خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىش مۇمكىنچىلىكى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى (1)
2007.12.27
دېموكراتىيىلىشىش، دۇنياۋىي خاراكتېرلىك تارىخىي ئېقىم. ئامېرىكا 200 نەچچە يىل بۇرۇن، ياپونىيە 60 نەچچە يىل بۇرۇن، رۇسىيە تېخى 18 يىل بۇرۇن دېموكراتىيىلەشتى. خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشى بولامدۇ - بولمامدۇ مەسىلىسى ئەمەس، قاچان بولىدۇ مەسىلىسى. يۇقىرىدا دېيىلگەنلەر، خىتاي دېموكراتچىلىرىدىن جېڭ شىۋۇنىڭ خىتاينى دېموكراتىيىلەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت يوللىرى ناملىق ماقالىسىنىڭ كىرىش سۆزىدۇر.
سىياسىي ئۆزگۈرۈش يولى
خىتاينىڭ دېموكراتىيىگە ئۆتۈشىنىڭ ئۈچ خىل مۇمكىنچىلىك شەكلىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئاپتور، بىر خىل مۇمكىنچىلىك سۈپىتىدە، سىياسىي ئۆزگىرىشنى تىلغا ئالىدۇ. بۇ خىل شەكىلنىڭ رۇسىيىدە غەلىبە قىلىپ قان تۆكۈلۈشنىڭ ئالدى ئېلىنغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتكەن ئاپتور، بۇ خىل يولنىڭ خىتايدىكى مۇمكىنچىلىك نىسبىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ يول غەلىبە قىلىش ئۈچۈن، چوقۇم ھاكىمىيەتنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا ئۆكتىچى پىكىر يەنى دېموكراتىك ئاڭغا ئىگە گۇرۇھ بولۇشى، بۇنىڭ بىلەن تەڭ خەلق ئىچىدە دېموكراتىيىگە قارىتا كۈچلۈك تەلەپ بولۇشى كېرەك. ئەمما بۇ يولدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغىنى ھاكىمىيەت ئىچىدىكى كۈچتۇر."
نۆۋەتتە خىتاي خەلقىدىن كېلىۋاتقان دېموكراتىيە تەلىپى يېتەرلىك دەرىجىدە كۈچلۈك ئەمەس، يەنى تەخىرسىز بىر تەلەپ ئەمەس. ھاكىمىيەت قاتلىمىنى كۆزەتسەك، 4 خىل كۈچ كۆرىلىدۇ: بىرىنچىسى، سابىق كوممۇنىست رەھبەرلەرنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادلىرى؛ ئىككىنچىسى، بۇلارنىڭ قۇدا-باجا، كېلىن-كۆيۇغۇل قاتارلىق ئۇرۇق - تۇغقانلىرى؛ ئۈچىنچىسى، ئىقتىسادىي كۈچىگە تايىنىپ رەھبەرلىك ئورنىنى پۇلغا سېتىۋالغان مەنپەئەتپەرەستلەر. تۆتىنچىسى خوشامەتكە تايىنىپ ئاكتىپ خىزمەتكە تايىنىپ تۆۋەندىن يامىشىپ چىققانلار. ئاخىرقى ئۈچ خىل كىشىلەردە دېموكراتىك سىياسىي ئاڭلا ئەمەس، ھېچقانداق بىر سىياسىي ئاڭ يوق، ساغلام بىر ئەخلاق قارىشىمۇ يوق.
سىياسىي ئۆزگۈرۈش ئاز ئېھتىماللىق
ئاپتور پىكىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: "سىياسىي ئۆزگىرىشنى غايىسى ئۆز مەنپەئەتىدىن ھالقىغان كىشىلەرلا قىلالايدۇ. غايىسى ئۆزىدىن ھالقىغان كىشىلەر ئىككى خىل كىشىلەردىن چىقىدۇ: بىرى، دىنىي ئېتىقادى بار كىشىلەر؛ يەنە بىرسى سىياسىي غايىسى بار كىشىلەر. نۆۋەتتىكى ھاكىمىيەت قاتلىمىدىن مۇنداق سۈپەتتىكى كىشىلەر يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە چىقىشى ئاز بىر ئېھتىماللىق."
ئاپتور، خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشىدە سىياسىي ئۆزگىرىش يولىدىن چوڭ ئۈمىد كۈتۈشكە بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىللە، بۇ يولدىن پۈتۈنلەي ئۈمىد ئۈزۈۋەتمەسلىك كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدا گورباچىپمۇ، يېلتسىنمۇ ئەسلىدە كوممۇنىزم تەربىيىسنى ئالغان كوممۇنىستلاردىن ئىدى. ئەمما دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۇلارنىڭ دۇنيا قارىشىدا تۈپتىن بۇرۇلۇش پەيدا قىلدى. جاڭ كەيشىنىڭ ئوغلى جاڭ جىڭگومۇ ئەسلىدە سوۋىت ئىتتىپاقىدا كوممۇنىست ئاڭدا تەربىيىلەنگەن ئىدى.ئۇ تەيۋەنگە كەلگەندىن كېيىن خەلقارا دېموكراتىك پىكىر ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، ئىدىيىسىدە تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولدى. دېمەك، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيەت قاتلىمىمۇ مۇشۇنداق بىر ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلۈشى كېرەك، ئەمما بۇ، خىتاينى دېموكراتىيىلەشتۈرۈشنىڭ ئاساسلىق يولى بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.
خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشىنىڭ "ئۇيغۇرلارغا پايدىسى يوق" مۇ ياكى "ئاز بولسىمۇ پايدىسى بار" مۇ؟
ئەمدى بىز، خىتاي دېموكراتىيىسى جېڭ شىۋۇنىڭ پىكىرىنى تونۇشتۇرۇشنى مۇشۇ نۇقتىدا توختىتىپ، تېمىنى ئۇيغۇر سىياسىي مۇلاھىزىچىلىرىنىڭ قاراشلىرىغا يۆتكەيمىز.
خىتايدا بولىدىغان ھەر قانداق بىر ئۆزگىرىش ئۇيغۇر مەنپەئەتىگە ۋاستىلىق ياكى بىۋاستە، ئىجابىي ياكى سەلبىي نۇقتىدىن تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى خىتاي دېموكراتىك ھەرىكىتىنى يېقىندىن كۆزىتىدۇ. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئارىسىدا، خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە ھەر خىل قاراشلار مەۋجۇت، بۇلارنى ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىش مۇمكىن.
بىر تۈردىكىلەر، خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھېچ پايدىسىز ھەتتا زىيانلىق دەپ قارايدۇ. بۇ پىكىردىكىلەر، تارىخىي تەجرىبىلەرنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، خىتاي مىللىتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ھەر قانداق بىر پارتىيە ياكى گۇرۇھ خىتاي مىللىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى زىددىيەت ئانتوگونىك زىددىيەت يەنى مۇرەسسە قىلغىلى بولمايدىغان زىددىيەت بولغىنى ئۈچۈن، خىتاي دېموكراتىك ھەرىكىتىدىن ئۈمىد كۈتۈش تارىخنى تەكرارلايدۇ دەپ قارايدۇ ۋە بۇلار خىتاي دېموكراتچىلىرى بىلەن ھەر قانداق بىر شەكىلدىكى ئۇچرىشىش ياكى ھەمكارلىقنى رەت قىلىدۇ.
يەنە بىر تۈردىكىلەر، خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسنى تۈپتىن ھەل قىلمايدۇ، ئەمما، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاز بىر قىسىم ھوقۇقىنىڭ بولسىمۇ قولغا قايتىپ كېلىشىگە ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يەنە بىر قەدەم ئالغا بېسىشىغا سەۋەب بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ قاراشتىكىلەر دۇنيانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق تەلىپىنى قوللاپ ئاشكارا ئىپادە بىلدۈرگەن خىتاي دېموكراتچىلىرى بىلەن، زۆرۈر تېپىلغاندا ھەمكارلىشىشنى زىيانلىق ئەمەس دەپ قارايدۇ. ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئىلشات ئەپەندىنىڭ پىكىرى مانا بۇ خىل قاراشقا ئىگە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مىسالى.
يۇقىرىقىلار، خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى بىر قىسىم قاراشلاردۇر. بۇ تېمىدىكى قاراشلارنى بۇندىن كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا داۋاملىق ئاڭلىتىمىز. (شۆھرەت ھوشۇر)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچى پارتىيە - گۇرۇھلار سايلامدا ئادالەتسىزلىك كۆرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
- ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن 2007 - يىلى قانداق بىر يىل بولدى؟
- ئۇيغۇرلارنىڭ مەتبۇئات ۋە ئىجادىيەت ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلۇشى (1)
- 12 - دېكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى ھەققىدە سۆھبەت
- ۋىنگىرىيىنىڭ پىش شەھىرىدە تېررور مەسىلىلىرى توغرىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى
- خىتاينىڭ خەلقئارا ئاخبارات ساھەسىگە تۇتقان مۇئامىلىسى دۇنيا جامائىتىنى ئەپسۇسلاندۇرماقتا
- " خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى جىنايى قىلمىشى ئەڭ ئېغىر ھوقۇقدارلار گۇرۇھىدۇر"
- ئامېرىكا بىلەن خىتايدىكى پەرقلەرنى بىلىشكە قىزىققۇچىلار ئۈچۈن ئۇچۇرلار (2)
- ساركوزىي كىشىلىك ھوقۇقى ۋە خەلق پۇلى مەسىلىسىدە خۇ جىنتاۋغا نەسىھەت بەردى
- جورج بۇش 9 - نويابىر دۇنيا ئەركىنلىك كۈنىنى خاتىرىلىدى
- خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىكى تازا بوغۇلۇۋاتقان مىنۇتلاردا " مۇخبىرلار بايرىمى" تەبرىكلەندى
- خىتاي رەھبەرلىرى دەۋاتقان 'دېموكراتىيە' ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر داۋاملاشماقتا
- رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر ئاياللار ۋە بالىلار ئەتكەسچىلىكى توغرىسىدا ئىسپات بەردى
- خىتاي رەھبەرلىرى 'دېموكراتىيە' دېگەن ئاتالغۇنىڭ مەنىسىنى ئۆزگەرتمەكتە
- خىتاينىڭ چىقىش يولى بىرلا: دېموكراتىيە