خىتاي رەھبەرلىرى دېموكراتىيە دېگەن ئاتالغۇنىڭ مەنىسىنى ئۆزگەرتمەكتە
2007.10.30
خىتاي گېزىتلىرىگە قارايدىغان بولساق، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئورگىنى 'خەلق گېزىتى' ھازىر پۈتۈن مەملىكەتتە 17 - قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ 'جۇڭگوچە سوتسيالىزم' دېگەن ئىدىيىنى تىكلەشنى جىددىي تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ.
بۇ تەشۋىقاتلاردا، 17 - قۇرۇلتاينىڭ 'روھى' نى دېموكراتىيە دەۋاتىدۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم دەۋاتىدۇ. 'شىنجاڭ خەۋەر تورى' دا بايان قىلىنىشىچە، ۋاڭ لېچۇەن ئەپەندىمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ، 17 قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئۆگىنىشنىڭ بىرىنچى باسقۇچى 10 - ئايدىن 11 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئىككىنچى باسقۇچى 12 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولىدۇ، دەپ بەلگىلىگەن.
ۋاھالەنكى، خىتايدا ھازىر مۇنداق بىر چوڭ نەزىرىيە تەرغىباتى بولۇۋاتقاندا، 'يېڭى ئەسىر ژۇرنىلى' دا بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكىدىكى كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئاندرۇ ناتان ئەپەندى "خىتاي رەھبەرلىرى ھازىر دەۋاتقان 'دېموكراتىيە' دېگەن سۆز ھېچقاچان ئادەتتە پۈتۈن دۇنيا بىردەك چۈشىنىدىغان ، غەرب دۆلەتلىرىدە كەڭ كۆلەمدە يولغا قويۇلۇۋاتقان 'دېموكراتىيە' ئەمەس" دەپ كۆرسەتكەن. بۇ پروفېسسورنىڭ ئېنىقلىشىچە، 'خىتايدا ئەمەلدارلارنىڭ خەلق تەرىپىدىن سايلانمايدىغانلىقى، بەلكى ئۇلارنى كوممۇنىست پارتىيە ئۆزى بەلگىلەپ قويىدىغانلىقى، خىتاي رەھبەرلىرى بۇنى دېموكراتىيە دەۋاتقانلىقى، مانا بۇ دەل غەرب ئەللىرىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان ، غەرب ئەللىرىدە ئەركىنلىك ۋە تەرەققىيات تەڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان دېموكراتىيىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان يېرى.
ياللانما ئەدىبلەرنىڭ گەپ ئويۇنى
'يېڭى ئەسر ژۇرنىلى'دا ئېلان قىلغان "خىتايدىكى ياللانما ئەدىبلەر 'دېموكراتىيە' دېگەن ئاتالغۇنىڭ تەبىرىنى ئۆزگەرتمەكتە" دېگەن ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، بېيجىڭنىڭ سىياسىي مۇتەخەسسىسى يۈ كېپىڭ 'دېموكراتىيە دېگەن ياخشى نەرسە' دېگەن بىر ماقالىنى يېزىپ، ئۇنىڭدا "دېموكراتىيە دېگەننىڭ بەلگىسى بىۋاستە سايلام ئەمەس، بەلكى ھاكىمىيەتكە نازارەت قىلىشقا پۇقرالارنى قاتناشتۇرۇشتىن ئىبارەت" دېيىش ئارقىلىق، پۈتۈن دۇنيادا يولغا قويۇلۇۋاتقان دېموكراتىيە تۈزۈمىنى قەستەن بۇرمىلىغان.
'يېڭى ئەسر ژۇرنىلى'دا ئېلان قىلىنغان بۇ ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدىكى بۇنداق ياللانما ئەدىبلەر ھازىر، نومۇسسىزلارچە گەپ ئويۇنى ئارقىلىق 'دېموكراتىيە' دېگەن ئاتالغۇنىڭ تەبىرىنى ئۆزگەرتىپ خەلقنى ئازدۇرماقتا. ئۇلار غەرب ئەللىرىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان، دۆلەتنى تەرەققى قىلدۇرۇۋاتقان 'دېموكراتىيە'نىڭ تەبىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى كوممۇنىست رەھبەرلىرى شەكىل ئورنىدا پايدىلىنىدىغان بىرخىل 'ياخشى نەرسە'گە ئايلاندۇرۇپ بەرمەكتە.
