ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ 100 دىن ئارتۇق ئەزاسى خىتاينى سۇدان كرىزىسىدە جىددىي ھەرىكەت قىلىشقا قىستىدى

0:00 / 0:00

چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى، كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى توم لەنتوسنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن 107 كىشى بىرلىكتە ئىمزا قويۇپ، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ غا مەكتۇپ يوللاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى سۇدان ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ دارفۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان قان تۆكۈشنى توختىتىش ۋە بىگۇناھ خەلقنىڭ ھاياتىنى قوغداپ قېلىشتا جىددىي ھەرىكەت قوللىنىشقا قىستىدى.

خىتاي، شۇ رايوندىكى ئەڭ چوڭ مەنپەت ئالغۇچى

مەكتۇپتا "ئەپسۇسلىنارلىقى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى سۇدان ھۆكۈمىتىگە قورال-ياراق سېتىپ بەرگەنلىكىگە ئائىت خەۋەرلەرنى ئالدۇق. خىتاي ساتقان بۇ قوراللارنى سۇدان ھۆكۈمەت قىسىملىرى ۋە جانجاۋىد قوراللىق كۈچلىرى سۇداندىكى بىگۇناھ ئاممىنى قىرغىن قىلىشقا ئىشلەتكەن" دېيىلگەن.

خىتاي ئافرىقا خارتومىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى، سۇدان خام نېفىتلىرىدىن ئەڭ زور مەنپەت ئالغۇچى شۇنداقلا سۇداننىڭ نېفىت ۋە قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە ئەڭ چوڭ مەبلەغ سالغۇچى دۆلەت.

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى تاشىقى ئىشلار ياردەمچى مىنىستىرى نېگروپونتې: "خىتاي ئۆتكەن يىلى سۇداندىن 1.9 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى نېفىت سېتىۋالدى " دەيدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تېخى يېقىندىلا سۇدان ھۆكۈمىتىگە پرېزىدېنت سارىيىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 17 مىليون دوللار ئەتراپىدا ئۆسۈمسىز قەرز بەرگەن.

مەزكۇر مەكتۇپتا، 2008-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك خىتاينىڭ ئوبرازى ئۈچۈن بەك مۇھىم پائالىيەت ئىكەنلىكى، ئەگەر خىتاي سۇداندىكى سىياسىتىنى ئۆزگەرمىسە، 2008-يىلىدىكى ئولىمپىك خىتاينىڭ ئىناۋىتىنى تۆكىدىغان بالايى ‏- ئاپەتكە ئايلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: "ئەگەر دارفۇرنىڭ ئەھۋالىدا روشەن بىر يۈكسىلىش كۆرۈلمىسە، ھۆكۈمىتىڭىزنى دارفۇردىكى ۋەھشىيلىككە شەكسىز چاتىدىغان خۇسۇسي تەشكىلاتلار نامايىش قىلىدۇ. ناۋادا بۇ مۇسابىقىگە، نارازىلىق نامايىشلىرى بىلەن نوقسان يەتسە بۇ خىتاي ئۈچۈن بىر ئاپەت".

خىتاي 2008-يىللىق ئولىمپىكتا شەرمەندە بولىدۇ

مەكتۇپتا يەنە، بەزى تەشكىلاتلارنىڭ 2008-يىللىق خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىكنى "قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى"دەپ ئاتاپ، بايقۇت قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىمۇ ئەسكەرتىلگەن.

مەزكۇر مەكتۇپنى تەييارلاشقا قاتناشقان ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ۋە كوپ سانلىقلار لېدىرى ستېني خويېر، خىتاينىڭ دارفۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئىجابىي رول ئوينىشىنى بىلدۈرۈپ: "خىتاي ھۆكۈمىتى باشىر ھاكىمىيىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ مەزكۇر رايوندىكى زوراۋانلىقنى دەرھال توختىتىشتا چوقۇم ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك" دېدى.

مەكتۇپتا يەنە كەسكىن رەۋىشتە "خەلقئارا جامائەت ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتىدۇ، خىتاي سۇداننىڭ تىنچلىققا ئۆتىدىغان ئەڭ ئېسىل ۋە ئەڭ مۇۋاپىق يولنى تاللىشىغا كاپالەتلىك قىلشتا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرمىسا، تارىخ ھۆكۈمىتىڭىزگە ئېرقى قىرغىنچىلىقىنى قوللىدى دەپ باھا بېرىدۇ" دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

توم لەنتوس: " بۇ ھەممىمىز ئۈچۈن بىر ئەخلاقى سىناق؛ ئەگەر خىتاي ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلمىسا، مەڭگۈ ‘قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى" گە ساھىبخان بولغان دەپ تونىلىدۇ" دەيدۇ.

دارفۇردا، 4 يىل ئىچىدە 200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ساتقان قوراللارنىڭ كۆپىنچە ھاللاردا، دارفۇردىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا ۋە چاد رايونلىرىدىكى توقۇنۇشلاردا ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە خىتاينى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قورال-ياراق ئېمبارگوسىغا خىلاپلىق قىلىپ سۇدانغا قورال سېتىپ، خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلدى، دەپ ئەيىبلىگەن.

ئەرەپ قوراللىق كۈچلىرىنىڭ تۆت يىللىق ھۇجۇمى ئارقىسىدا، دارفۇر رايونىدا 200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان ۋە ئىككى يېرىم مىليون ئادەم ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ مۇساپىر بولۇپ كەتكەن ئىدى ۋە بۇ ئەرەپ قوراللىق كۈچلىرىنى سۇدان پرېزىدېنتى ئومار ھاسان ئال-باشىر ئاستىرىتتىن قوللىغان دەپ قارالغان ئىدى.

بۇ ھەقتە2- ماي ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا، ئىلېيانا لېتىنەن خانىم: "خىتاي ئۆزىنىڭ قورال-ياراققا نېفىت تېگىشىش پروگراممىسى بىلەن، سۇدان خەلقىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولغان بۇ مۇستەبىت دۆلەت بىلەن شىرىكلەشتى. بۇ قىلمىش دەرھال ئاياقلاشتۇرۇلۇشى كېرەك " دېگەن ئىدى.

مەزكۇر مەكتۇپ خىتاي ئەلچىخانىسىغا چارشەنبە كۈنى ئەتىگەن يەتكۈزۈپ بېرىلگەن.(جۈمە)