" خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى جىنايى قىلمىشى ئەڭ ئېغىر ھوقۇقدارلار گۇرۇھىدۇر"
2007.11.28
خىتاي پروفېسسور يۇەن خۇڭبىڭ، بۇ يىل 26 - نويابىر كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئېچىلغان خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى توغرىلىق گۇۋاھلىق يىغىنىدا يازما ئىسپات بەردى. ئۇ ئىسپاتنامىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى جىنايى قىلمىشى ئەڭ ئېغىر بولغان ھوقۇقدار گۇرۇھى دەپ كۆرسەتكەن. پروفېسسور يۇەن خۇڭبىڭ خىتايلار ئارىسىدا مەشھۇر بىر قانۇنشۇناس بولۇپ، ئۇ خىتايدىكى چېغىدا، مەتبۇئات ئەركىنلىكى چەكلىمىگە ئۇچراپ خىتايدىن ئايرىلغان. ئۇ ھازىر ئاۋسترالىيىدە زىيارەتتە. ئۇ ياۋروپا بىرلىكى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغان. يۇەن خۇڭبىڭ سەپەر رەسمىيەتلىرىدە يېتەرسىزلىك بولۇپ، يىغىن مەيدانىغا بارالمىغان، پارلامېنتقا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، ئىسپاتتىن ئۆتكەن.
" ئەركىن بازار ئەمەس، ھوقۇقدارلار بازىرى"
نېمە ئۈچۈن 10 مىنۇتلۇق سۆزلەش پۇرسىتىگە ماقۇل بولدۇم؟ نېمە ئۈچۈن 10 مىنۇتلۇق سۆز ئۈچۈن تاغ-دەريالارنى ئاتلاپ ياۋروپاغا بارماقچى بولدۇم؟ مەن ئادالەت ئىزدەپ يۈرگەن بىر قانۇن تەتقىقاتچىسى بولۇش، خىتايدىكى پاجىئەلەرنىڭ بىر شاھىدى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئىسپات بېرىشنى باش تارتىلماس مەجبۇرىيىتىم دەپ قارىدىم.
ئىسپاتنامىسىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى باشتىن ئاخىر "خىتاي كوممۇنىست ھوقۇقدارلار گۇرۇھى" دەپ ئاتىغان يۇەن خۇڭبىڭ، خىتاينىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈمى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: خىتاي كوممۇنىست ھوقۇقدارلار گۇرۇھى دۆلەت تېررورلۇقى ۋاسىتىسى بىلەن بىر پارتىيىلىك تۈزۈمنى يولغا قويۇۋاتىدۇ، ئۇلار خىتاي خەلقىنىڭ سىياسىي تاللاش ھوقۇقىنى تارتىۋېلىپ، ئىلغار دۇنيانىڭ " خوجايىنلىق ھوقۇقى خەلقتە بولۇش" پرىنسىپىنى دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ.
خىتايدىكى نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ، خەلقنىڭ قېنى، كۆز يېشى ۋە دەرت - ئەلىمى بەدىلىگە بارلىققا كەلگەنلىكىنى، شۇڭا بۇنداق بىر تەرەققىياتنىڭ خىتايدا بۇندىن كېيىن يۈز بېرىدىغان ئاپەت خاراكتېرلىك كرىزىسلارغا ھامىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن پروفېسسور، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتكەن.
خىتاي كوممۇنىست ھوقۇقدارلار گۇرۇھى ئىسلاھات ئارقىلىق يولغا قويغان ئىقتىسادىي سىستېما، بەزىلەر ئىشىنىپ قېلىۋاتقىنىدىكىدەك، ھەقىقىي ئادىل ۋە ئەركىن بازار ئىگىلىكى ئەمەس. ئەركىن بازار ئىگىلىكى پۇقرالارنىڭ قانۇن ئالدىدىكى باراۋەرلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان سىياسىي تۈزۈم ئاستىدىلا ئىشلەش ئىمكانىغا ئىگە بولىدۇ. كوممۇنىست پارتىيە ئەزاسىدىن باشقىلارنىڭ ھاكىمىيەتكە قاتنىشىشى چەكلەنگەن بىر تۈزۈم ھەممىگە بەش قولدەك ئايانكى - دىكتاتور تۈزۈمدۇر؛ دىكتاتور تۈزۈمنىڭ خەلق ئۈچۈن ئەمەس، ھاكىمىيەتنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان شۇ بىر گۇرۇپپىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقى مەدەنىي دۇنيانىڭ ئورتاق قارىشىدۇر. شۇڭا نۆۋەتتە، خىتايدا شەكىللەنگەن ئاتالمىش ئەركىن بازار، ماھىيەتتە، ھوقۇقدارلار ئەركىن بازىرىدۇر. بۇ بازار سىستېمىسى ھوقۇقنى پۇلغا ئايلاندۇرىدىغان سېستىمىدۇر؛ شۇڭا بۇ سېستىمىدىن مەنپەئەتلىنىۋاتقانلار ھوقۇقدارلار گۇرۇھى ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرىدۇر.
ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلار دېھقانلار
ئىسپاتنامىدە يەنە، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي سىياسەتتە ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلارنىڭ دېھقانلار ئىكەنلىكىنى، خىتايدا دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە كۈنلۈك كىرىمىنىڭ بىر يېرىم دوللار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەم خەلقنىڭ تەشكىلاتلارغا ئويۇشۇش، نامايىش ئۆتكۈزۈش ھوقۇقى چەكلەنگەنلىكىنى تەكىتلىگەن يۇەن خىتايدىكى ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت ئەقەللىي تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان سورۇننىڭمۇ يوقلۇقىنى ئەسكەرتكەن.
ئىسپاتنامىدە، خىتاينىڭ كوممۇنىزىمنىڭ ئاخىرقى قورغانى بولۇش بىلەن بىللە، دۇنيادىكى بارلىق دىكتاتور ۋە تېررورچى گۇرۇھلارنىڭ ئارقا تېرىكى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئەينى يىللاردا، كامبودژا كوممۇنىستلىرىنىڭ قىرغىنچىلىقىغا، سېربىيىنىڭ ئېتنىك قىرغىنچىلىقىغا ياردەم بەرگەنلىكىنى، بۇ تۈر قىلمىشلىرىنىڭ بۈگۈنمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن. بۇنىڭ بىلەن بىللە، بىر قانۇنشۇناس بولۇش سۈپىتى بىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىنسانلارنى قۇل قىلىش جىنايىتى، ئىنسانلارنى خورلاش جىنايىتى، كىشىلەرنى كوللېكتىپ يوق قىلىش جىنايىتى ۋە كەڭ- كۆلەملىك قىرغىنچىلىق قىلىش جىنايىتىدىن ئىبارەت 4 تۈرلۈك جىنايەت بىلەن ئەيىبلىگەن. "خىتاي ھۆكۈمىتى يالغۇز خىتاي پۇقرالىرىنىڭلا بېشىدىكى بالا-قازا ئەمەس، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى" دەپ كۆرسەتكەن.
قىزىل كامبودژا سوتتا، قىزىل خىتاي ھاكىمىيەت بېشىدا
نۆۋەتتە، كامبودژادىكى قىزىل كىخمىرلارنىڭ كاتتىۋاشلىرى خەلقئارا سوتقا تارتىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئەنە ئەشۇ جىنايەتچىلەرنىڭ ئۇستازى بولغان خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ دۇنيادا بىر مىليارتتىن ئوشۇق كىشىنىڭ ئۈستىدە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان، يۇەن خۇڭبىڭ خېتىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرغان: مەن يېرىم ئەسىردىن بېرى، باشتىن كەچۇرگەنلىرىمگە ئاساسلانغان قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، خىتايغا قانداق چارە قوللىنىش ھەققىدە ھېچنېمە دېمەيمەن، پەقەت ياۋروپا پارلامېنتىدىكىلەرنىڭ، يەنىمۇ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ھەقىقەتنى كۆرگەندىن كېيىن، ۋىجدانىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئىش تۇتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن."
يۇەن خۇڭبىڭ ئىسپات بەرگەن يىغىن، بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان ياۋروپا ۋە خىتاي ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىش يىغىنىدىن ئىككى كۈن بۇرۇن ئېچىلدى. (شۆھرەت ھوشۇر)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا بىلەن خىتايدىكى پەرقلەرنى بىلىشكە قىزىققۇچىلار ئۈچۈن ئۇچۇرلار (2)
- ساركوزىي كىشىلىك ھوقۇقى ۋە خەلق پۇلى مەسىلىسىدە خۇ جىنتاۋغا نەسىھەت بەردى
- ئالبانىيىدە ياشاۋاتقان ئادىل شۋېتسىيىگە يىتىپ كەلدى
- خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومىتېتى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
- ب د ت 2009 - يىلى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەكشۈرىدۇ
- ياخۇ ئىنتېرنېت شىركىتى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە شى تاۋنىڭ ئائىلىسىدىن ئەپۇ سورىدى
- دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىكى ئىزچىل قامال قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى
- خىتاي رەھبەرلىرى دەۋاتقان 'دېموكراتىيە' ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر داۋاملاشماقتا
- مۇتەخەسسىس مارتىن: خەلقارا تېررورچىلىققا قارشى ھەرىكەت سىياسىي پاناھلانغۇچىلارغا زەربە بېرىپ قويماقتا
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلار بىرلەشمە كومىتېتى 2007- يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلدى (4)
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلار بىرلەشمە كومىتېتى 2007- يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلدى (2)
- مەشھۇر داۋا قايتا سەھنىدە