ھەتتا پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكى بولمىغان خەلق مۇستەبىت ھاكىمىيەتكە قانداق نازارەتچىلىك قىلالايدۇ؟
- ياللانما ئەدىبلەرنىڭ ئۆزلىرى بۇرمىلاپ چىققان 'دېموكراتىيە' نى 'جۇڭگوچە سوتسىيالىزم' دېگەن، ئەمما ئەمەلىيىتى ھېچقاچان سوتسىيالىزم بولمىغان يەنە بىر بىمەنە نەرسە بىلەن بىرلەشتۈرگەنلىكىمۇ بىرخىل ناچار 'ئىجادىيەت' ، - دەپ بايان قىلىنىدۇ 'يېڭى ئەسر ژۇرنىلى'دا ئېلان قىلىنغان بۇ ئوبزوردا، - خىتايدىكى بەزى ياللانما ئەدىبلەر 'جۇڭگوچە سوتسىيالىزم' دېگەن، ئەمەلىيەتتە ھەرگىزمۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق بولمىغان بۇنداق شەكىلنى 'پۇقرالار ھاكىمىيەتكە نازارەت قىلىدىغان' تۈزۈم دەپ ئاتاۋاتىدۇ. مۇنداق بىر ئاددى سۇئالغا جاۋاب بەرسۇنكى، ھازىرقىدەك، ھەتتا پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكىمۇ بولمىغان خەلق مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى قانداق نازارەت قىلالايدۇ؟
دۇنيادا ئەھۋالى ئوخشىمايدىغان ھەر قانداق دۆلەتنى تەرەققى قىلدۇرالىغان 'دېموكراتىيە' قانداق قىلىپ خىتايغا باپ كەلمەيدىكەن؟
- بۇنداق ياللانما ئەدىبلەر كوممۇنىست مۇستەبىتلىرى بىلەن بىر گۇرۇھ بولۇشى ناتايىن، دەپ بايان قىلىنىدۇ، - 'يېڭى ئەسر ژۇرنىلى'دا ئېلان قىلىنغان بۇ ئوبزوردا ، - ئەمما ئۇلار مۇستەبىتلەرگە ھەمدۇسانا ئوقۇپ جان بېقىشقا ئادەتلەنگەن ، شۇڭلاشقا ئۇلار نومۇس قىلماستىن، ھەرخىل غەلىتە گەپ ئويۇنى قىلىدۇ. ئەگەر قويۇلغان سۇئاللارغا جاۋاب بېرەلمىسە، دەرھال 'ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ' دەپ باھانە كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە دۇنيادا ئەمەلىي ئەھۋالى ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىگە باپ كېلىۋاتقان ، ئۇنى تەرەققىياتلارغا باشلاۋاتقان ھازىرقى 'دېموكراتىيە' تۈزۈمى قانداق قىلىپ خىتايغا باپ كەلمەيدىكەن؟
ماۋزېدۇڭ، دېڭ شاۋپىڭلارمۇ 'دېموكراتىيە'نىڭ مەنىسىنى ئۆزگەرتىش مەقسىتىگە يېتەلمەي ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى
- دېموكراتىيە دېگەن دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە باب كېلىدىغان نەزىرىيىلا ئەمەس، بەلكى سىناقتىن ئۆتكەن ئەمەلىيەت، ئەمما ياللانما ئەدىبلەر پەقەت مۇستەبىتلەرگە ھەمدۇسانا ئوقۇپ جان بېقىشقا ئادەتلەنگەن ، - دەپ بايان قىلىنىدۇ 'يېڭى ئەسر ژۇرنىلى'دا ئېلان قىلىنغان بۇ ئوبزوردا ، - خىتايدا 'دېموكراتىيە' دېگەن ئاتالغۇ خەلققە ناتونۇش ئەمەس، بۇ ئاتالغۇ ئۆتكەن ئەسرنىڭ بېشىدىلا خەلق ئىچىدە كەڭ غۇلغۇلا قىلىنىشقا، چۈشىنىلىشكە باشلىغان ۋە دېموكراتىيە خەلقنىڭ نەزىرىدە ئاللىقاچان ئىلغارلىق بىلەن قالاقلىق، خەلقچىلىك بىلەن مۇستەبىتلىكنى ئايرىيدىغان ئۆلچەم بولۇپ قالغان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلق دېموكراتىيە تۈزۈمىنى تىكلەش ئۈچۈن ھارماي -تالماي كۆرەش قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. مۇستەبىتلەر، زالىم ئەمەلدارلار خەلق ئارزۇ قىلىۋاتقان بۇ دېموكراتىيىدىن ئۆلگۈدەك قورقۇدۇ، ئەمما ئۇلار ئوچۇق - ئاشكارا قارشى چىقالماي ، ئۇنى بۇرمىلاپ كېلىۋاتىدۇ.
ماۋزېدۇڭمۇ دېموكراتىيىنى بۇرمىلاپ " دېموكراتىيە دېگەن مەقسەت ئەمەس، بەلكى قوللىنىدىغان ۋاستە" دەپ تەبىر بېرىپ، ئۇنى ئۆزگەرتىپ قوللانماقچى، ئۆزىنىڭ مەقسىتى ئۈچۈن قوللىنىدىغان 'ياخشى نەرسە' گە ئايلاندۇرۇۋالماقچى بولغان ئىدى. مەيلى ماۋزېدۇڭ بولسۇن ياكى كېيىنكى دېڭ شاۋپىڭ بولسۇن ، ئۇلارنىڭ ھېچقايسى ئاخىرقى ھېسابتا دېموكراتىيىنى ئۆزگەرتىش مەقسىتىگە يېتەلمەي ئالەمدىن ئۆتتى. ھازىرقىلارنىڭ دېموكراتىيىنى ئۆزگەرتىش مەقسىتىمۇ ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- 17 - قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 'دەسلەپكى تەقسىماتتا ئادىل بولۇش' دېگەن سىياسەت ھەققىدە مۇلاھىزە
- 17 - قۇرۇلتاي ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانداق ياخشىلىق ئېلىپ كېلىدۇ؟
- خىتاي پۇقرالىرى سىياسەتتىن سوۋۇۋاتامدۇ؟
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلار بىرلەشمە كومىتېتى 2007- يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلدى (3)
- خىتاينىڭ چىقىش يولى بىرلا: دېموكراتىيە
- قىرغىزىستاندا، ھازىرقى پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېۋنى قوللايدىغان ئاقجۇل پارتىيىسى قۇرۇلدى
- رابىيە قادىر خانىم، 10 - نۆۋەتلىك خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالى باھالاش كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى
- خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتېيىدىن بۇرۇنقى ئالامەتلەر(4)
- خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتېيىدىن بۇرۇنقى ئالامەتلەر (3)
- خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتېيىدىن بۇرۇنقى ئالامەتلەر(2)
- خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتىيىدىن بۇرۇنقى ئالامەتلەر(1)
- " خۇ جىنتاۋ كومپارتىيە 17 - قۇرۇلتىيىدا جياڭ زېمىننىڭ تەسىرىنى تازىلاشنى مەقسەت قىلىدۇ "