خىتاي مىللەتلەر نەشرىياتى تەييارلىغان ئون يەتتىنچى قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئۆگىنىش ماتېرىيالىرى دېگەن خىتايچە كىتابنىڭ ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇلچە نۇسخىلىرى يېقىندا ئۈرۈمچىدە تارقىتىلىشقا باشلىغان. 'ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى' نىڭ ئاشكارىلاپ قويۇشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل كىتابلارنى 'ئاز سانلىق مىللەتلەر'گە ئون يەتتىنچى قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن نەشر قىلدۇرغان. بۇ قۇرۇلتاينىڭ 'يېڭى ئاتالغۇلىرى' نى ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىدا ئىپادىلەش قېيىن بولغاچقا، ھۆكۈمەت بۇ جەھەتتە كۆپ باش قاتۇرغان.
گەرچە بۇخىل ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق تىللرىدىكى نۇسخىسىغا خىتايچە نۇسخىسىغا قارىغاندا قەغەز كۆپ سەرپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ باھاسىنى ئوخشاش قىلغان. نېمە ئۈچۈن كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى خەلققە، بولۇپمۇ خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قارىتا 'ئون يەتتىنچى قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئۆگىتىش' ئۈچۈن بارغانسېرى كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىدۇ؟ 'كۆزىتىش ژۇرنىلى'دا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئون يەتتىنچى قۇرۇلتېيى خەلق نەزىرىنى سالمىغان بەلكى ئاللىقاچان نەزىرىدىن چۆرۈپ تاشلىغان قۇرۇلتاي بولغانلىقى ئۈچۈن.
بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا بۇ قۇرۇلتاينى ئالقىشلايدىغان بىرەر ئاۋاز چىقمىدى
بۇنىڭدىن بىرنەچچە كۈن بۇرۇن، 'كۆزىتىش ژۇرنىلى'دا "خەلق چۆرۈپ تاشلىۋەتكەن ئون يەتتىنچى قۇرۇلتاي" دېگەن بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان ئىدى. بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى ئەركىن يازغۇچى يۈجيې ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئون يەتتىنچى قۇرۇلتېيىنى ھۆكۈمەت ئۇچۇر ۋاستىلىرى "ئۇلۇق نامايەندە' دەپ ماختىدى، ئەمەلىيەتتە خەلق بۇ قۇرۇلتايغا قىزىقىپ نەزەر سالمىدى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھەتتا خىتايدىكى سىياسىي ھاۋا رايىغا ئىنتايىن سەزگۈر بولغان بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىمۇ، بۇ قۇرۇلتاي ئېچىلغاندا، ئۇنىڭدىكى قايسى بىر تارماقتىن ئۇنى ئالقىشلايدىغان بىرەر ئاۋاز چىقمىدى.
بېيجىڭ ئاھالىلىرى بۇ قۇرۇلتاي ئېچىلىش بىلەن تەڭ مال باھاسى ئۆرلەپ كەتكەنلىكىگە نەپرەتلەندى
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، مۇخبىرلار بۇ ئۇنىۋېرسىتېتقا بېرىپ ئۇچراشقانلىكى كىشى، بۇ قۇرۇلتاينىڭ قانداق يىغىن بولغانلىقى ھەققىدە سورالغان سۇئاللارغا 'ئۇقمايمەن" دەپلا جاۋاب بەردى.
بېيجىڭ ئاھالىلىرى بولسا، ئون يەتتىنچى قۇرۇلتاي ئېچىلىش بىلەن تەڭلا بازاردا يېمەك-ئىچمەك، كۆكتات ۋە باشقا تۇرمۇشتا جىددىي كېرەكلىك ماللارنىڭ باھاسى ئۆرلەپ كەتكەنلىكىگە قارىتا غەزەپ -نەپرەت ئىپادىلىدى. ئادەتتە 'سىياسىي ھايۋاناتلار' دەپ مەسخىرە قىلىنىدىغان بەزى زىيالىيلارمۇ، بۇ قۇرۇلتايغا كەلگەندە بۇرۇنقىدەك 'ھەمدۇ-سانا' يازمىدى. يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشا چولپانلىرىمۇ جاراڭلىق مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتمىدى.
ئالدىنىشنىڭمۇ چېكى بار
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، ماۋزېدۇڭ دەۋرىدە 'كوممۇنىست پارتىيە خەلقنى بەخىتكە ئېرىشتۈرىدۇ'، 'ئازادلىق ئارمىيە ھەر قانداق ۋاقىتتا خەلقنى قوغدايدۇ' دەپ تەشۋىق قىلىنغاچقا، خەلق پارتىيە قۇرۇلتايلىرىنىڭ ئۆزى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بىلىش ئۈچۈن بولسىمۇ ئالدىرايتتى.
