خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىش مۇمكىنچىلىكى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى (2)


2007.12.31

تارىختا ئادالەتسىز جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئىككىلا يولى بولغان. بىرى ئىسلاھات، يەنە بىرى ئىنقىلاب. جەمئىيەت تۈزۈمىنىڭ ۋە قۇرۇلمىسىنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى ئۆزگەرتىش ئىسلاھاتتۇر، پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىش ئىنقىلابتۇر. نۆۋەتتىكى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ مەيلى تۈزۈم، مەيلى قۇرۇلمىسىدىن بولسۇن ساقلاپ قېلىشقا تېگىشلىك ھېچ بىر يېرى يوق. شۇڭا خىتاينى دېموكراتىيىلەشتۈرۈش دېمەك ئىنقىلاب قىلىش دېمەكتۇر.

"ھەربىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق، مەۋجۇد تۈزۈمنى ئۆزگەرتىش يەنە بىر خىل ئىنقىلاب شەكلى"

يۇقىرىدا دېيىلگەنلەر، خىتاي دېموكراتچىسى، جېڭ شىۋۇنىڭ "خىتاينى دېموكراتىيىلەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت يوللىرى" ناملىق ماقالىسىدىن ئۈزۈندىدۇر. ئىنقىلابنى تىنچلىق شەكلىدىكى ئىنقىلاب ۋە زورلۇق شەكلىدىكى ئىنقىلاب دەپ ئىككىگە ئايرىغان ئاپتور، خىتاينى دېموكراتىيىلەشتۈرۈشتە، تىنچلىق يولى ئاساسى يول بولۇش كېرەك دەپ تەشەببۇس قىلىش بىلەن بىرگە زورلۇق يولىنىمۇ نۆۋىتى كەلگەندە چەتكە قاقماسلىق كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە خىتاينى دېموكراتىيىلەشتۈرۈشتە خەلقئارا ئېقىمنى كۆزدە تۇتۇش قانچە مۇھىم بولسا، خىتاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇشمۇ شۇنچە مۇھىم دەپ ئەسكەرتكەن.

خىتاينىڭ دېموكراتىيىگە ئۆتۈشىنىڭ ئىككىنچى مۇمكىنچىلىك شەكلىنى ھەربىي ئۆزگىرىش دەپ قارىغان ئاپتور، بۇ مۇمكىنچىلىكنىڭ نىسبىتى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ مۇنداق دېگەن: "ھەربىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق، مەۋجۇد تۈزۈمنى ئۆزگەرتىش يەنە بىر خىل ئىنقىلاب شەكلى. ھەربىي ئۆزگىرىش قوراللىق بولۇشىمۇ مۇمكىن، تىنچلىق بىلەن بولۇشىمۇ مۇمكىن؛ ئەمما بۇ يەردە ئەڭ مۇھىم مەسىلە، ھەربىي ئۆزگىرىش بىلەن تىكلەنگەن ھاكىمىيەت، دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرەمدۇ - سۈرمەمدۇدىن ئىبارەت."

ئاپتور پىكرىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ: " دۇنيا تارىخىدا، ھەربىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق، دۆلەت تۈزۈمىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن ئەھۋال كۆپ كۆرۈلگەن؛ ئەمما ھەربىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق دېموكراتىيىلەشكەن دۆلەت بولغان ئەمەس. خىتاي تارىخىدا سۇڭ سۇلالىسىدىن كېيىن ھەربىي ئۆزگىرىش بولمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، نۆۋەتتىكى خىتاي ئارمىيىسىدە دېموكراتىك ئاڭ بار-يوقلۇقى ئايرىم بىر مەسىلە."

ئاپتور سۆزىنىڭ خۇلاسىسىدا، خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشىدا ھەربىي ئۆزگىرىشتىن چوڭ ئۈمىد كۈتۈشكە بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. خىتاينىڭ شاڭخەي ئىنقىلابىدىكى ئەسكەر ئىشتىراكىنى، خىتاينىڭ 70 ‏-يىللارنىڭ ئاخىرى سىياسىي ئىسلاھات دەۋرىگە ئۆتۈشتە ھەربىي ساھەدىن يې جىەنيىڭنىڭ رولىنى نەزەردە تۇتقان ئاپتور، ھەربىي ئۆزگىرىشتىن تامامەن ئۈمىد ئۈزۈۋەتمەسلىك كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىدۇ ھەم ھەربىي ئۆزگىرىشنىڭ خىتاينى ئۇدۇل دېموكراتىيە يولىغا باشلىمىسىمۇ، دېموكراتىيىگە ئۆتۈش ئۈچۈن بىر ئۆتكۈنچى باسقۇچ ھازىرلاپ بېرەلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

بىر قىسىم تەشكىلات ۋە شەخىسلەرنىڭ قاراشلىرى

ئەمدى بىز جېڭ شىۋۇنىڭ پىكىرلىرىنى تونۇشتۇرۇشنى مۇشۇ نۇقتىدا توختىتىپ تۇرۇپ، تېمىنى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىغا يۆتكەيمىز.

