتاينى ھىمايە قىلىدىغان دىكتاتور دۆلەتلەرمۇ كۆپ بولغانلىقتىن خىتايدا ئىزچىل دەپسەندە قىلىنىپ كېلىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلمىغانلىقىنى، ئەمما بۇ يېڭى سىستېمىدىن خىتاينىڭ ئۆزىنى چوقۇم قاچۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىككس خانىم ": بۇ سىستېما خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆزىتىپ تۇرۇشتا ئىجابىي رول ئوينايدۇ"

بۇ قېتىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى تونۇشتۇرغان مەزكۇر يېڭى تۈزۈلمىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە قانداق ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى خىككس خانىم، مەزكۇر سىستېمىنىڭ تۇنجى قېتىم يولغا قويۇلغانلىقىنى، تېخىچە باشقا دۆلەتلەرنى تەكشۈرۈشكە باشلىمىغانلىقىنى شۇڭلاشقا نەتىجىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە بىر نەرسە دېمەكنىڭ تەس ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ سىستېمىنىڭ يەنىلا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆزىتىپ تۇرۇشتا ئىجابىي رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى:" ئەگەر يۈز بېرىشكە تېگىشلىك ئىشلارنىڭ بەزى تەرەپلىرىدە ئۆزگىرىش بولۇپ قالسا، بىزگە ئوخشاش تەشكىلاتلارنىڭ ئەڭ ئۈمىد قىلىدىغىنى، خىتايدىكى ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ تۇرىدىغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈپ تۇرىدىغان كونكرېتنى كۆزىتىش مېخانىزمى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ باھالىشىدا تەلەپ قىلىنغان تەرەپلەردە خىتاي كۆرسەتكەن ئەمەللەر ھەققىدە دوكلات بېرىپ تۇرۇش مېخانىزىمىنىڭ شەكىللىنىشى."

ئالىم سېيىتوفنىڭ كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر تەكشۈرۈش سىستېمىسى ئېلىپ كېلىدىغان بىر ئىجابىي تەرەپ بولسا، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدەك خەلقئارالىق سورۇندا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بولۇپ، بۇنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا ئوخشاش بىر قاتار رەزىل قىلمىشلارنىڭ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىشى مۇمكىن ئىكەن.

2009 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىككى خىل تەكشۈرۈشىگە دۇچ كېلىدۇ

تىبەت ھەرىكىتىنى قوللىغۇچىلار گۇرۇپپىسى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ "ئومۇميۈزلۈك قەرەللىك باھالاش" خىزمەت گۇرۇپپىسى 2009- يىلنىڭ بېشىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ چىققاندىن باشقا يەنە،، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشتىن بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەن جازاسى ۋە قىيناشقا قارشى تۇرۇش كومىتېتى، مەزكۇر كۆزەتچى كومىتېتقا سۇنغان دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ قىيناش، تەن جازاسى بېرىش، باشقا ۋەھشىي ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جازالاش ۋاسىتىلىرىگە قارشى ماقۇللانغان جەنۋە كېلىشىمنامىسىنىڭ روھىغا قانچىلىك دەرىجىدە رىئايە قىلغانلىقى ھەققىدە خىتاي ئۈستىدە تەييارلانغان 4 - قېتىملىق دوكلاتىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.