ھىندىستان گېزىتى خىتاينى ئوساما بىن لادېننىڭ خوجايىنى، دەپ ئاتىدى


2006.09.28

ئوساما بىن لادېننىڭ كېزىك كېسىلىدە ئۆلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر ھازىرغىچە ئىسپاتلانمىدى. لېكىن ژورنالىست راجىندېر پۇرى ھىندىستان "دۆلەت ئەرباپى" گېزىتىدىكى ماقالىسىدا "ئەگەر ئوساما بىن لادېن ئۆلسە، بۇنىڭدىن پاكىستان خەۋەر تاپقان بولار ئىدى،" دەيدۇ.

پاكىستان بولسا ئەل - قائىدە رەھبىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى رەت قىلماقتا. ئاپتور، ماقالىسىدا خىتاينىڭ تالىبانلار ۋە ئەل - قائىدە بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىنى ۋە ھىندىستانغا قارشى ھەرىكەتلەرنى قوللىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاينى "ئوسامانىڭ قۇدرەتلىك خوجايىنى،" دەپ ئاتىغان راجىندېر، بىن لادېن ئۆلسە ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي ئاسىياغا قاراتقان دىققىتى ئاجىزلىشىپ، پاكىستاننىڭ دىققىتى كەشمىرگە بۇرۇلىدۇ، خىتاي رايوندا تېخىمۇ ئاكتىپ ھالەتكە ئۆتۈشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي بىلەن بىن لادىن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئۇزۇن تارىخى بار

راجىندېرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي 1999 - يىلى يۈز بەرگەن ھىندىستان ھاۋا يوللىرىنىڭ يولۇچىلار ئايرۇپىلانى گۆرەگە ئېلىنىش ۋەقەسىدىن ئالدىنئالا خەۋەر تاپقان. 1999 - يىلى بىر گۇرۇپپا كىشى نېپالدىن قوزغالغان ھىندىستان ھاۋا يوللىرىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايرۇپىلانىنى گۆرۈگە ئېلىپ، تالىبان ھاكىمىيىتىنىڭ مەركىزى قەندىھارغا قوندۇرغان ئىدى. ئەينى چاغدا گۆرۈگە ئالغۇچىلار يولۇچىلارنى ھىندىستان تۈرمىسىدە ياتقان كەشمىردىكى Jaish-e-Mohammed تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى مەسئۇد ئەزھەر بىلەن ئالماشتۇردى. راجىندېر ، ھىندىستان يولۇچىلار ئايرۇپىلانىنى گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسىدىن بىن لادېن بىلەن خىتاينىڭ خەۋىرى بارلىقىنى ۋە بۇ ۋەقەنى بىن لادېننىڭ پىلانلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ، "ئايرۇپىلان گۆرۈگە ئېلىنغاندىن كېيىن ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جاسۋانت سىڭ بۇ خەۋەرنى تۇنجى بولۇپ ئاڭلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا بۇ ئۇچۇرنى خىتاي تەرەپ ئۇقتۇرغان.

راجىندېرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي تەرەپ بۇ خەۋەرنى گۆرۈگە ئېلىنغان ھىندىستان ئايرۇپىلانىدىكى بىر خىتاي يولۇچىنىڭ قولىدىكى يان كومپيۇتېردا يوللىغان ئۇچۇرىدىن خەۋەر تاپقان ئىكەن. لېكىن خىتاي تەرەپنىڭ بۇ ئىزاھاتىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن راجىندېر، تېررورچىلار گۆرۈگە ئېلىنغان ئايروپىلاندىكى بىر يولۇچىنىڭ كومپيۇتېر ئىشلىتىشىگە يول قويغانلىقىنى ئىشەنچلىك، دەپ قاراشقا بولامدۇ ؟"دەيدۇ.

راجىندېر، خىتاي بىلەن ئوساما بىن لادېن ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئۇزۇن تارىخى بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا 1985 - يىلى سوۋېتلەرنى ئافغانىستاندىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن مۇجاھىدلارنى تەشكىللىگەندە ئوساما بىن لادېن ئۇلارنىڭ سېپىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، خىتاينىڭ 300 كىشىلىك ھەربىي ئوفىتسىرى مۇجاھىدلارنى تەربىيىلىگەن. شۇ يىللاردا ئامېرىكا بىلەن خىتاي سوۋېتكە قارشى ئىتتىپاقلاشقان ئىدى.

