خىتاينىڭ چاغان بايرىمى مەزگىلىدە تىبەت مەسىلىسى خەلقئارا سەھنىگە چىقتى

خىتاينىڭ چاغان بايرىمى مەزگىلىدە تىبەت مەسىلىسى سەھنىگە چىقتى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بىلەن دالاي لامانىڭ پەيشەنبە كۈنى ئاقسارايدا ئېلىپ بارىدىغان سۆھبىتى خىتايغا بېرىدىغان كۈچلۈك سىگنال ‏- ھازىر تېبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان ۋاقىت بولۇپ قالدى دېگەننى ئىپادىلەمدۇ؟ بۇنىڭدىن بۇرۇن ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما ئەگەر دالاي لاما بىلەن كۆرۈشسە، خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بۇزۇلىدۇ، دەپ جاكارلىغان خىتاي، قانداق قىلىپ ئەمدى يۇمشاپ قېلىپ، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ نىمىتس بەلگىلىك ئاۋىئاماتكىسىنىڭ خىتاينىڭ چاغان بايرىمىدا خوڭكوڭ پورتىدا توختىشىغا يېشىل چىراق يېقىپ بەردى؟
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010-02-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
دالاي لامانىڭ يېقىنقى سۈرىتى.
دالاي لامانىڭ يېقىنقى سۈرىتى.
AFP Photo

خىتاينىڭ چاغان بايرىمى مەزگىلىدە تىبەت مەسىلىسى خەلقئارا سەھنىگە چىقتى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ دارامسالادىن بايان قىلىشىچە، بۈگۈن ھىندىستاننىڭ تاغ شەھىرى درامسالادىن يېڭى دېھلىگە قاراپ يولغا چىققان تىبەتنىڭ مۇھاجىرەتتىكى رەھبىرى دالاي لاما، پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بىلەن ئاقسارايدا ئۆتكۈزىدىغان سۆھبەتتىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئەرتە (چارشەنبە كۈنى) دېھلىدىن ۋاشىنگىتونغا كېلىدۇ.

ئوباما بىلەن دالاي لامانىڭ سۆھبىتى خىتايغا ھازىر تېبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان ۋاقىت بولۇپ قالدى، دەپ كۈچلۈك سىگنال بېرىدۇ

دالاي لامانىڭ باياناتچىسى تېنزېن تاكلانىڭ بۈگۈن فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بىلەن دالاي لامانىڭ ئاقسارايدىكى سۆھبىتى خىتايغا بېرىدىغان كۈچلۈك سىگنال ‏- ھازىر تېبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان ۋاقىت بولۇپ قالدى، دېگەننى ئىپادىلەيدۇ، دەپ چۈشەندۈردى.

سىچۇەن گەنزى تىبەت ئاپتونوم ئوبلاستتىدىكى 8 ناھىيىنىڭ ھەممىسىدە تىبەتلەر خىتاينىڭ زۇلۇمىغا قارشى ھەرخىل نامايىش ئۆتكۈزدى

رادىئومىزنىڭ تېلېفون ئارقىلىق ئىگىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ چاغان بايرىمىدا، گەرچە سىچۇەن ئۆلكىسىدىكى گەنزى تىبەت ئاپتونوم ئوبلاستىدا تىبەتلەرگە خىتايچە چاغان ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن پۇل تارقاتقان بولسىمۇ، ئەمما تىبەتلەر 8 ناھىيىنىڭ ھەممىسىدە، خىتاينىڭ تىبەتلەرگە يۈرگۈزگەن باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى ئوخشىمىغان خىلمۇ - خىل شەكىلدە نامايىش ئۆتكۈزدى ۋە دالاي لامانىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان سۆھبىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى تىلەپ دۇئا قىلىشنى بۇ يىلقى لوسار بايرىمى پائالىيىتىگە ئايلاندۇردى.  

