ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تىبەت خەلقنىڭ دىنى داھىيسى دالاي لامانىڭ بۇ قېتىمقى موڭغۇلىيە زىيارىتىنى تەشكىللىگەن موڭغۇلىيىدىكى بۇددا دىنى رەھبەرلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەزىپىنى قوزغىماسلىق ئۈچۈن، دالاي لامانى قارشى ئېلىشتا داغدۇغىلىق مۇراسىملارنى ئورۇنلاشتۇرمىغان. لېكىن موڭغۇلىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مىڭلىغان بۇددا دىنى مۇخلىسلىرى دالاي لامانىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ ئۇلان باتۇرغا كېلىپ دالاي لامانى قىزغىن قارشى ئالغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لاماغا باھاسى
دالاي لامانىڭ ھەر قانداق دۆلەتنى زىيارەت قىلىشىغا ئەزەلدىن قارشلىق بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا، بۇ قېتىم يەنىلا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، دالاي لامانىڭ موڭغۇلىيىنى زىيارەت قىلىشىنى تەنقىد قىلدى.
موڭغۇللار ئەزەلدىن بۇددا دىنىغا ئېتىقات قىلىدىغان مىللەت بولغاچقا، دالاي لامانىڭ بۇ قېتىمقى موڭغۇلىيە زىيارىتى ئۇلارنى قاتتىق ھاياجانغا سالغان. ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دالاي لامانىڭ بۇ قېتىم موڭغۇلىيەنى زىيارەت قىلىشى موڭغۇلىيىدە بۇددا دىنىنىڭ كۈچىيىشى ئۈچۈن ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە. لېكىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى دالاي لامانىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ھەققىدە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ "دالاي لاما پەقەت دىنى ئەرباپ بولۇپ قالماي، ئۇ يەنە سۈرگۈندىكى سىياسىي قاچقۇن. ئۇ ئەزەلدىن بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، مىللىي ئىتتىپاقلىققا زور زىيان يەتكۈزۈۋاتىدۇ" دەپ دالاي لامانى قاتتىق ئەيىبلىگەن.
خىتاي تاشكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، موڭغۇلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمۇ مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ "دالاي لامانىڭ بۇ قېتىمقى موڭغۇلىيە زىيارىتىدە قىلچە سىياسى مەقسەت مەۋجۇت ئەمەس، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى پۈتۈنلەي دىنى خاراكتېرلىق زىيارەت" دەپ بىلدۈرگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىتا، دالاي لامانىڭ باياناتچىسى جاۋاب بېرىپ" دالاي لامانىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە سىياسىي مەقسەت مەۋجۇت ئەمەس ئۇ پەقەت بۇددا دىنىنى مەقسەت قىلغان. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى گۇماندا بولىدىكەن، موڭغۇلىيىگە ئادەم ئەۋەتىپ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ كەتسە بولىدۇ" دەپ بىلدۈرگەن.
چىن كۈيدﯤ ئەپەندى: خىتاي ھۆكۈمىتى يولسىزلىق قىلىۋاتىدۇ
ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مەسئۇلى چىن كۈيدﯤ ئەپەندى "خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لامادىن گۇمان قىلىپ، ئۇنى ئەيىبلىشى ئىنتايىن خاتا، بۇ پۈتۈنلەي يولسىزلىق قىلغانلىق " دەپ ئۆز كۆز قارىشىنى مۇنداق ئىپادىلىدى:
"مەنچە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لامانىڭ موڭغۇلىيە زىيارىتىگە بۇنداق نارازىلىق بىلدۈرۈپ كېتىشى پۈتۈنلەي يولسىزلىق ۋە ئەقىلغا سىغمايدىغان بىر ئىش. دالاي لاما خەلقئارادا ئىنتايىن زور ھۆرمەتكە ئىگە دېنى ئەرباب. ئۇ كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى داھى شۇنداقلا بۇددا دىنىنى تارقاتقۇچى. موڭغۇلىيە بىلەن تىبەت تارىختا نۇرغۇن ئىشلارنى بىللە باشتىن ئۆتكۈزگەن. بۇددا دىنىنىڭ موڭغۇلىيىدە تارقىلىش دائىرىسىمۇ ناھايىتى كەڭ. شۇڭا دالاي لامادەك بۇندا بىر ئۇلۇق دىنى رەھبرىنىڭ موڭغۇلىيە خەلقنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىشى ناھايىتى نورمال بىر ئىش. لېكىن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇنى سىياسى ئىشلارغا باغلاپ تۇرۇپ، ھەدىسى دالاي لاماغا "بۆلگۈنچى" دېگەن قالپاقنى كىيگۈزۈپ، ئۇنى يولسىز ئەيىبلىمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق قىلىشتا قىلچە ئاساسى يوق. چۈنكى دالاي لاما كۆپ قېتىم، قايتا قايتا شۇنى ئەسكەرتكەنكى ئۇ پەقەت تىبەتنىڭ ھەقىقىي ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلماقتا ئۇ ھېچقاچان تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلىپ باقمىغان. شۇڭا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لامانىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنى بۇنداق ئەيىبلەپ كېتىشى بەكلا ھەدىدىن ئېشىپ كەتكەنلىك. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خەلقئارادىكى ئابرويىنى تېخىمۇ بەك يوق قىلىدۇ"
1959 - يىلى، تېبەت خەلقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىق تۈزۈمىگە قارشى چىققان ھەرىكىتى مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، دالاي لاما 100 مىڭغا يېقىن مۇرتىنى ئېلىپ ھىندىستانغا كەتكەن. گەرچە ئۇ چەتئەلدە نۇرغۇن يىل سەرسان بولۇپ يۈرگەن بولسىمۇ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئىزچىل ھالدا ئۇنىڭ تىبەت خەلقىغە بولغان تەسىرىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنماقتا. تىبەت خەلقى تا ھازىرغا قەدەر دالاي لامانى ئۆز روھى داھىيسى دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا چەكسىز ھۆرمەت بىلدۈرۈپ كەلمەكتە. (مېھرىبان)