راجىندېر، ئەينى چاغدا "خىتاي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ مۇجاھىدلار سېپىگە قوشۇلۇشىغا يول قويغان،" دەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، سوۋېتلەر چېكىنگەندىن كېيىن ئامېرىكا ئافغانىستاننى تەرىك ئەتتى ۋە بۇ ۋەزىيەت ئەل-قائىدىنىڭ تالىبانلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئامېرىكا قارشى تۇرۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن. ئۇ، خىتاينىڭ بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئەل - قائىدە ۋە تالىبانلار بىلەن مۇناسۋىتىنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي ئەل - قائىدە بىلەن بىرگە پاكىستانغا ياردەم قىلغان

1998 - يىلى ئامېرىكا ئوساما بىن لادېننىڭ ئافغانىستاندىكى بازىلىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقان بولۇپ، تالىبانلار پارتلىماي قالغان 2 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرگەن ۋە 1999- يىلى يۈز بەرگەن ھىندى - پاكىستان كارگىل ئۇرۇشىدا خىتاي ئەل - قائىدە بىلەن بىرگە پاكىستانغا ياردەم قىلغان. راجىندېر، ئەينى چاغدا 7 نەپەر خىتاي ھەربىي ئوفىتسىرىنىڭ پاكىستان كونتروللىقىدىكى ئازات كەشمىرنىڭ شاردۇ رايونىدا پاكىستان ئارمىيىسىگە ھەربىي لاۋازىمەتلەر توشۇش خىزمىتىنى نازارەت قىلغانلىقىنى ۋە كەشمىر چىگرىسىغا قوشۇن يۆتكەپ، ھىندىستان ئارمىيىسىنىڭ دىققىتىنى تارتماقچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

راجىندېرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي 2001- يىلى 1 - ئايدا ب د ت نىڭ تالىبانلارغا ئىمبارگو قويۇش قارارىنى رەت قىغان. ئۇ، " گەرچە ئۇيغۇرلار شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ چېچېنىيە ۋەزىيىتى بىلەن ئوخشاشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، بىن لادېن ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە ھىندىستاننى ئىسلامنىڭ 3 چوڭ دۈشمىنى، دەپ ئېلان قىلىپ،خىتاينىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالمىدى. لېكىن خىتاي، ئەل-قائىدە ۋە تالىبانلارنىڭ ھەقىقى مۇناسۋىتى 11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدە ئوتتۇرىغا چىقتى،" دەيدۇ.

خىتاي بىلەن بىن لادىن ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىم

راجىندېر، خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش ۋاقتى بىلەن11 - سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ ئوخشاش بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ئەسلى 2001 يىلى 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش كېلىشىمى ئىمزالىماقچى بولغان. لېكىن كېلىشىمدىن 6 كۈن بۇرۇن دۇنيا سودا مەركىزى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. بۇنىڭ سەل ئالدىدا خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى تالىبانلار بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغان ۋە خىتاي ئافغانىستاننىڭ تېلېفون ئالاقە سىستېمىسىنى ياساپ بېرىشكە قوشۇلغان. بۇنىڭ بەدىلىگە ئوساما بىن لادېن ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭدا ئىسيان چىقىرىشىنى توسىماقچى بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن راجىندېر، "بۇنىڭ ئوخشاش مەزگىلگە توغرا كېلىشى بىر تاسادىپىلىقمىدۇ ؟ ياكى بۇنىڭدا خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا قاتنىشىشىغا قارشى تۇرۇدىغان كۈچلىرىنىڭ قولى بارمىدى،" دەيدۇ.

راجىندېرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، "خىتاي باش مىنىستىرى لى پېڭ خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشىگە قەتئى قارشى تۇرغۇچى كىشىلەرنىڭ بىرى" ئىكەن. ئۇ، لى پېڭنىڭ "خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولسا، خەلقئارا ئورگانلار تەرىپىدىن نازارەت قىلىنىش ۋە خەلقئارا ئەھدىنامىلارنى ئىجرا قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ،" دەپ قارايدىغانلىقىنى يازدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.