خىتاي رەھبەرلىرى دەۋاتقان دېموكراتىيە ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر داۋاملاشماقتا


2007.11.02

خىتاي رەھبەرلىرى ھازىر 'دېموكراتىيە' دېگەن ئاتالغۇنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ. دېموكراتىيە ھەققىدە سۆزلىسىلا 'پارتىيە ئىچىدە دېموكراتىيىنى يولغا قويۇش ھەققىدىلا سۆزلەيدۇ. لېكىن ئاغزىدىن 'خەلق ئىچىدە دېموكراتىيىنى يولغا قويۇش' دېگەن سۆز چىقمايدۇ. بۇ ھەقتە، ئۆتكەن ھەپتىدە، ئامېرىكىدىكى كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئاندرۇ ناتان ئەپەندى مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، خىتاي رەھبەرلىرى دەۋاتقان 'دېموكراتىيە' ھېچقاچان باشقا دۆلەتلەردە يولغا قويۇلۇپ، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈۋاتقان دېموكراتىيە ئەمەسلىكىنى، خىتاي رەھبەرلىرى بولسا 'دېموكراتىيە' دېگەن ئاتالغۇنىڭ مەنىسىنى ئۆزگەرتىپ، خىتايدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى خەلق سايلىمايدىغان، كوممۇنىست پارتىيە ئۆزى بەلگىلەپ قويىدىغان شەكىلنى 'دېموكراتىيە' دەپ ئاتاۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

ھازىر بۇ مەسىلە ئۈستىدىكى مۇلاھىزىلەردە يەنە يېڭىچە كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

دېموكراتىيىنى خەلققە بەرمەي، كوممۇنىست پارتىيە ئۆز ئىچىدىلا يولغا قويماقچى

خىتايدىكى ئەركىن مۇلاھىزىچى ۋاڭ لىشيۇڭ ئەپەندىنىڭ 'ئامېرىكا ئاۋازى'دا ئېلان قىلغان ئوبزورىدا بايان قىلىنىشىچە، ھازىر خىتايدا دېموكراتىيىنى ئالدى بىلەن كوممۇنىست پارتىيە ئىچىدە يولغا قويۇش كېرەك، دەيدىغان بىرخىل ئىسلاھات تەپەككۇرى مەۋجۇت. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتايدا پەيدا بولغان بۇ خىل تەپەككۇردىكىلەرنىڭ بەزىلىرى مۆتىدىل، يەنە بەزىلىرى رادىكال.

مۆتىدىللىرى 'دېموكراتىيە' نىڭ سىياسىي ئۇقۇم ۋە پائالىيەت ئۆلچىمىنى ئالدى بىلەن كوممۇنىست پارتىيە ئىچىگە ئېلىپ كېرىپ، بىر مەنبەلىك رەھبەرلىكنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. رادىكاللىرى بولسا، كوممۇنىست پارتىيە ئىچىدە سىياسىي كۆز قارىشى بىر-بىرىگە ئوخشىمىغان تەرەپلەر قانۇنلۇق رېقابەتلىشىدىغان كۆپ مەنبەلىك دېموكراتىيىنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ خۇلاسىلىشىچە، بۇ ئىككى خىل تەشەببۇسنىڭ نىشانى يەنىلا بىر. ئۇ بولسىمۇ دېموكراتىيىنى كوممۇنىست پارتىيە ئىچىدىلا يولغا قويۇش، ئەمما خەلق ئىچىدە يولغا قويماسلىقتىن ئىبارەت.

كوممۇنىست ئۆزىنىڭ 'دېموكراتىيە ئىمتىيازى'نى تىكلەشكە مۇھتاج

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر خىتايدا كوممۇنىست پارتىيە رەھبەرلىرى دەۋاتقان 'دېموكراتىيە'دىن ئۈمىدسىزلەنگەن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، دۇنيادا پەقەت دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىدىغان پارتىيىلا ئۆز ئىچىدە دېموكراتىيىنى يولغا قويىدىغان، ئەمما پۈتۈن دۆلەتتە 'دېموكراتىيە' يولغا قويۇلمىغان بىرخىل ئۈلگە يوق.

ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ھەر قانداق ھاكىمىيەت، ئادەتتە ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاجىز نوقتىلىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئىسلاھات ئېلىپ بارىدۇ. لېكىن، 70 مىليون ئەزاسى بار خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھازىر دېموكراتىيىنى ئۆز ئىچىدىلا يولغا قويۇپ ، بىر مىليارد خەلققە مۇستەبىتلىك قىلماقچى، خوڭكوڭدەك رايونلاردا بولسا 'بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم' دەپ ئاتالغان 'تىكەنلىك سىم توساق رىجىمى' نى داۋاملاشتۇرماقچى، قالغان كوممۇنىست پارتىيە ئەزاسى بولمىغان 'توپىلاڭچىلار' ياكى ' سىياسىي مەھبۇسلار' غا قارىتا بولسا قاتتىق زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇ پارتىيە ھازىر ئۆزى ئۈچۈن دېموكراتىيە ئىمتىيازى تىكلەشكە مۇھتاج.

خىتايدىن ئۈمىد ئۈزۈپ، ئۇنىڭ قارىمۇ- قارشى تەرىپىنى قوللاشقا كىرىشكەن دۆلەتلەر كۆپەيمەكتە

'كۆزىتىش ژۇرنىلى' دا ئېلان قىلىنغان "دۇنيانىڭ خىتاي رەھبەرلىرىدىن كۈتكەن ئۈمىدى بەربات بولماقتا" دېگەن ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى2007 ‏- يىلى 1 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنىدىن 2008 ‏- يىلى 10 ‏- ئاينىڭ 17 ‏- كۈنىگىچە بولغان ئولىمپىك مۇسابىقىسى يىلىدا، ئۇچۇر -ئاخبارات ئەركىنلىكىنى يولغا قويۇش توغرىسىدا دۇنياغا بەرگەن ۋەدىسىگىمۇ ھازىر ئەمەل قىلماي ، دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكىنى قاتتىق چەكلەۋاتىدۇ.

ھەتتا مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايدىغان پەقەت ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىدىغان دالاي لامانىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 'تېررورچى' دەپ جاكارلاپ، سىياسىي، دېپلوماتىيە قاتارلىق ھەممە ساھەدە باستۇرۇۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن، دۇنيادا دالاي لامانى قارشى ئېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن قارشىلىشىش يولىغا مېڭىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ.

خىتاي دۇنيانىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈۋاتقان يەنە بىرنەچچە نوقتا

مەزكۇر ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە يەنە، خىتاي گەرچە ئىقتىسادى جەھەتتە دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما سىياسىي جەھەتتە دۇنيانىڭ ئورتاق تۈزۈم سېستىمىسىغا تېخى كىرمىدى. ئۇ ھازىر ئۆزىنى دۇنيادا يېڭىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققان كۈچلۈك دۆلەت دەپ قارايدۇ.

ئەمما دارفۇر پاجىئەسى، شىمالىي كورىيە يادرو كرىزىسى، ئىراندىكى يادرو قورال مەسىلىسى، بېرما مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەردە خىتاينىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىۋاتقانلىقى، ھازىر دۇنيانىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈۋاتقانلىقىمۇ ئېنىق. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.