خىتاي دېموكرات جېڭ شىۋۇ خىتاينى دېموكراتىيىلەشتۈرۈشتە تىلغا ئالغان قوراللىق ۋە تىنچلىق كۈرەش شەكلى مەسىلىسى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدىكى پىكىر ساھەسىدىمۇ پەرقلىق قاراشلار مەۋجۇت . شەرقى تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتى، قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىش يولىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇشتىكى ۋاز كېچەلمەس يول دەپ قارايدۇ. بۇ تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى خىتاينىڭ تېررورچى ئەيىبلىمىسىنى ئىنكار قىلىپ بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېگەن: "دوست ۋە دۈشمەنلىرىمىزگە، خەلقىمىزنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىشنى ۋاز كېچەلمەس يول دەپ قارايمىز."

گېرمانىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقى تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىدە تىنچلىق يولىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئەمما، ۋەتەن ئىچىدە يۈز بەرگەن قوراللىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلەشكە بولمايدۇ دەپ قارايدۇ ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ تەشكىلات ئالدىنقى ئايدا قەشقەردە ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرى ھەققىدە بەرگەن بايانىدا مۇنداق دېگەن: "خىتاي شەرقى تۈركىستاندا، ئۇيغۇر خەلقىنى پىكىر قىلىش ۋە تەشكىلاتلارغا ئويۇشۇش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇردى، تىنچلىق يولىغا ئىمكان بەرمىدى. شۇڭا بىز مەھكۇملارنى ئەركىنلىك جەڭچىلىرى دەپ قارايمىز ھەم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتلىرى دەپ تونۇيمىز."

ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن تۇيغۇنجان ئابدۇۋەلى ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكىرلىرى

سوئال: خىتاي دېموكراتچىسى، خىتاينى دېموكراتىيىلەشتۈرۈش يولىدا، زورلۇق يولىنى يەنى قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىش يولىنى چەتكە قېقىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ، سىزچە بۇ پىكىر ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ئۈچۈنمۇ توغرىمۇ؟

جاۋاپ: ئەلۋەتتە توغرا، ھەتتا بەكرەك كېرەك دەپ قارايمەن. ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈنلا ئەمەس، ئۆزىنىڭ ئىنسانىي تۇيغۇلىرىنى يوقاتمىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈنمۇ زورلۇق يولىغا مېڭىشقا مەجبۇر. قىزلىرى قولىدىن ئېلىپ كېتىلىۋاتقان بىر مىللەت ئۈچۈن، قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىش ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس، قارشىلىق كۆرسەتمەسلىك ئەجەپلىنەرلىك.

سوئال: ئىككى تەرەپنىڭ كۈچ سېلىشتۇرمىسى كۆزدە تۇتۇلسا، زورلۇق ھەرىكەتلىرى ئۇيغۇرلارغا زىيان ئېلىپ كەلمەمدۇ؟

جاۋاپ: دۇنيادا، مۇستەقىللىق كۈرىشى قىلغان مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەسكىرىي جەھەتتىن ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق كۇچ بىلەن كۈرەش قىلغان ۋە ھېچقايسى بىرى ئۆزى بىلەن تەڭ ياكى تۆۋەن كۈچ بىلەن كۈرەش قىلمىغان. ئۇلار دۈشمىنىنىڭ ئاجىز نۇقتىلىرىغا، ئەجەللىك نۇقتىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق دۈشمىنىنى مۇستەملىكىچىلىكتىن ۋاز كەچتۈرگەن . ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە كەلسەك، ئۇيغۇرلار بۈگۈن زىياننى يەتكىچە تارتىۋاتقان مىللەت. پەقەت خىروئىننىڭ ۋە ئەيدىز كېسىلىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ سانى ھېسابلانسا، بۇ يەردە بىر ئۇرۇش چىقىمى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. مېنىڭچە، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۈگۈن زىيان تارتىش مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس، ۋەتەن قولدىن كېتىش بىلەن زىياننىڭ چوڭىنى تارتىپ بولغان. مەن ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدە، خەلقارا قانۇنغا خىلاپ كەلمەيدىغان بارلىق يول، بارلىق شەكىل، بارلىق ئۇسۇل تەڭ سىنىلىشى كېرەك دەپ قارايمەن.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بولسا، ئارىسىدا بار بولغان بۇ پەرقلەرنى پەقەت مىللىي ھەرىكەت داۋامىدا يول ۋە شەكىل جەھەتتىكى پەرقتىنلا ئىبارەتكى، نىشان ۋە غايىدىكى پەرق ئەمەس دېيىشمەكتە. (شۆھرەت ھوشۇر)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.