دېڭ شاۋپىڭ دەۋرىدە بولسا، 1989 - يىلى تيەنئەنمېن مەيدانىدا 'خىيانەتچىلەرنى جازالايلى'، 'دېموكراتىيىنى يولغا قويايلى' دەپ شۇئار توۋلىغان خەلقنى كوممۇنىست پارتىيە ۋە خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى بىۋاستە قانلىق باستۇردى. ئالدىنىشنىڭمۇ چېكى بار ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، خەلق كوممۇنىست پارتىيەنى 'ئالۋاستى' دەپ قارايدىغان بولدى. كېيىن، دېڭ شاۋپىڭغا ئىز باسار بولغان جاڭ زېمىن بولسا ئەمەلدارلارنى خىيانەتچىلىككە باشلاش، خەلققە قارىتا 'قاتتىق زەربە بېرىش' تەدبىرىنى قوللىنىپ ھاكىمىيەت تۇتتى.
خۇجىنتاۋ خىتايدا نوپۇزى ئەڭ تۆۋەن رەئىس ئىدى
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىرقى خۇ جىنتاۋ بولسا 'خىيانەتچىلەرنى جازالاش' دېگەن تەدبىرنى قوللىنىپ ھوقۇق تۇتماقچى بولدى. ئەمما ئۇ خىتايدا نوپۇزى ئەڭ تۆۋەن رەئىس ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇ كۇبا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى مۇستەبىتلەردىن ئۆگىنىش شۇئارىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلاردىن خەلقنى قانداق باستۇرۇپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنى ئۆگەنمەكچى بولدى.
خۇ جىنتاۋ قولىدىكى ھوقۇقنى قانچە كۈن ساقلاپ قالالىسا، شۇنچىلىك ساقلاپ قېلىش بىلەن شۇغۇللاندى. شۇڭلاشقا خەلق ئۇنىڭ قانداق يىغىن ئېچىشى بىلەن كارى بولمىدى. خۇ جىنتاۋنىڭ 'سايلام' دېگىنى 'دۆلەت مەخپىيەتلىكى' دەپ ئاتىلىدىغان كۆز بويامچىلىق بولغاچقا، شۇڭلاشقا خەلق ئون يەتتىنچى قۇرۇلتايدا 'سايلاندى' دەپ ئېلان قىلغان 9 كىشىنىڭ كىملىكىنى تەپسىلىي بىلىشنىمۇ خالىمىدى.
بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى 'دېموكراتىيە تېمى' دېگەن جاي تاقالدى
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، ئون يەتتىنچى قۇرۇلتايدىن كېيىن، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى 'دېموكراتىيە تېمى' دەپ ئاتىلىدىغان جايدىكى ئادەتتە ئىنگىلىزچە ئۆگىنىش، چەتئەللەرگە بېرىپ ئوقۇش، خىزمەت ئىزدەش، پەن-ئىلىم يېڭىلىقلىرى قاتارلىقلار ئېلان قىلىنىپ تۇرىدىغان ئورۇن تاقالدى. ئۇنىڭ ئورنىغا ئون يەتتىنچى قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئۆگىنىىش ھەققىدىكى تەشۋىقاتلار چاپلىنىدىغان بولدى. ھازىر بۇ جايغا بىركىم كەلمەيدۇ.
ئون يەتتىنچى قۇرۇلتاي ئېچىلىۋاتقاندا، ئون مىڭ ئادەم ئىمزا قويغان تەلەپ خەتنى تاپشۇرغىلى كەلگەن كىشى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئورنىغا ئەۋەتىلدى
رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ ئۇقىشىچە، ئون يەتتىنچى قۇرۇلتاي ئېچىلىۋاتقاندا، قانۇن تارماقلىرىدىكى قاراڭغۇلۇقنى تۈزىتىش ھەققىدە ئون مىڭ ئادەم ئىمزا قويغان تەلەپ خەتنى تاپشۇرغىلى كەلگەن ليۇ جې ئىسىملىك بىر كىشى قولغا ئېلىنغان ئىدى، ئەينى ۋاقىتتا 15 كۈن تۇتۇپ قويۇپ بېرىلىدۇ دەپ ئېلان قىلىنغان بۇ كىشى ھازىرغا قەدەر قويۇپ بېرىلمىگەن، بەلكى بۇ ئەرزدار ھازىر ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئورنىغا ئەۋەتىلگەن. بۇ كىشىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار بۇ دېلونى سۈرۈشتۈرۈپ مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئىدارىسىغا بارسا، بۇ ئىدارىمۇ ئۇلارغا بۇ ھەقتە ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىگەن.
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر خىتاينىڭ ھەر قانداق يېرىدە خەلقتىن كوممۇنىست پارتىيە ھەققىدىكى ھېسسىياتىنى سورىسا، كۆپىنچە ئادەم خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنى دۇنيادا مەۋجۇت بولمىغان بىرخىل ھايۋانات - ئەجدىھا دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئون يەتتىنچى قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئۆگىنىش ھەققىدىكى ھېسسىياتىنى سورىسا، 'بازاردا ئاقمىغان مالنى داڭلاپ ساتىدۇ' دېگەن شۇ دەپ جاۋاب بېرىدۇ. (ۋەلى)