ھىندىستان شەرقىي شىمال تەرەپتىكى چېگرىلىرىغا تاغلاردا ئۇرۇش قىلىدىغان قىسىملىرىدىن ئىككى دىۋىزىيە ئەسكەر كۆپەيتتى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئەنتونىئو، ھىندىستاننىڭ ھازىر شەرقىي شىمال تەرەپتىكى چېگرىلىرىغا تاغلاردا ئۇرۇش قىلىدىغان قىسىملىرىدىن ئىككى دىۋىزىيە ئەسكەر كۆپەيتكەنلىكى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ 'خىتاي ھازىر ھىندىستاننىڭ چېگرىسىغا ئەسكەر كۆپەيتكەنلىكىدىن ھەر خىل گۇمان قىلىپ، ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ، خىتاينىڭ تىبەت مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، بۇ پەقەت خىتاينىڭ پاكىستان، بېنگال، بېرما قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ھەربىي پورتلىرىدا بىخەتەرلىك ئەسلىھەلەرنى بىنا قىلىپ، ھىندى ئوكياندا ھىندىستاننى مۇھاسىرىگە ئېلىش تاكتىكىسى قوللىنىۋاتقانلىقىغا قارىتا قايتۇرۇلغان ئىنكاس' دەپ جاكارلىدى.

ئامېرىكىغا غەزەپلىنىپ تېرە تاراقلاتقان خىتاي نېمە ئۈچۈن ئەمدى ئامېرىكا ئاۋىئاماتكىسىنىڭ خوڭكوڭ پورتىدا توختىشىغا يېشىل چىراق ياقتى؟

يېقىندا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ما جاۋشۈ 'ئامېرىكا تەيۋەنگە قورال سېتىپ جۇڭگونى خاپا قىلدى، بىز ئەمدى ئامېرىكىنى قاتتىق جازالايمىز' دەپ تېرە تاراقلاتقاندىن كېيىن يەنە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بۆلگۈنچى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشمەكچى بولۇۋاتىدۇ، ئەگەر بۇ قېتىم جۇڭگونىڭ نارازىلىقىغا قارىماي كۆرۈشسە، خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى بۇزۇلىدۇ، دەپ جاكارلىغان ئىدى. ئەمما خوڭكوڭدا ئىنگلىزچە چىقىدىغان 'خىتاي پوچتىسى' گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھازىر توساتتىن يۇمشاپ قېلىپ، دۇنيا بۇيىچە ئەڭ چوڭ ئۇرۇشچى ئاۋىئاماتكا دەپ ھېسابلىنىدىغان ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ 'نىمىتس' بەلگىلىك ئاۋىئاماتكىسىنىڭ خىتاينىڭ چاغان بايرىمى جەريانىدا خوڭكوڭ پورتىدا توختىشىغا يېشىل چىراق يېقىپ بەردى.

خىتاينىڭ مىجەزىنى ياخشى چۈشىنىدىغان ئامېرىكىدىكى ۋايومى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەت تەتقىقاتچىسى جىن دېفاڭنىڭ قارىشىچە، 'چىچاڭلاپ كېتىش' ۋە 'قىلغان سۆزىدىن تېنىۋېلىش' خىتاينىڭ ئادەتتىكى ئىپادىلەش ئۇسۇلى.

خىتاينىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بەرگەنلىكى ھەققىدە بىلدۈرگەن ئىىپادىسى چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى، بۇ قېتىم خىتاي توساتتىن كەينىگە چېكىنىپ، ئامېرىكىغا دوستلۇق ئىپادىلەپ، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ نىمىتس بەلگىلىك ئاۋىئاماتكىسىنىڭ چاغان مەزگىلىدە خوڭكوڭ پورتىدا تۇرۇشىغا يېشىل چىراق يېقىپ، خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيلىكنى تەڭشەشكە تىرىشتى. بۇنداق شەكىللەرنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ بىر خىل ۋاقىتلىق تاكتىكىسى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت