خىتاينىڭ چىقىش يولى بىرلا: دېموكراتىيە

2007-10-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى خۇ جىنتاۋ، 17 - قۇرۇلتايدىكى دوكلاتىدا، قۇرۇلتاي ئەزالىرىنى خىتايدا ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا چاقىردى. بۇنىڭ بىللە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ بىر پارتىيىلىك ھاكىمىيەت تۈزۈمىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنىمۇ ئېنىق بىلدۈردى. ئۇنداقتا، خۇ جىنتاۋنىڭ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش چاقىرىقىنىڭ ئەمەلىيلىشىش مۇمكىنچىلىكى بارمۇ؟ بۇ تېمىدا مۇھاكىمە يۈرگۈزىۋاتقانلار ئىچىدە، خىتاي زىيالىيسى لياۋ زىشېڭنىڭ قارىشى مۇنداق: خىتاي دېموكراتىيە يولىغا ماڭماي تۇرۇپ، خىتاي جەمئىيىتىدە ئىناقلىقتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس.

" ھوقۇق بۆلۈشۈۋېلىش يىغىنى"

لىياۋ زىشېڭ، "بوشۈن " تور بېتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، "17 -قۇرۇلتاينى، بىر توپ بيۇروكراتلارنىڭ، بىر زالغا توپلىشىپ ئولتۇرۇپ، ھوقۇق ۋە مەنپەئەت تەقسىماتى ئېلىپ بېرىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس" دەپ كۆرسىتىدۇ.

لىياۋ زىشېڭنىڭ قارىشىچە، ھازىرقى مەسىلە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئۆز خاتالىقىنى تونۇيالماسلىقىدا ئەمەس، مەسىلە ھوقۇقتىن ۋاز كېچەلمەسلىكىدە. خىتاي جەمئىيىتىدىكى ئىناقسىزلىقنىڭ مەنبەسى ناھايىتى ئېنىق ۋە ئاددىي، خىتاي جەمئىيىتىدە، باشقۇرغۇچى قاتلام بىلەن باشقۇرۇلغۇچى قاتلام ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئەركىن خالاش يولى بىلەن ئەمەس زورلاش بىلەن، مەجبۇرى شەكىللەنگەنلىكىدە؛ ئەگەر خىتاي جەمئىيىتىدە خىتاي خەلقى ئۆز باشلىقلىرىنى ئۆزلىرى سايلاپ چىقالىسىلا، پۈتۈن مەسىلىنىڭ يىلتىزى ھەل بولغان بولىدۇ.

"ئۆزارا يول قويۇشۇش كېرەك"

لىياۋ زىشېڭ باشقا سىياسىي ئۆكتىچى يازغۇچىلاردەك، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئاغدۇرۇپ تاشلانماي تۇرۇپ، خىتاي جەمئىيىتى تۈزەلمەيدۇ دەپ قارىغۇچىلاردىن ئەمەس، ئۇ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ، ئىسلاھات يولى بىلەن ھەم ئۆزىنى ھەم خەلقىنى قۇتقۇزالايدىغانلىقىغا ئىشەنگۈچىلەردىن.

شۇڭا ئۇ، نۆۋەتتىكى مەۋجۇت سىياسىي تۈزۈلمىدە مەنپەئەتلىرى توقۇنۇشىۋاتقان ھەر ئىككى تەرەپ مەنپەئەتلىرىدىن قىسمەن ۋاز كېچىشى ۋە بىر-بىرىگە يول قويۇشى كېرەك، دەپ قارايدۇ.

ھەل قىلغۇچ چارە ئەركىن سايلام

لىياۋ زىشېڭ، خىتاي جەمئىيىتىدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئىناقسىزلىقنىڭ سەۋەبىنى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ زومىگەرلىكى دەپ كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇلارنىڭ زومىگەرلىك قىلىشىنىڭ يىلتىزى بولسا، ئۇلار خەلق تەرىپىدىن سايلانماي، يۇقىرىدىن تەيىنلەنگەن بولۇشىدۇر. شۇڭا مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى، ناھىيە ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئەركىن سايلام بىلەن ۋەزىپە ئېلىشى كېرەك، شۇندىلا، ئاساسىي قاتلام ئەمەلدارلىرى خەلقنىڭ نازارىتى ئاستىغا چۈشكەن بولىدۇ، خەلقى ئالدىدا جاۋابكارلىق بولىدۇ؛ يۇقىرىغا خۇشامەت قىلىپ، خەلقنى قاقتى-سوقتى قىلىش ئىستىلىنىڭ يىلتىزىغا پالتا ئۇرۇلغان بولىدۇ.

"باش ئاغرىسا باشنى، پۇت ئاغرىسا پۇتنى داۋالاش كېرەك، بىر دۆۋە قۇرۇق شۇئار بىلەن ھېچ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ" دەپ ئەسكەرتكەن ئاپتور، ناھىيە ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك ئەركىن سايلامنى، بىردىن بىر چىقىش يولى دەپ قارايدۇ ۋە بۇنى ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن پايدىلىق دەپ كۆرسىتىدۇ . يەنى ئاپتورنىڭ قارىشىچە، بۇ يول بىلەن، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۆز خەلقىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلەيدۇ، دۇنيا جامائەتچىلىكى ئالدىدىكى خۇنۈكلەشكەن ئوبرازىنى تۈزىيەلەيدۇ. تېخىمۇ كەلگۈسىدە يۈز بەرگۈسى چوڭ بىر توقۇنۇشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.

پروففېسورلار نىمە دەيدۇ؟

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ، 15 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى خىتاينىڭ شيامېن شەھىرىدە ئېلىپ بارغان خەلقنىڭ رايىنى سىناش زىيارەتلىرىدىن ئېلىنغان جاۋابلار، لىياۋ زىشېڭنىڭ " جۇڭگونىڭ بىردىن بىر چىقىش يولى دېموكراتىيە" دېگەن پىكرىنى قوللاش تەرىپىدە.

مەزكۇر ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىدە جەنۇبىي شەھەر گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى:" بۇ قۇرۇلتاي ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىدۇ دەپ ئىشەنگەن ئادەم ئەقلى بىنورمال ئادەمدۇر" دېگەن. سۈن جوڭشەن ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى ئەي شياۋمىڭ پىكىر بايان قىلىپ، " نېمە ئۈچۈن ئىناق جەمىيەت قۇرۇش شۇئارى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ؟ چۈنكى، ئىناقلىق بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئەلۋەتتە، دېھقاننىڭ يېرىنى كارخانىچى تارتىۋالىدىغان جايدا ئىناقلىق بولمايدۇ" دەيدۇ.

چوڭ ئەندىشە بۇ نۇقتىدا

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاي زىيالىيلىرى ئىچىدە، دېموكراتىيىنى بىردىن بىر قۇتۇلۇش يولى دېگەن پىكىرنى مۇئەييەنلەشتۈرگۈچىلەر بولغىنىدەك، ئىنكار قىلغۇچىلارمۇ ئاز ئەمەس. بۇلاردىن بەزىلىرى، ئاساسىي قاتلام ئەمەلدارلىرى خەلق تەرىپىدىن سايلانسا، خەلق تەرىپىدىن سايلانغان ئەمەلدارلارنىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىدىن ھېساب سورايدىغانلىقى، ۋە ياكى مەركەزگە يەنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە قارىغۇلارچە ئىتائەت قىلمايدىغانلىقى، بۇ سەۋەبلىك خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭمۇ تەھدىتكە دۇچ كېلىدىغانلىقى بۇ سەۋەبتىن، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھەرقانداق بىر شەكىلدىكى ئەركىن سايلامدىن قاچىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر بولسا، خىتاي دېموكراتىيە يولىغا ماڭسا، خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىمۇ مىللىي ئىرادىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان كادىرلار قوشۇنىنىڭ ھاكىمىيەت باشلىرىدىن ئورۇن ئالالايدىغانلىقى،مىللىي مەسىلىلەر ئاشكارا مۇزاكىرە قىلىنىش زېمىنى ھازىرلىنىدىغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن، ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىدە تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەش بولىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىشىدۇ. (شۆھرەت ھوشۇر)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت